Prestan ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئۇزھال تورىنىڭ ئۇسلۇبنى ئۆرنەك قىلىپ ياساپ چىقتىم. مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دەپ ئۆتسەم، ئەينى ۋاقىتتا ئۇزھال تورىنىڭ WordPress سۇپىسىدا قۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇسلۇبىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ھەۋەس قىلغان ئىدىم. شۇنداقلا ئۇزھال تورى مېنىڭ بۈگۈنكى WordPress قا قىزىقىپ قېلىشىمغا تۈرتكە بولغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئۇسلۇبقا uzhal دەپ ئىسىم قويدۇم.
ئۇسلۇب ھەققىدە
uzhal ئۇسلۇبنى Prestan ئۇسلۇبى ئاساسىدا ياساپ چىققان ئىدىم، ئېسىمدە قېلىشىچە ئانچە ھەشەم كەتمىدى. ئاساسلىق رەسىملەرنى ئۇزھال تورىدىن كۆچۈرۈپلا ئېلىپ كەلدىم. ئۆزەمنىڭ سىناق قىلىشىمچە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال ئىشلەيدۇ. بىر قىسىم ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغان يەرلىرىنى چىقىرىپ تاشلىدىم ياكى تەرجىمە قىلمىدىم. مەسىلەن: ئالدى ئارقا بەتتىكى ئورتاقلىشىش، باھا، تەھرىرلەش دېگەن باشلىغۇچى تىزىملىكنى، كالېندارىنى، ئارقا سۇپىغا كىرىش ئېغىزىنى، تارىختىكى بۈگۈن دېگەن ئورۇنلارنى. ئۇلارنى تەرجىمە قىلىش ياكى قوشۇشنى سىلەرگە قالدۇردۇم، قېنى ماھارىتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار. يازمىنىڭ ئوقۇلۇش سانىنى كۆرسىتىدىغان ستاتىكا ئورنى قوشۇپ قويدۇم، يەنى زىيارەت دېگەن خەت شۇ. ستاتىكا قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك قىلىسىز:
زىيارەت سانىنى چىقىرىش ئۇسۇلى
سىز http://blogbusstat.appspot.com/registration غا كىرىپ User: دېگەن ئورۇنغا ئىنگىلىزچە ھەرپ بويىچە تىزىملىتىش نامىڭىزنى يازىسىز، بۇرۇن يېزىلىپ باقمىغان بولىشى كېرەك. Blog: دېگەن ئورۇنغا ئۆزىڭىزنىڭ بلوگ ئادرېسىنى يازىسىز. subimt دېگەننى باسسىڭىز بىر كودنى چىقىرىپ بېرىدۇ. Copy the following code into Index-post and Detail-post بۇ بىرقۇر خەتنى كۆچۈرمەي ئاستىدىكى كودنى تۇلۇق كۆچۈرۈپ، بلوگىڭىزنىڭ ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ index-post,detail-post نىڭ ئەڭ ئاستىغا چاپلايسىز، تامام!
تەكلىپ ۋە پىكىر
مېنىڭچە بىرقىسىم يەرلىرىدە كەمچىلىك بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىغان خاتالىق بولسا ئاۋارچىلىق كۆرمەي خاتالىق كۆرۈنگەن ئورۇننى رەسىمگە تارتىۋېلىپ nijat@live.cn غا ئەۋەتىپ قويساڭلار، شۇنداقلا خاتالىقنى تۈزىتىپ ئۇسلۇبنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ تارقىتىمەن.
تورداشلار كۆپ سورىغان سوئاللار
1.مەن سىز تارقاتقان ئۇزھال ئۇسلۇبىنى ئىشلەتكەن، يان تەرەپتىكى ئېلاننى ئوتتۇرىغا توغرىلاشتا قايسى كودنى تەڭشەيمەن، سىز بەلگىلىگەن چوڭلىقىنى ئۆزگەرتكەن ئىدىم. بولمىسا رەسىمنىڭ ئېنىقلىقىغا تەسىر يېتىپ قالىدىكەن.
جاۋاب: سىز ئەسلىدىكى كودنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىسىز.
ئىزاھات: width=“190″ بولسا كەڭلىكنى، height=“60″ بولسا ئىگىزلىكنى بىلدۈرىدۇ، رەسىمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگەرتىسىز.