سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «ئۇيغۇرچە» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

wordpress تېخنىكىسى

wordpress ئۇيغۇرچە 3.8.1 نەشرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى

wordpress ئۇيغۇچە ئورگان بېتىدە ئۇيغۇرچە wordpress نى تەرجىمە قىلىش توختىغانلىقتىن 3.8.1 نەشرىنى چۈشۈرۈش ئامالىنى قىلالماي قالغانلىقىنى بىر قانچە بلوگىرلار ئېيتىپ ئۆتتى، شۇڭا مەن سىلەرگە ئورگان بېتىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم. دوستلارنىڭ ئورگان بېتىدىن باشقا ھىچقانداق جايدىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتمەسلىكىنى ئەسكەرتىمەن.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

wordpress خەنچە 4.1 نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش

wordpress خەنچە 4.1 نۇسخىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، يېڭىدىن قوشۇلغان تىل تاللاش ئىقتىدارى مىنى ئالاھىدە قىززىقتۇردى، تىل تاللاش رايونىدا ئۇيغۇرچە تىل تاللاش يوق ئىكەن، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باقتىم ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولدۇم. تۆۋەندە مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قەدەم باسقۇچلىرىنى قىسقىچىلا سۆزلەپ ئۆتىمەن.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress قىستۇرمىسى

WP-beFont ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى

مەزكۇر قىستۇرما تەدبىركار تەرىپىدىن بىر قوللۇق ياسالغان ئىجادىي قىستۇرما بولۇپ. WordPress نىڭ 3.5.1 نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى نەشىرىدە ئاپتوماتىك قوشۇلىدىغان JS كىرگۈزگۈچ ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، WordPress نى بۇ يېڭى نەشىرگە كۆتۈرگەندە گەرچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى نورمال بولسىمۇ، بىراق باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدۇ. ناۋادا WordPress 3.5.1 نى يېڭىدىن قاچىلىساق، ئۇنداقتا فونت ۋە كىرگۈزگۈچ ھەر ئىككىسى چىقىرىپ تاشلانغان. گەرچە بۇ يىراقنى كۆزلىگەندە ئاقىلانە تاللاش بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنى نورمال ئۇيغۇرچە ئىشلەتكۈسى بار تورداشلار ئۈچۈن ھېچقانداق تاللاش يولى قويۇلمىغان. مەزكۇر قىستۇرما شۇ ئېھتىياج تۈپەيلى ياسالغان بولۇپ، ئېھتىياجى بار تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

IE ئارقىلىق wordpress كە ئىنكاس يازغاندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولماسلىق مەسلىسىنى ھەل قىلىش

يېڭىدىن بلوگ تەرجىمە قىلىشى ئۆگىنۋاتقان دوستلار دائىم، ئۆزلىرى تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبىنىڭ IE دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدىغانلىقىنى، chrome, firefox قاتارلىق ئەركەك توركۆرگۈلەردە نورمال كىرگۈزگىلى بولىدىغانلىقىدىن بېشى قاتىدۇ، ئەگەر سىز يەنە شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان بولسىڭىز تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبنىڭ footer.php نى ئېچىپ body نىڭ ئاستىغا چاپلاپ قويسىڭىزلا ئىش تامام.

تۇلۇق ئوقۇش
HTML+CSS تېخنىكىسى

تور بەتلەرنى ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش(EOT ۋە CSS)

بۇ تېمىدا توربەتلەردىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى IE, Firefox, Chrome, Safari, Opera قاتارلىق تور كۆرگۈچلەردە نورمال كۆرسىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. تېمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى توربەت لايىھەلىگۈچىلەرگە توربەت يۈزىدە ئۇيغۇرچە يېزىقنى نورمال كۆرسىتىشنىڭ پىرىنسىپى ھەققىدە ساۋات بىرىش. بۇ تېمىنى يېزىشتا W3C ئورگان تورى، مىكروسوفت ئورگان تورى، Mozilla Firefox ئورگان تورى، Google Chrome ئورگان تورى ۋە بىر قىسىم پروگراممىرلار تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئاساس قىلىپ يىغىنچاقلاندى.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

WordPress نىڭ tiny_mce كۈرۈنمە يۈزلۈك تەھرىرلىگۈچىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش

WordPress نىڭ يازما يوللاش بېتىدىكى كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالىتىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تەمىنلەندى.

تەھرىرلىگۈچنىڭ كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالىتىگە IE, Firefox, Chrome لاردا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

تۇلۇق ئوقۇش