مېنىڭ بلوگىم ۋە يېقىندا ئېلان قىلغان پرېستان سەلتەنەت ئۇسلۇبىدا بەت يېڭىلىماي ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارى سەپلەنگەن، تېخىچە ئىنكاس يېزىپ سىناپ باقىمغانلار مۇشۇ يازمنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. ئىقتىدارى بەت يڭىلانماي تۇرۇپ ئىنكاسىڭىز بەت يۈزىدە ئاستا پەيدا بولىدۇ، سىز بەت يڭىلىمىسىڭىزلا ئىنكاسىڭىزنى قايتا تەھرىرلەش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز. ئۇسلۇبقا بۇنداق ئىقىتىدار قوشۇشنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى ئانچە يۇقۇرى ئەمەس، بىر قانچە ھۆججەت ۋە كودلارنى ئۇسلۇبقا قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
ئىنكاس يېزىش بلوگىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە باغلاشتىكى قورالى، شۇنداقلا ئىنكاس ئارىسىدا چىراي ئىپادىسى قوشۇلسا، چايغا ناۋات سالغاندەكلا ياخشى ئىش. WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى بەكلا مەتو، مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن چىراي ئىپادىسىنى ئىشلىتىشكە ئامراق، شۇڭا ئۆزۈم شاققىدە بۇرۇنقى چىراي ئىپادىسنىڭ ئورنىغا باشقا چىراي ئىپادىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇ. wordpress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى 22 تال بولۇپ، بىر-بىرىدىن سەت، بەتبەشىرە...ھا ھا... (چىراي ئىپادىسىنى لايىھەلىگەن كىشى بۇ گېپىمنى كۆرسە قانچە تىللا مېنى)
تۇلۇق ئوقۇش
ئالدىنقى قېتىم «WordPress دە يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ يېڭى، كۆپ ئىنكاسلىق، ۋە تەلەيلىك يازمىلارنى چىقىرش» دەپ بىر يازما يوللىغان، يېقىندا ئۇسلۇب ياساش جەريانىدا بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاسلىق يازمىنى چىقىرىش كېرەك بولۇپ قالدى، توردىن ئىزدىسەم بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن، سىناپ باقسام مۇۋپپەقىيەتلىك بولدى. خاتىرە بولۇپ قالسۇن، بۇنىمۇ يېزىپ قوياي.
تۇلۇق ئوقۇش
ئالدىنقى يازمىدا «wordpress تە باشبەت يازمىلارنىڭ بەت نومۇرىنى كۆرسىتىش» ھەققىدە توختالغان، بۇ يازمىدا بولسا مەلۇم يازمىدىكى ئىنكاسلارنىڭ بارلىق بەت نومۇرىنى كۆرسىتىشنى كودى ھەققىدە توختالماقچى. Prestan Simple2 ئۇسلۇبىدا ئىنكاسلارنى بەتكە بۆلۈش ئىقتىدار سەپلەنگەن، دېمەك شۇ ئۇسلۇبقا مۇشۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ دېگەن گەپ.
تۇلۇق ئوقۇش
بىر قانچە كۈن ئىلگىرىمۇ ئاكتىپ ئىنكاسچىلار ھەققىدە «Wrodpress تا ئاكتىپ ئىنكاسچىلارنىڭ ئاستىغا دەرىجە تاياقچىسى چىقىرىش » دەپ بىر يازما يوللىغان، بۈگۈن قولۇم قىچىشىپ ئاكتىپ ئىنكاسچىلار تېمى قۇرۇشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرماقچى، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلدا دەرىجە تاياقچىسى كۆرۈنمەيدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
بلوگىڭىزغا تىز سۈرئەتتە بلوگ ئاستىغا چۈشۈش، ئۈستىگە قايتىش ۋە ئىنكاس يېزىش رايۇنىغا بېرىش كونۇپكىسىنى قوشۇپ قويسىڭىز زىيارەتچىلەرگە ئاز بولمىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيسىز. زىيارەتچىلەر بىرلا بېسىپ بلوگنىڭ ئەڭ ئاستىغا، يەنە بىرلا بېسىپ ئەڭ ئۈستىگە قايتالايدۇ، ئەڭ مۇھىم يازما بېتىدە بىر كونۇپكا بىلەن ئىنكاس رايونىغا بارالايدۇدە سىزنىڭ يازمىڭىزغا ئۈماق باھادىن بىرنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالىدۇ، ئۈنىمىنى مەزكۇر بلوگنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن كۆرۈۋېلىڭ، ئۇنداقتا بىز ئىشنى باشلايلى.
تۇلۇق ئوقۇش
ككۆپىنچە بلوگلارنىڭ يان بۆلىكىدە مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى يازما، ئەڭ كۆپ ئىنكاس يېزىلغان يازما ۋە تەلەيلىك يازمىلار (ئىختىيارى ئالمىشىپ چىقىدىغان يازما) نىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز. بۇ خىل ئىقتىدارنى ھەرخىل قىستۇرمىلار ئارقىلىق چىقارغىلى بولىدۇ، ئەمما مەن قىستۇرمىسىز چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق سىز يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن 3 خىل ئۈنۈمگە تەڭلا ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر سىزمۇ بلوگىڭىزنىڭ بۇنداق ئىقتىدارى بولىشىنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ fonction.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىدىكى < ? بەلگىسىنىڭ ئۈستىگە چاپلايسىز.
تۇلۇق ئوقۇش
ئۇيغۇربەگنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئاكتىپ ئىنكاسچىلارنىڭ باش سۈرئىتىنىڭ ئاستىغا دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان تاياقچە ئورۇنلاشۇرغان ئىدۇق، بىر قانچە دوستلار بۇنداق ئىقتىدارنى قانداق چىقارغانلىقىمىزنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇنداق ئىقتىدارنى قوشقۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتتى، بۇ يازمىدا مۇشۇ ئىقتىدارنى قوشۇش ھەققىدە توختىلىمەن.
تۇلۇق ئوقۇش
بلوگىڭىزدىكى زىيارەتچىلەرنىڭ باھاسىغا سىز جاۋاب قايتۇرسىڭىز، ئاپتوماتلىق ئېلىكترونلۇق خەت ئەۋەتىدۇ، زىيارەتچىلەر بۇ خىل ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆزىگە قايتقان جاۋابنى دەل ۋاقتىدا كۆرەلەيدۇ، ھەمدە بلوگىڭىزغا ئاز بولمىغان ئېقىم ئېلىپ كېلىدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
كۆپىنچە مۇنبەرلەردە «سىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇن ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ» دېگەندەك خەتلەرنى ئۇچرىتىمىز، زىيارەتچىلەر ئىنكاس يېزىپ بولغاندىن كېيىن يۇشۇرۇن مەزمۇن كۆرۈنىدۇ. ئىزدەپ باقسام WordPress كىمۇ شۇنداق ئىقتىدارنى قوشقىلى بولىدىكەن، ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئىقتىدارغا مۇھتاج بولسىڭىز ئۇسلۇبىڭىزغا تۆۋەندىكى كودنى قوشسىڭىز بولىدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار