ئۆزگىچە لايىھەلەر

ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلىدۇق، قانداق تەكلىپ پىكىرىڭلار بار

ماقالە مۇندەرىجىسى

ئەسلىدىكى ئۇسلۇبنى تەخمىنەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا بىر چەتئەللىكنىڭ ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ لايىھەلىگەن ئىدىم، بۇ قېتىم ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنىڭ بوشلۇقىنى كۆچۈپ بولۇپ ئۇسلۇبقا قايتا تۇتۇش قىلىش قارارىغا كېلىپ قالدۇق. بىر قانچە كۈنلۈك تۈزىتىش رەتلەش ئارقىلىق ئۇيغۇربەگ تۇرايىنىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلاپ چىقتىم، يەنى ئەسلىدىكى كۆرۈنۈش ۋە ئىقتىدارلارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇسلۇبنى قايتا يېزىپ چىقتىم.

ئاساسلىق ئۆزگەرتكەن جايلار:

1. ئىنكاسقا ئىنكاس قايتۇرۇش ئورنى، ئەسلى قىستۇرما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشاتتى، بۇ قېتىم قىستۇرمىسىز ئەمەلگە ئاشىدىغان قىلىندى.
2. يان بۆلەك قىسىمىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن يېزىپ چىقتىم، بۇرۇن php لىق كودنى يەنى google نىڭ ئېلانلىرىنى، ئاكتىپ ئىنكاسچىلارنى قىستۇرما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاششۇرغان، بۇ قېتىم قىستۇرمىنى ئېلىپ تاشلىۋەتتىم.
3. بلوگ ئاستى قىسىمىنى قايتىدىن يېزىپ چىقتىم، بەگ ئىككىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى قوشۇپ قويدۇم.
4. قالغانلىرى كىچىك ئۆزگەرتىشلەر، كېتىپ بېرىپ ئالدىرماي ئۆزگەرتىۋالمەن.

ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدە بىر ئىش، بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىلگەن ئۇسلۇب IE6 نى قوللىمايدۇ، IE6 نى ئىشلىتىپ تورغا چىقۋاتقان دوستلارغا تېزدىن توركۆرسىنىڭ نەشرىنى يۇقۇرلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

uyghurbeg-theme-upgrade-to-ub2

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئىزتىل | 09:19 | 2012.03.9 جاۋاب

    ھەي پرىستان رەسمى قول قويدۇم جۇمۇ سىزگە ؟ ئەمما ماڭا ياردەم قىلىدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىسىز بارغۇ ؟ ;-)

  • تورسودا | 08:20 | 2012.06.4 جاۋاب

    ساز ئۇسلۇب جۇمۇ ئۇ؟ چىرايلىق كۆركەم چىقىپتۇ ، پرىستان بۇرادەر راستتىنلا ئىشنى پۇختا ھەم تولۇق قىلىدىكەنسىز، پرىستان ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىپ كەلگىنىمگە خىلى ئۇزۇن بولدى…
    ماڭا ئەڭ يارىغان يىرى ئارقا سۇپا ساپ ئۇيغۇرچە…..رەھمىتىمنى يەنە بىر قىتىم بىلدۇرىمەن

  • ئەلسۆي | 18:34 | 2013.07.31 جاۋاب

    پرىستان ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىپ باقتىم بەكلا يارىدى بۇ ئۇسلۇپمۇ كۆركەم چىقىپتۇ بولسا ماڭا ئازراق ياردەم قىلغان بولسىڭىز qq نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىز

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif