ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداش:
ئالدى بىلەن ئەينى زاماندا بىزنى قوللاپ، بىزگە ئىشىنىپ، بىزدىن ھەقلىق مۇلازىمەت ئېلىپ، تور نامى ۋە بوشلۇق ئېلىپ بلوگ قۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. پرېستان بلوگىدا ئېلان قىلىنغان ئەھۋالدەك، ئاۋۋال بىر قىسىم تور بوشلۇقلىرى ۋىروس يوقۇپ، توختىتىلغان بولسا، يەنە بىر قىسىم بلوگلارنىڭ تور نامى بۇلاندى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مەن قەستەن ئورۇنلاشتۇرمىغان بولساممۇ، شۇ تاپتا مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئېچىلماي قالغان بلوگ-بېكەتلەرنى ئويلىسام نومۇستىن يېرىلىپ، خورلۇقتىن پارچىنىپ كېتەي دەپ قالدىم، ئەمما كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بلوگلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتىمەن، ھازىر بارلىق بلوگلارنىڭ ساندان-ئۇچۇرلىرى تولۇق.
ئەمدى بلوگگېرلارغا قىلىپ بېرەلەيدىغىنىم تۆۋەندىكىدەك:
ناۋادا سىز بىزدىن بوشلۇق ئالغان بولسىڭىز
بلوگىڭىزنى ئېچىپ بېقىڭ، بلوگىڭىز نورمالمۇ؟ نورمال بولمىسا مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ. بەلكىم بلوگىڭىز تۇرۇشلۇق بوشلۇق ۋىروس يۇققانلىق تەرىپىدىن يۇيۇلۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، ماتىرىياللىرىڭىزنى تولۇق زاپاسلاپ قويدۇم، مەندىن زاپاس ھۆججىتىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ.
ناۋادا سىز بىزدىن تور نامى + بوشلۇق ئالغان بولسىڭىز
1. ناۋادا بوشلىقىڭىز ۋىروس يوقۇپ ئۆچۈرۈلگەن بولسا بىزدىن زاپاس ھۆججىتىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ ياكى يېڭى بوشلىقىمىزغا كۆچۈڭ(ۋىروس يوققان بوشلۇقنىڭ FTP ئادرېسىدا Weten.net دەپ بار)
2. بوشلىقىڭىز سالامەت ياكى ئاللىقاچان يېڭى بوشلۇققا كۆچۈپ بولغان بولسا، ناۋادا شۇ بوشلۇقلاردا باشقا تور نام بىلەن ئېچىشنى ئويلاشسىڭىز، ئاۋۋال يېڭىدىن تور نامى ئىلتىماس قىلىڭ، ئاندىن مۇلازىمەت ۋاقتىدا ياكى ئېلخەت ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ، يېڭى تور نامىڭىزنى بوشلۇققا باغلىۋېلىڭ.
مۇلازىمەت ۋاقتىم ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى پۈتتۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 10:30~12:00چە بولىدۇ. ئېلخەت ئادرېسىمگە چ چ ئارقىلىق ئېرىشىڭ.
چ چ: 761250477