سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «تور دۇنياسى» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

تور دۇنياسى

WordPress بلوگ سۇپىسىنىڭ 10 يىللىقى

ئون يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، WordPress نىڭ تۇنجى نەشىرى رەسمىي ئېلان قىلىنغانىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئوچۇق كودلۇق بىلوگ سۇپىسى ۋە مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسى بولغان WordPress نىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشىپ، 66 مىليوندىن ئارتۇق توربېكەتنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى، يەرشارىدىكى قاپلاش نىسبىتىنىڭ %18 گە يېتىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز؟

تۇلۇق ئوقۇش
تور دۇنياسى

Nokia N86 8MP يانفۇنىدىكى ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى Android يانفۇنىغا يۆتكەش

يېقىندا Nokia N86 8MP يانفۇنىدىكى ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى Samsung I9050 يانفونىغا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىش كېرەك بولۇپ قالدى، نومۇرلار ئاز بولغان بولسا sim كارتىسى ئارقىلىقلا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلسەم ئاسان بولاتتى، ئەمما ئىچىدىكى نومۇرلار 900 دىن ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋبىدىن ئۇ خىل ئۇسۇلدىن ۋاز كەچتىم. ئۇندىن باشقا كاللامغا يەنە بىر خىل ئۇسۇل كەلدى، يەنى QQ 同步助手 ئارقىلىق Nokia دىن تورغا يوللاپ، توردىن Samsung يانغۇنغا يۆتكەش، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلغا ئېقىم مىقدارى كېتىدىغان بولغانلىقتىن بۇ خىل ئۇسۇلدىنمۇ ۋاز كەچتىم، چۈنكى ئۇ يانفۇنغا ئېىقىم مۇلازىمىتى بىجىرمىگەن ئىكەن.

تۇلۇق ئوقۇش
تور دۇنياسى

ئۇيغۇرچە تىنىش بەلگىلەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يەنە دېسەك، يەنە شۇ گەپ. ئۆزىمىزنىڭ بىباھا ئانا تىل-يېزىقىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلەيلى. تىنىش بەلگىلىرى جايىدا قويۇلۇپ، ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىلغان يازمىلارنىڭ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، يازمىنىڭ جەلپكارلىقى ئاشىدۇ، شۇنداقلا شۇ يازما ئىگىسىنىڭ سەۋىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش
تور دۇنياسى

phpsay مىكروبلوگىنىڭ 140 خەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش

phpsay مىكروبلوگىنىڭ 140 خەت چەكلىمىسى مەندەك ئۆزىنىڭ ئۆز مەقسىتىنى قىسقا مېغىزلىق يېزىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغان، بىر يازسا داستان يېزىپ كېتىدىغانلار ئۈچۈن قەتئىي يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا 140 خەت چەكلىمىسىنى بۇزۇشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟ ئىزدەپ باقسام بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن.

تۇلۇق ئوقۇش
تور دۇنياسى

phpsay يەككە كىشىلىك ئۇيغۇرچە مىكرو بلوگ سىستېمىسى

PHPSay مىكروبلوگ سىستېمىسى بولسا، PHPSay ئەترىتى تەرىپىدىن مۇستەقىل يېزىپ چىقىلغان يەككە كىشىلىك مىكروبلوگ سىستېمىسى بولۇپ، كۆرۈنۈشى شۇنداق ئاددىي ھەمدە سىپتا، قاچىلاش ئوڭاي، مەشغۇلات ئاددىي بولۇشىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.

تۇلۇق ئوقۇش
تور دۇنياسى

DirectAdmin بوشلىقىدا بىر قانچە تور نامىنى غول مۇندەرىجىگە ئۇلاش

DirectAdmin بولسا يېنىك تىپتىكى بوشلۇق باشقۇرۇش سىستېمىسى، كۆپىنچە بلوگىرلارنىڭ بوشلىقى مۇشۇ خىل سىستېمىنى قوللىنىلغان، ئادەتتە ئىقتىدارى بوشلۇقنى باشقۇرۇشقا يېتىپ ئاشسىمۇ يەنە بىر قىسىم كىچىك ئىقتىدارلىرى كەمچىل، بىز بۇنى htaccess. مەشغۇلاتى ئارقىلىق ھەل قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن، سىز prestan.com نى چەكسىڭىز شۇ ھامان ../../../ ئېچىلىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك قىلسىڭىز بولىدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش
تور دۇنياسى

Google Chrome – گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!

گەرچە Google Chrome ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق بولغان ۋە ئاللىقاچان تورداشلارغا تونۇش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بىر پارچە تونۇشتۇرۇش ماقالىسى يېزىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، نېمىلا دېمىگەن بىلەن، ئارىمىزدا تور كۆرگۈ دېسە يەنىلا شۇ IE دىن باشقىنى بىلمەيدىغانلار خېلى كۆپ ساندا ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تور كۆرگۈنىڭ نامى Chrome.

تۇلۇق ئوقۇش
تور دۇنياسى

301 قايتىدىن نىشان بەلگىلەش

301 قايتىدىن نىشان بەلگىلەش دېگەن نېمە؟
تور نامىدا 301 قايتىدىن نىشان بەلگىلەش كۆپ ئۇچرايدۇ، URL نىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن، ئوخشاش بەتلەرنىڭ كۆپ خىل تور نامىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز ئادەتتە تور ناملىرىغا 301 قايتىدىن نىشان بەلگىلەش ئېلىپ بارىمىز. مەسىلەن: سىز ../../../ دېگەن تور نامىنى چەكسىڭىز ئۇدۇل ../../..//blog ئېچىلىدۇ. يۇقىردا ئېيتىلغاندەك قىلىش ئۈچۈن سىز تۆۋەندىكىدەك قىلسىڭىز بولىدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش
تور دۇنياسى

IE نىڭ باشبەت ئۆزگۈرۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

IE توركۆرگۈمنىڭ باشبېتى داۋاملىق بىرقىسىم قارا نىيەتلىك تور بېكەت ياكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش تەسىرىدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن يەنە ئۆزەم ياخشى كۆرگەن بەتكە ئۆزگەرتىمەن، يەنە مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن يەنە ئۆزگەرتىمەن. ئۆزگىرىپ كېتىپ ھېرىپ قالمىدى، مەنمۇ ئۆزگەرتىپ ھېرىپ قالمىدىم، بۈگۈن ئاخىر ئاچچىقىمغا پايلىماي باشبەتنى مىخلىۋېتىش قارارىغا كېلىپ، توردىن ئىزدەپ باقسام ئامالى چىقىپ قالدى. بەزىلەر بۇنى 360 قوغداش قورالى ياكى QQ قوغدا قورالى ئارقىلىق ھەل قىلغان، ئەمما مەندەك بۇ ئىككى قاراۋۇلدىن بىرىنىمۇ قاچىلىمىغانلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئەڭ ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇخىل ئۇسۇل ھېچقانداق يۇمشاق دېتال تەلەپ قىلمايدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش