WordPress نىڭ يازما يوللاش بېتىدىكى كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالىتىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تەمىنلەندى.
تەھرىرلىگۈچنىڭ كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالىتىگە IE, Firefox, Chrome لاردا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
كىرىشتۈرۈش ئۇسۇلى:
* تەھرىرلىگۈچ يۈزىنىڭ كودىنى NUIedit.js ئىچىدىكى var nuiStyleFont دېگەن جايدىن ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.
* تەھرىرلىگۈچ رايونىنى خەت نومۇرىنى NUIedit.js ئىچىدىكى var nuiStyleFontSize دېگەن جايدىن ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. (خەت نومۇرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن NUIedit.js ئىچىدىكى مۇنداق كودتىكى ئىككى ئورۇندىكى // نى ئېلىۋىتىشنى ئونۇتماڭ.)
//editor
1. ئەڭ ئاۋۋال بۇ NUIedit.js نى چۈشۈرۈپ بوشلۇقىمىزنىڭ مەلۇم جايىغا قويىۋالىمىز. چۈشۈرۈڭ.
* بۇ يەردە بىز wp-content/languages مۇندەرىجىسىگە قويىمىز.
2. شۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ iframe كودى قىستۇرۇلغان بەتكە بۇ NUIedit.js نى ئاسىمىز.
* بۇ يەردە wp-content/languages مۇندەرىجىسىدىكى ug_CN.php غا بۇ كودنى قىستۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
add_action('admin_init','load_nuiedit_script'); function load_nuiedit_script () { wp_register_script('nuiEdit', WP_CONTENT_URL . '/languages/NUIedit.js'); wp_enqueue_script('nuiEdit'); return; }
3. ئاندىن ئاستىدىكى تەھرىرلىگۈچ قوزغىتىدىغان جايغا بۇ كودنى قىستۇرىمىز:
nuiKeyFunc('content_ifr',null);
* بىز بۇ كودنى ئىككى ھۆججەتكە ئىككى يەرگە قىستۇرىمىز. بىرى تەھرىرلىگۈچ قوزغالغان ھامان ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش، يەنە بىرى ھالەت ئالماشقاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش. مەن پەقەت firefox تا سىنىدىم، ھازىرچە نورمال. باشقىلارمۇ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
1) ھۆججەت wp-admin/js/editor.js
ئۈستىدىكى قوزغىتىش فۇنكىسىيە كودىنى ماۋۇ كودنىڭ ئارقىسىغىلا قىستۇرۇڭ.(بۇ كود 1-قۇردا)
var switchEditors={switchto:function(b){
قوشقاندىن كېيىنكى كود مۇنداق بولىدۇ:
var switchEditors={switchto:function(b){nuiKeyFunc('content_ifr',null);
2) ھۆججەت wp-includes/js/tinymce/tiny_mce.js
ئۈستىدىكى قوزغىتىش فۇنكىسىيە كودىنى ماۋۇ كودنىڭ ئارقىسىغىلا قىستۇرۇڭ.
i(r.contentCSS,function(s){r.dom.loadCSS(s)});
قوشقاندىن كېيىنكى كود مۇنداق بولىدۇ:
i(r.contentCSS,function(s){r.dom.loadCSS(s)});nuiKeyFunc('content_ifr',null);
تامام؛
مەن پەقەت firefox تىلا سىنىدىم. wordpress3.4 دا نورمال ئىشلىدى. قىزىقىدىغانلار ئۈستىدىكى ئۇسۇل بۇيىچە سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى جەزملەنگەندىن كېيىن ئۆزگەرتىش بولىقى تەمىنلىسەك بولىدۇ. ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتكەندە زاپاس ساقلىۋېلىشنى ئونۇتماڭ.
كەمىنە پرېستان سىناق قىلىش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەر:
wordpress نىڭ 3.2.7 نەشرىنىڭ tiny_mce.js نىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى كود يوق ئىكەن.
i(r.contentCSS,function(s){r.dom.loadCSS(s)});
3.4.1 نەشرىدىكى tiny_mce.js بىلەن 3.2.7 نەشرىدىكى tiny_mce.js نىڭ پەرقى بار ئىكەن. يېڭىدىن 3.4.1 نەشرىنى چۈشۈرۈپ ئىزدەپ باقسام ئىچىدە يۇقۇردىكى كود بار ئىكەن.
3.4.1 نەشرىدىكى tiny_mce.js نى 3.2.7 نەشرىدىكى tiny_mce.js نىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق سىناق مۇۋپىقيەتلىك بولدى. Chrome نىڭ 22.0.1229.79 m نەشرى.
ئەمدى كۆرۈنۈشلىك ۋە HTML ھالىتى ئۆز ئارا ئاملىشالماي، HTML ھالىتىدە تۇرۇپ قالدى.
تۇلۇق ئېكران ھالىتىگە ئېلىپ كېلىپ، كۆرۈنۈشلەك ھالەتكە ئېلىپ كەلسەم ئۆز ئارا ئاملاشتى، ئاندن كېين تۇلۇق ئېكراندىن چىكىنىپ چىقىپ كىچىك ئېكراندا سىنىسام نورمال ئاملاشتى.
قارىسام مۇنداق ئىشكەن، HTML ھالىتىدە كوپىيە قىلىپ ساقلىغاندىن كېيىن كۆرۈنۈشلۇك ھالەتكە ئۆتمەيدىكەن، ئەمما كۆرۈنۈشلىك ھالەتتە كوپىيە قىلسام نورمال ئاملىشىۋېرىدىكەن. بەلكىم 3.2.7 نەشرىدىكى js نى ئالماشتۇرغاندىن كېلىپ چىققان خاتالىق بولىشى مۇمكىن. ۋاقتىنچە تۇلۇق ئېكراندىن پايدىلىنىپ تۇرسام بولغۇدەك.
يازما مەنبەسى:
نۇرقۇت دۇنياسى: WordPress نىڭ tiny_mce كۈرۈنمە يۈزلۈك تەھرىرلىگۈچىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش