تور دۇنياسى

Nokia N86 8MP يانفۇنىدىكى ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى Android يانفۇنىغا يۆتكەش

يېقىندا Nokia N86 8MP يانفۇنىدىكى ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى Samsung I9050 يانفونىغا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىش كېرەك بولۇپ قالدى، نومۇرلار ئاز بولغان بولسا sim كارتىسى ئارقىلىقلا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلسەم ئاسان بولاتتى، ئەمما ئىچىدىكى نومۇرلار 900 دىن ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋبىدىن ئۇ خىل ئۇسۇلدىن ۋاز كەچتىم. ئۇندىن باشقا كاللامغا يەنە بىر خىل ئۇسۇل كەلدى، يەنى QQ 同步助手 ئارقىلىق Nokia دىن تورغا يوللاپ، توردىن Samsung يانغۇنغا يۆتكەش، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلغا ئېقىم مىقدارى كېتىدىغان بولغانلىقتىن بۇ خىل ئۇسۇلدىنمۇ ۋاز كەچتىم، چۈنكى ئۇ يانفۇنغا ئېىقىم مۇلازىمىتى بىجىرمىگەن ئىكەن.

توردا خېلە كۆپ ئۇسۇل بار ئىكەن، مەن ئارىسىدىن تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى لايىق كۆرۈپ سىناپ مۇۋاپپىقىيەت قازاندىم. ئاۋال Nokia PC 套件 نامىدىكى يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم، Nokia يانفۇنىنى USB سىمى ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا چېتىپ Nokia PC 套件 يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى كەڭەيتىلگەن نامى csv. بولغان ھۆججەتتە ساقلىۋالدىم. توردىن 豌豆荚 دېگەن يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، Samsung يانغۇننى USB سىمى ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا چېتىپ 豌豆荚 ئارقىلىق csv. ھۆججىتىنى يانفۇنغا قاچىلىدىم، شۇنداق قىلىپ ئىش پۈتتى، تامام.

دوستلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئۇسۇلى بولسا قالدۇرسا، ئورتاقلاشساق بولىدۇ.

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif