بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، ئەمما بۇ ئۇسلۇبنىڭ تورداشلار بەرگەن باھاغا قارىتا جاۋاب يېزىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن، ئۆزەم قىستۇرمىلارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇراي دېسەم بىرقىسىم خاتالىقلار كۆرۈلۈپ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، شۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچە شۇ يەر بىلەن ھەپىلىشىپ بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشقا ئامال بولماي قالغان. شۇنداقتىمۇ بۈگۈن بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ئەگەردە قايسى بىر تورداش ئۇ ئىقتىدارنى قوشۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز.
ئۇسلۇب ھەققىدە:
1. ئۇسلۇب IE8,Firefox تور كۆرگۈچلىرىدە نورمال، IE6 دە قىسمەن نورمالسىزلىق بار، بىراق ھەر ھالدا بولىدۇ.
2. ئۇسلۇبقا ئۇلانما تورىدا ئورتاقلىشىش ئىقتىدارى قوشۇلدى، سىز پەقەت ئىلتىماس قىلىپ تور بېكىتىڭىزنى ئۇلانما تورىغا قوشۇۋالسىڭىز نورمال ئىشلەيدۇ.
3. يازمىلارنىڭ ئوقۇلۇش قېتىم سانى ھېسابلاش قىستۇرمىسى بولغان wp-postviews قىستۇرمىسى قوشۇلدى، سىز ئارقا سۇپىدىن بۇ قىستۇرمىنى قوشۇپ بولۇپ قوزغاتسىڭىزلا كۇپايە، بۇرۇن قوشۇپ بولغانلار ئۇسلۇبنى بىۋاستە قوزغاتساقلا بولىدۇ.
4. يازما بېتىدە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قىستۇرمىسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. خەتكۈچ ئوخشاش بولغان يازمىلار مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ئورنىدا كۆرۈنىدۇ.
4. يازما بېتىدە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قىستۇرمىسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئېلىپ تاشلاپ، wp_related_posts قىستۇرمىسى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك يازمىلار كۆرسىتىلدى. خەتكۈچ ئوخشاش بولغان يازمىلار مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ئورنىدا كۆرۈنىدۇ. wp_related_posts قىستۇرمىسىنى قاچىلىمىسىڭىز ئۇسلۇب نورمال كۆرۈنمەيدۇ. wp_related_posts قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈش ۋە ئىشىتىلىش ئۇسۇلىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. [2011.06.04]
5. بەت ئۆرۈش ئىقتىدارى قىستۇرمىسىز ھەل قىلىندى، ئەگەر سىز بۇرۇن wp-pagenavi قىستۇرمىسىنى قوللىنىپ بەت ئۆرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىڭىز، بۇ ئۇسلۇبنى قاچىلىغاندا ئۇ قىستۇرمىنى ئاستا ئۆچۈرۋېتىڭ.
6. ئەپسۇسلىنىدىغان بىرلا ئىش، ئىنكاسقا ئىنكاس يېزىش ئورنى نورمال ئىشلىمىدى، بىرقانچە خىل قىستۇرمىلارنى قاچىلاپ باققان بولساممۇ نورمالسىز. ئەگەر بۇ ئىقتىدارنى ئوڭۇشلۇق قوشقان دوستلار بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.
رەسىملىك كۆرۈنۈشى
چۈشۈرۈش ۋە كۆرۈش
[2011.06.04] بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ، ئۇسلۇب قايتا تۈزىتىلدى. تۈزىتىلگەن ئورۇن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قىستۇرمىسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئېلىپ تاشلاپ، wp_related_posts قىستۇرمىسى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك يازمىلار كۆرسىتىلدى. ئەگەر سىز wp_related_posts قىستۇرمىسىنى قاچىلىمىسىڭىز ئۇسلۇب نورمال كۆرۈنمەيدۇ. wp_related_posts قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈش ۋە ئىشىتىلىش ئۇسۇلىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.