ماۋزونى ئوقۇپ بولۇپ بۇ «قانداق گەپتۇ» دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىراق دوستلارنىڭ ئۈنۈمنى كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم ھېس قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەزكۇر بلوگنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئىزدەش input رامكىسى بولۇپ، ماۋۇسنى رامكىغا ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۈستىدە «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما ماۋۇسنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىپ تۇنجى ھەرىپنى يازغاندا «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنمەيدۇ دە سىز يازماقچى بولغان خېتىڭىزنى يازىسىز، ئەمما بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان input ئىزدەش رامكىسىغا ماۋۇسنى ئېلىپ كېلىپ بىرنى چەكسىڭىز خەت يېزىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرمايلا سۈكۈتتىكى خەت كۆرۈنمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۈگۈن كەينىدىكى ئۈنۈمنى سۆزلەيمىز.
90% تور بەتلەردە ئىزدەش رامكىسى، تىزىملىتىش رامكىسى قاتارلىقلا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا يېزىلغان، تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا javascript نى html نىڭ ئىچىگىلا يېزىپ ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ، خۇددى style نى html نىڭ ئىچگە يېزىپ قويغانداك، ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇل W3C نىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ مەن يەنىلا ئامال بار ئايرىپ يېزىشنى ياقتۇرىمەن.
<input type="text" value="Birni Chekseng Ochimen" onfocus="if(this.value == 'Birni Chekseng Ochimen') this.value = ''" onblur="if(this.value == '') this.value = 'Birni Chekseng Ochimen'" />
ئايرىپ يېزىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 3 باسقۇچنى بېسىپ ئۆتسىڭىزلاز كۇپايە.
html كودى
type="text" id="input_test" value="ئىزدەش" />
jQuery كودى
<script type="text/javascript" src="http://ajax.googleapis.com/ajax/libs/jquery/1.7.2/jquery.min.js"></script>
script نى ئىجرا قىلىش
$(function() { var inputEl = $('#input_test'), defVal = inputEl.val(); inputEl.bind({ focus: function() { var _this = $(this); if (_this.val() == defVal) { _this.val(''); } }, blur: function() { var _this = $(this); if (_this.val() == '') { _this.val(defVal); } } }); })