ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا كەلگەن بوھران تۈپەيلى، تور ناملىرى بۇلانغان كۆپ قىسىم بلوگگېرلار مېنى توغرا چۈشۈنۈشۈپ، يېڭى تور ناملارغا كۆچۈپ بلوگ ھاياتىنى داۋام قىلدى. يەنە بىر قىسىم بلوگگېرلار مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى تىزراق پۈتتۈرۈشۈمگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەندىن سىرت، قولۇم بىكار بولغاندا ئۆزلىرىنىڭ تور ناملارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ، يېڭى تورنامغا كۆچۈشكە ئالدىراپ كەتمىدى. ئاز قىسىم بلوگگېرلار بۇ ئىشنى توغرا چۈشەنسىمۇ، نارازىلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىمۇ شۇنداق تويۇقسىز ۋە شىددەتلىك بولدى، مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يېزىش ئىشىمدىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمىم بۇزۇلدى، بۇ يەردە مۇشۇ پاجىئە تۈپەيلى بلوگلىرى نورمالسىزلاشقان ھەممەيلەنگە خىجىللىقىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرىمەن ھەمدە مېنى قوللاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئەلۋەتتە، بۇ پاجىئەدە مېنىڭمۇ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىم بار، مەن تور ناملارنى ئىشەنچلىك دەپ گودەددىي(Godaddy)دىن ئالغانلىقىمغا پۇشايمان قىلىپمۇ بولدۇم. ئەمما پۇشايمان قىلغانغا ئىش ئەسلىگە كەلمەيدىكەن، ئۇلارمۇ ماڭا ياكى تۆلەممۇ بەرمىدى، شۇڭا تور ناملىرى يوقالغان تورداشلارغا تۆلەم بېرىشكە ئامالسىزمەن. ئەمما، بوشلۇقى نورمالسىزلاشقان تورداشلارنىڭ تور بوشلۇقلىرىنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاپ، يېڭى بوشلۇققا كۆچكەندە كېتىدىغان ھەقنىڭ ماڭا تىگىشلىك قىسمىنى كۆتۈرۈپ بېرىمەن.
تور ناملىرى شۇنداق مۇھىم بولغان تورداشلار دىققەت: ھازىر بىر قىسىم تور ناملار ئوغرىلار تەرىپىدىن گودەددىي(Godaddy)دە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىۋاتىدۇ، ناۋادا باھاسىنى مۇۋاپىق كۆرسەڭلار،گودەددىي(Godaddy)دىن ھېساۋات ئېچىپ، تور نامنى تالىشىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ. ئارىلىقتا دۇچ كەلگەن مەسىلەڭلەرگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىمەن.
سىلەرنى سۆيۈپ
- مەرھۇم ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىن ئۇيغۇربەگ
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى