ماۋزونى ئوقۇپ بولۇپ بۇ «قانداق گەپتۇ» دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىراق دوستلارنىڭ ئۈنۈمنى كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم ھېس قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەزكۇر بلوگنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئىزدەش input رامكىسى بولۇپ، ماۋۇسنى رامكىغا ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۈستىدە «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما ماۋۇسنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىپ تۇنجى ھەرىپنى يازغاندا «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنمەيدۇ دە سىز يازماقچى بولغان خېتىڭىزنى يازىسىز، ئەمما بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان input ئىزدەش رامكىسىغا ماۋۇسنى ئېلىپ كېلىپ بىرنى چەكسىڭىز خەت يېزىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرمايلا سۈكۈتتىكى خەت كۆرۈنمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۈگۈن كەينىدىكى ئۈنۈمنى سۆزلەيمىز.
تۇلۇق ئوقۇش
پرېستان بلوگىنىڭ سول ئ.ۈستى تەرىپىدىكى Admin دېگەن خەتنى كۆردۈڭلارمىكىن، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بېسىپ قويغان بولسىڭىز ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۇ دەل بۈگۈن مەن سۆزلىمەكچى بولغان باشبەتتە تۇرۇپ بلوگ باشقۇرۇش سۇپىسىغان كىرش رايونى. خېلە كۈنلەرنىڭ ئالدىدا «jQuery ئارقىلىق سەكراپ چىقىدىغان رامكا ياساش» ناملىق يازمامدا مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن، ئەگەر قىززىققۇچىلار بولسا ئېچىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. ئاۋال تۆۋەندىكى رەسىمدىن 3 خىل ھالەتتىكى شەكلىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
تۇلۇق ئوقۇش
ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق بىر ئىقتىدارنى بلوگىمغا قوشسام دەپ ئويلاپ يۈرگەن، مەن سەكرەپ چىقىدىغان رامكىنى نېمە قىلىمەن بىلەمسىلەر؟ بىلمىسەڭلار قۇلاق سېلىڭلار، بلوگ باشبەتنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭىغا بىر كۇنۇپكىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، چەككەندىن كېيىن ئارقا سۇپىغا كىرىش ئېغىزى ياسىماقچى، بۇنداق بولغان ھەر قېتىم wp-admin دېگەن ئارتۇقچە خەتنى بېسىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، كىم مېنى بۇنداق ھورۇن بولۇپ قالسۇن دەپتىكەن.
تۇلۇق ئوقۇش
Javascript نىڭ تور بەتلىرىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغانلىقى ئېنىق، تۆۋەندىكى رەسىم ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ساپ Javascript تىن پايدىلىنىپلا ئەمەلگە ئاشقان، ئادەتتە بىز jQuery ئارقىلىق بۇنداق ئىقتىدارغا ئېرىشىپ كەلگەن، ئەمما jQuery نىڭ سىغىمى بىز قولدا يېزىپ چىققاندىن كۆپ چوڭ، مەسىلەن، jQuery 1.7 نىڭ پرېسلانغاندىن كېينكى سىغىمىلا 90k ئەتراپىدا، ئەمما بىز قولدا يېزىپ چاققاننىڭ پرېسلانغاندىن كېينكى سىىغىمى بولسا پەقەتلا 4k ئەتراپىدا، بۇنداق بولغاندا تور بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ دېگەن گەپ.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار