سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «ئۇيغۇربەگ» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

بلوگ بىلدۈرگۈسى

بۇلانغان تور ناملار كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلماقتا…

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا كەلگەن بوھران تۈپەيلى، تور ناملىرى بۇلانغان كۆپ قىسىم بلوگگېرلار مېنى توغرا چۈشۈنۈشۈپ، يېڭى تور ناملارغا كۆچۈپ بلوگ ھاياتىنى داۋام قىلدى. يەنە بىر قىسىم بلوگگېرلار مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى تىزراق پۈتتۈرۈشۈمگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەندىن سىرت، قولۇم بىكار بولغاندا ئۆزلىرىنىڭ تور ناملارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ، يېڭى تورنامغا كۆچۈشكە ئالدىراپ كەتمىدى. ئاز قىسىم بلوگگېرلار بۇ ئىشنى توغرا چۈشەنسىمۇ، نارازىلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىمۇ شۇنداق تويۇقسىز ۋە شىددەتلىك بولدى، مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يېزىش ئىشىمدىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمىم بۇزۇلدى، بۇ يەردە مۇشۇ پاجىئە تۈپەيلى بلوگلىرى نورمالسىزلاشقان ھەممەيلەنگە خىجىللىقىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرىمەن ھەمدە مېنى قوللاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

تۇلۇق ئوقۇش
بلوگ بىلدۈرگۈسى

سابىق ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ھەقلىق بلوگ مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغان بلوگداشلار دىققەت…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداش:

ئالدى بىلەن ئەينى زاماندا بىزنى قوللاپ، بىزگە ئىشىنىپ، بىزدىن ھەقلىق مۇلازىمەت ئېلىپ، تور نامى ۋە بوشلۇق ئېلىپ بلوگ قۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. پرېستان بلوگىدا ئېلان قىلىنغان ئەھۋالدەك، ئاۋۋال بىر قىسىم تور بوشلۇقلىرى ۋىروس يوقۇپ، توختىتىلغان بولسا، يەنە بىر قىسىم بلوگلارنىڭ تور نامى بۇلاندى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مەن قەستەن ئورۇنلاشتۇرمىغان بولساممۇ، شۇ تاپتا مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئېچىلماي قالغان بلوگ-بېكەتلەرنى ئويلىسام نومۇستىن يېرىلىپ، خورلۇقتىن پارچىنىپ كېتەي دەپ قالدىم، ئەمما كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بلوگلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتىمەن، ھازىر بارلىق بلوگلارنىڭ ساندان-ئۇچۇرلىرى تولۇق.

تۇلۇق ئوقۇش
بلوگ بىلدۈرگۈسى

[كونا يازما] ئۇيغۇربەگگە ئوغرى تەگدى، ھۇشيار بولۇڭلار ئەي بلوگداشلار…

ئۆزۈمنى ۋىروس-پىتلاردىن ناھايىتى يىراق، ئوغرىلىنىشدىن ئۇزاق دەپ قارايتىم، ئۆزەمگە بەك ئىشىنىپ كېتىپتىمەن، قويۇلىشتىن ئامان قالىمەن دەي ئويلايتىم، ئەمما بۇ بىر ئايدا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ تارتقان زىيىنىمنى ئاز دەپ نەچچە قېتىم قويۇلدىم. بۇلارغۇ مەيلىتىغۇ؟ ئەمما… يېقىندا ماڭا يەنە كۆز تەگدى. نەچچە ھەپتە بۇرۇن QQرىمنى ئوغرى ئېلىپ، چوڭ ئاۋارىچىلىق سالغان بولسا، ئەمدى يېقىندا بۇ ئوغرىلار ماڭا يەنە باشقىچە ھۇجۇم قىلىشتى….

تۇنجى بولۇپ ياخو ئېلخېتىمگە پايپال ھېساۋاتىمنىڭ پارولىنىڭ ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى ئۇقتۇرۇشى كەلدى، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي يۈرسەم داداش(Godaddy) ھېساۋاتىمنىڭ پارولىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، غەيرىيلىك ھىس قىلىپ، شۇ ھامان داداشنى ئاچسام دەرۋەقە پارول ئۆزگەرتىلىپ كېتىپتۇ، شۇ ھامان پارولنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ قايتۇرۇپ ئەكەلدىم. ھە ئەمدى بولدى دەپ ئويلاپ تۇرۇپ، ياخو ئېلخەتكە كىرىشىمگە پارول خاتا دېمەمدۇ، ئاچچىغىم مىڭ گەز ئۆرلەپ شۇ ھامان پارولنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ باقسام نۇمۇسسىز ئوغرى ئاللىقاچان پارول ئۆزگەرتىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىپ بوپتۇ…

تۇلۇق ئوقۇش
بلوگ بىلدۈرگۈسى

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ۋەيران بولغانلىق باياناتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار:

تولىمۇ ئازاب ۋە ئەپسۇسلۇق ئىچىدە شۇنى جاكارلايمەنكى، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ۋە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى قاتارلىق بلوگلارنىڭ تور نامى يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلانغانلىقى ئۈچۈن مەزكۈر بلوگلار تور دۇنياسىدىكى مەۋقۇدلىقىدىن ئايرىلىدىغان بولدى. بۇ بلوگلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزگە ئىنتايىن ئېچىنىمىز، شۇنداقلا مۇشۇ بلوگلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە بلوگ-بېكەتلەرنىڭ تەڭلا تاقىلىپ قالغانلىقىغا سەۋەبچى بولغان ئاشۇ نۇمۇسسىز ئوغرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى «ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ» پائالىيىتىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم نامزاتلىققا سايلانغان ئىدى، WordPress سېستىمىسىنىڭ ئۇمۇملىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان نادىر بلوگ ئىدى، بۇ بلوگلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا قاتتىق قايغۇرىمىز، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات(سەل جۇڭگوچە بوپ قالدى، شۇنداقتىمۇ)، شۇنداقلا شۇنى جاكارلايمىزكى uyghurbeg.net، uyghurbeg.com قاتارلىق تور ناملىرى ئاستىدا ئېچىلغان بلوگلار ئاشكارا بايانات بەرمىگۈچە، ئەسلىدىكى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇنداقلا uyghurbeg@yahoo.com ناملىق بۇ ئېلخەتمۇ ئوغىرلانغان بولغاچقا، بۇ ئېلخەت ئارقىلىق قىلىنغان ئالاقە مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يۇقارقى تور نام ۋە ئېلخەتلەر ئارقىلىق كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە مەن ئىگە بولمايمەن.

تۇلۇق ئوقۇش
ئۆزگىچە لايىھەلەر

ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلىدۇق، قانداق تەكلىپ پىكىرىڭلار بار

ئەسلىدىكى ئۇسلۇبنى تەخمىنەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا بىر چەتئەللىكنىڭ ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ لايىھەلىگەن ئىدىم، بۇ قېتىم ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنىڭ بوشلۇقىنى كۆچۈپ بولۇپ ئۇسلۇبقا قايتا تۇتۇش قىلىش قارارىغا كېلىپ قالدۇق. بىر قانچە كۈنلۈك تۈزىتىش رەتلەش ئارقىلىق ئۇيغۇربەگ تۇرايىنىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلاپ چىقتىم، يەنى ئەسلىدىكى كۆرۈنۈش ۋە ئىقتىدارلارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇسلۇبنى قايتا يېزىپ چىقتىم.

تۇلۇق ئوقۇش