بۇ ئۇسلۇبنى ۋەتەن بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى bogbus سۇپىسىدا بلوگ قۇرۇپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئۆزى بىر قوللۇق ياساپ چىققان، كېينچە wordpress سۇپىسىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن بۇ ئۇسلۇب ئىشلىتىلمىگەن، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ۋەتەنگە بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىش ھەققىدە پىكىر بەرسەم ماقۇل كۆردى. ئۇسلۇب ناھايىتى پاكىزە، رەتلىك بولۇپ زىيارەتچىلەر ئەركىن ھېس قىلىدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
بۇ ئۇسلۇبنى بلوگبۇسقا قىزىقىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا ئىنتايىن، ئىنتايىن، ئىنتايىن تەستە ياسىغان ئىدىم، شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم بىر قىسىملا بولۇپ كېتىدۇ، ھېچقانداق css بىلمەيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇسلۇب ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال ئىشلەيدۇ، ئۈزۈممۇ ھەيران نورمال ئىشلىگەنلىكىگە. نېمە سەۋەبتىن ئۆزگىلەر دېگەن ئىسىمنى قويغانلىقىمغا قىزىقساڭلار داۋاملىق ئوقۇڭلار. ھەر قاچان بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، بلوگبۇس تىزىملاتقان ۋاقىتتىلا ئۆزگىلەر دېگەن تەخەللۇستا تىزىملىتىپ
تۇلۇق ئوقۇش
Prestan ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئۇزھال تورىنىڭ ئۇسلۇبنى ئۆرنەك قىلىپ ياساپ چىقتىم. مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دەپ ئۆتسەم، ئەينى ۋاقىتتا ئۇزھال تورىنىڭ WordPress سۇپىسىدا قۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇسلۇبىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ھەۋەس قىلغان ئىدىم. شۇنداقلا ئۇزھال تورى مېنىڭ بۈگۈنكى WordPress قا قىزىقىپ قېلىشىمغا تۈرتكە بولغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئۇسلۇبقا uzhal دەپ ئىسىم قويدۇم.
تۇلۇق ئوقۇش
Prestan ئۇسلۇبنى blogbus سۇپىسىدا بلوگ يېزىپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئۆزەم بىر قوللۇق ياساپ چىققان ئىدىم، نۇرغۇن تورداشلار ئېلخەت ۋە QQ دا خەت يېزىپ ئۇسلۇبنى تارقىتىشىمنى ئېيتقان ئىدى، بىراق ئۆزەم ئىشلەتكەن ئۇسلۇبنىڭ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىمدىن تارقاتمىغان، مانا ئەمدى wordpress سۇپىسىدا بلوگ قۇردۇم، ئۇسلۇبنى تارقاتماسلىقنىڭمۇ ئورنى قالمىدى.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار