نۇرقۇت تورىدىن FinalDream مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مېنىڭ بلوگىم ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇب ئىدى. ھازىر بلوگىم توختىتىلدى. شۇڭا بېكار تۇرغىچە بۇ ئۇسلۇبنى ياقتۇرغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇم. ياقتۇرىدىغانلار چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باققايسىلەر».
تۇلۇق ئوقۇش
hexwind ئۇسلۇبىنى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئاپتورى دەل checkerize ئۇسلۇبىنىڭ ياسىغان كىشى، ئەلۋەتتە ئاپتورى بىر بولغاندىكى ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى ۋە لايىھىلەش ئۇسلۇبى ئوخشاش بولىدىغان گەپ. شۇ ۋەجىدىن بۇ قېتىمقى ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىش ئاسانغا توختىدى دېسەم بولىدۇ. دەسلەپكى تەرجىمە قىلىشقا 2 سائەتكە يېقىن ئالتۇندىن قىممەت ۋاقتىم كەتتى(ھى ھى)... ئۇنى تەڭشەش، رەسىم لايىھىلەش ۋە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال قىلىش دېگەندەك پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپ بۈگۈن ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى.
تۇلۇق ئوقۇش
Prestan_1.0 ئۇسلۇبىنى تارقاتقاندىن بۇيان نۇرغۇن بلوگېر دوستلار يېقىندىن ياقتۇرۇپ ئىشلەتتى. بۈگۈن ئېلان قىلماقچى بولغان ئۇسلۇب بولسا Prestan_1.0 ئۇسلۇبىنىڭ ئەسلى نەشىرى بولغان checkerize ئۇسلۇبى، بۇ ئۇسلۇب wordpress نىڭ ئۇسلۇبى. ئەينى چاغدا مەن مۇشۇ ئۇسلۇبتىن ئۆرنەك ئېلىپ Prestan_1.0 ئۇسلۇبنى ياساپ چىققان.
تۇلۇق ئوقۇش
بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، ئەمما بۇ ئۇسلۇبنىڭ تورداشلار بەرگەن باھاغا قارىتا جاۋاب يېزىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن، ئۆزەم قىستۇرمىلارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇراي دېسەم بىرقىسىم خاتالىقلار كۆرۈلۈپ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، شۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچە شۇ يەر بىلەن ھەپىلىشىپ بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشقا ئامال بولماي قالغان. شۇنداقتىمۇ بۈگۈن بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ئەگەردە قايسى بىر تورداش ئۇ ئىقتىدارنى قوشۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز.

ئەڭ يېڭى باھالار