تورخۇمارنىڭ يانفۇن نەشرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھاياجىنىمنى باسالماي توردىن يانفۇن ئۇسلۇبى ياساش ھەققىدە ئىزدەپ باققان ئىدىم، يارىغىدەك ئۇسۇلدىن بىر قانچىسى ئۇچراپ قالدى، مەزكۇر يازمىدا يانفۇن ئۇسلۇبى ياساش ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمەن.
تۇلۇق ئوقۇش
بەزىدە بلوگىمىزدىكى يازمىلارغا يازمىنىپ ئاپتورى ھەققىدە ئازراق ئىزاھات بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدەك كۆپ ئاپتورلۇق بلوگلاردا بۇ ئىشنىڭ تەقەززاسى تېخىمۇ كۈچلۈك. ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبلىرىدا مەن كەڭ بلوگداشلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يازمىدا ئاپتور ئۇچۇرى چىقىپ تۇرىدىغان ئىقتىدارنى قوشقان ھەمدە بلوگىمدا بۇرۇن «wordpress دا يازما ئاستىغا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى قوشۇش ئۇسۇلى» ناملىق يازما ئېلان قىلىپ بۇ تېخنىكىنى كەڭ بلوگداشلارغا تونۇشتۇرغان. ئەمما، كود بىلەن ھەل بولىدىغان بۇ تېخنىكىنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى بولغاچقا، بىر قىسىم يېڭى بلوگداشلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنى ئىجادىي قىستۇرمام Wp-Aptor ئارقىلىق ھەل قىلدىم. يەنى، Wp-Aptor قىستۇرمىسى ئارقىلىق يازمىلاردا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىماھالىنى كۆرسۈتۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ!...
تۇلۇق ئوقۇش
مەزكۇر قىستۇرما تەدبىركار تەرىپىدىن بىر قوللۇق ياسالغان ئىجادىي قىستۇرما بولۇپ. WordPress نىڭ 3.5.1 نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى نەشىرىدە ئاپتوماتىك قوشۇلىدىغان JS كىرگۈزگۈچ ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، WordPress نى بۇ يېڭى نەشىرگە كۆتۈرگەندە گەرچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى نورمال بولسىمۇ، بىراق باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدۇ. ناۋادا WordPress 3.5.1 نى يېڭىدىن قاچىلىساق، ئۇنداقتا فونت ۋە كىرگۈزگۈچ ھەر ئىككىسى چىقىرىپ تاشلانغان. گەرچە بۇ يىراقنى كۆزلىگەندە ئاقىلانە تاللاش بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنى نورمال ئۇيغۇرچە ئىشلەتكۈسى بار تورداشلار ئۈچۈن ھېچقانداق تاللاش يولى قويۇلمىغان. مەزكۇر قىستۇرما شۇ ئېھتىياج تۈپەيلى ياسالغان بولۇپ، ئېھتىياجى بار تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
بلوگىمنى wordpress 3.5.1 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسغا يېڭىلىغاندىن كېيىن «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، wordpress نىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان تورىغا قاراپ باقسا، بۇ قېتىمقى نەشرىدە «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ئېيتىلىپتۇ، ئۇنداقتا دوستانە ئۇلىنىشنى قانداق قاتىمىز؟ بۇنىڭ ئىشىمۇ ئاسان ئىكەن، ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن «Link Manager» قىستۇرمىنى (ئاپتورى: wordpress) قاچىلاش ئارقىلىق ئۇلىنىش قۇشۇش مەقسىتىمىزگە يېتەلەيدىكەنمىز. باشقۇرۇش تاختىسىدىن (بۇرۇن باشقۇرۇش بېتى دەيدىغان، ھازىر باشقۇرۇش تاختىسى دەيدىكەنمىز ) قىستۇرمىنى ئىزدەپ قاچىلاپ قويساقلا ئىش تامام.
تۇلۇق ئوقۇش
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك WordPress نىڭ ۋىجېت(widget) رايونىغا تېكىست قوشۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق HTML كودى قوشقىلى بولسىمۇ، ئەمما PHP قوللىمايدىغان بولۇپ، يان بۆلەككە مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كەتكەن PHP كودىنى قوشۇش ئۈچۈن يان بۆلەك ھۆججىتى بولمىش sidebar.php نى تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان قىستۇرما دەلWordpress نىڭ ۋىجېت(widget) رايونىنى PHP تونۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يىنىك تىپتىكى قىستۇرما.
تۇلۇق ئوقۇش
WordPress ئىشلىتىۋاتقان بلوگگېرلارغا مەلۇمكى، WordPress نى قاچىلاپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، زور مىقداردا SPAM(ئەخلەت باھا) نىڭ بلوگقا يامغۇردەك يېغىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئۇچۇرلارنى تاللاپ ئۆچۈرۈشمۇ بەك قولايسىز بولۇپ، ئادەتتىكى بۇ خىلدىكى باھالارغا SPAM بەلگىسى قويۇپ قويساق، كېلەر قېتىمدا شۇ ئابونتتىن كەلگەن باھالارنى ئاپتوماتىك سپەملەر قاتارىغا قوشۇۋېتىدۇ. بىراق، بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەرگىزمۇ ھەقىقى ئادەم بولماستىن، بەلكىم مەخسۇس تۈزۈلگەن پروگرامما ئارقىلىق يوللىنىدىغان بولغاچقا، ھەر قېتىمدا بۇ باھالارغا سپەم بەلگىسى قويۇش ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
تۇلۇق ئوقۇش
باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بەزىدە «ئۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ، بۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ» دېگەن خەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ھە ماقۇل دەپ بىرلا يېڭىلاپ قويساق، تەلىيمىزگە ساق يېڭىلانسىغۇ مەيلى، تەلەي كەلمەي قالسا ئۇسلۇبتىكى مەلۇم بىر كود بىلەن پېتىشماي كاشال چىقىدىغان ئىش. يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقاتسىڭىز بولىدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار