بلوگ بىلدۈرگۈسى

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ۋەيران بولغانلىق باياناتى

ماقالە مۇندەرىجىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار:

تولىمۇ ئازاب ۋە ئەپسۇسلۇق ئىچىدە شۇنى جاكارلايمەنكى، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ۋە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى قاتارلىق بلوگلارنىڭ تور نامى يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلانغانلىقى ئۈچۈن مەزكۈر بلوگلار تور دۇنياسىدىكى مەۋقۇدلىقىدىن ئايرىلىدىغان بولدى. بۇ بلوگلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزگە ئىنتايىن ئېچىنىمىز، شۇنداقلا مۇشۇ بلوگلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە بلوگ-بېكەتلەرنىڭ تەڭلا تاقىلىپ قالغانلىقىغا سەۋەبچى بولغان ئاشۇ نۇمۇسسىز ئوغرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى «ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ» پائالىيىتىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم نامزاتلىققا سايلانغان ئىدى، WordPress سېستىمىسىنىڭ ئۇمۇملىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان نادىر بلوگ ئىدى، بۇ بلوگلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا قاتتىق قايغۇرىمىز، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات(سەل جۇڭگوچە بوپ قالدى، شۇنداقتىمۇ)، شۇنداقلا شۇنى جاكارلايمىزكى uyghurbeg.net، uyghurbeg.com قاتارلىق تور ناملىرى ئاستىدا ئېچىلغان بلوگلار ئاشكارا بايانات بەرمىگۈچە، ئەسلىدىكى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇنداقلا uyghurbeg@yahoo.com ناملىق بۇ ئېلخەتمۇ ئوغىرلانغان بولغاچقا، بۇ ئېلخەت ئارقىلىق قىلىنغان ئالاقە مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يۇقارقى تور نام ۋە ئېلخەتلەر ئارقىلىق كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە مەن ئىگە بولمايمەن.

 

مەزكۇر ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى مېنىڭ QQ ھېساۋاتىمدا قالايمىقانلىق كۆرۈلدى

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى مەن باشقۇرۇۋاتقان بلوگ بوشلۇقلىرىدا ۋىروس پەيدا بولۇپ، بوشلۇق تەمىنلىگەن بېكەت بۇ بوشلۇقلارنى توڭلىىتپ قويدى

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى uyghurbeg@yahoo.com نامىدىكى ياخو ئېلخېتىمنىڭ پارولى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى، ئوخشاش شۇ كۈنى مۇشۇ ئېلخەتكە باغلانغان Godaddy تور نامى ھېساۋاتىم ۋە Paypal ھېساۋاتىمنىڭمۇ پارولى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇ كۈنى  Godaddyنىڭ مۇلازىمەتچىسىگە تېلىڧون قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان بولساممۇ، ئوغرى مېنىڭ ھېساۋاتىم ئۇچۇرلىرى شۇنداقلا تور ناملىرىنى ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىلىپ بولغاچقا، Godaddy مۇلازىمەتچىسى ماڭا باشقا ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ بېرىشىمنى سورىدى. شۇ كۈنى كەچتە مەن ئۇلار تەلەپ قىلغان ماتىرىياللارنى ئەۋەتتىم.

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى Godaddy ھېساۋاتىمدىكى تور ناملىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئۆزگەرتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى ھەمدە مۇشۇ ناملار ئاستىدىكى بلوگ-بېكەتلەر ئېچىلمىدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى Godaddy مۇلازىمەت مەركىزىدىن خەۋەر كېلىپ، مەن ئەۋەتكەن ماتىرىياللار مېنىڭ ھېساۋاتىمنىڭ ھازىرقى ئۇچۇرلىرى بىلەن ماس كەلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئەرزىمنى قايتۇرۇۋەتتى. شۇ كۈنى، يەنە بۇرۇنقى ئۇچۇرلارنى تولۇقلاپ، ئېلخەت ئەۋەتتىم، ئەمما…

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، يەنى بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدمۇ يوق بولدى…

ئاخىرقى سۆز

شۇ تاپتا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يېزىۋاتقان، مۇشۇ ئىش تۈپەيلى 4 كۈن ۋاقتىم ۋەيران بولدى، يەنە زېھنىمنى چاچسام بولمايتى، شۇڭا ئامالسىز يەنە تىركىشىشدىن ۋاز كەچتىم، ئەمما ئارىلىقتا بوش ۋاقىت تاپساملام تور ناملارنى قايتۇرۇپ ئەپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن، ناۋادا ئەپكېلەلمىسەم، شۇ سەۋەبلىك بلوگلىرى نورمال ئېچىلماي قالغان بلوگداشلارنىڭ مېنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا، نەچچە يىلدىن بىرى بىزنى قوللاپ كەلگەن ۋە ياردەم بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، نەچچە يىللىق بلوگچىلىق ھاياتىمدا سىلەر بىلەن نۇرغۇن خۇشاللىقلارغا ئېرىشكەن ئىدىم، سىلەرنى سۆيۈپ:

- م . نىياز ئەلقۇت(ئۇيغۇربەگ)

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئولۇغ جۈمە كۈنى

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



15 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئالپبەگ | 17:22 | 2013.04.12 جاۋاب

    ئەھۋالنىڭ بۇ قەدەر ئېچىنىشلىق بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بېگىم ئاۋال ماقالىلىرىنى پۈتتۈرۋالسىلا. قالغان ئىشلارنى ماقالىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ھەپىلىشىپ باقارلا. بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتىدۇ. :sad:

  • turkzat | 17:27 | 2013.04.12 جاۋاب

    بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى……..

  • دىلبىر | 17:32 | 2013.04.12 جاۋاب

    قايسى نۇمۇسسىز،ئىپلاس گۇي قىلغاندۇ بۇنى؟تېپىۋالساق چاناپ-چاناپ چانايمىز.ئەگەر چەتئەللىك بولسا ئامال يوقتە. :evil:

  • يولۇچى | 17:35 | 2013.04.12 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇبەكلا ئەپسۇسلىنارلق خەۋەر بوپتۇ ئۇنداقتا ئۇيغۇربەگ ئارقىلىق ئالغان تور ئىسىملىر ۋە بوشلۇقلارنىڭ ھەممىسى بىكار بۇلدىكەندە مىنىڭ تور بىتىم مۇ ئېچىلمايۋاتىدۇ بۇگۇن
    http://www.yuluqi.com http://www.yuluqi.net بۇ ئىككى ئىسىمنى ئالغانتىمwww.yuluqi.net نىڭ بوشلۇقىنى ئالغانتىم ھازىر ئىككىلى ئىسىم ئېچىلمايۋاتىدۇ

  • تەشنايى | 17:36 | 2013.04.12 جاۋاب

    مەن باشقا تورنام تاپقان ئىدىم، ئوغۇرلانغان تور نامىمنى كىرگۈزسە يىڭى تور نامدىكى ئىسىمغا يۆتكىلىدىغان قىلماقچى ئىدىم، لېكىن تور نام بشقۇرۇش ھوقۇقى پىقىردا ئەمەس، بېگىم باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئوغىرىغا تارتقۇزۇپ قويغانمىدۇ؟ 域名重定向 دەيدىغان بىر ئىش باكەنتۇق…

  • رىنات | 19:44 | 2013.04.12 جاۋاب

    ھەي… بۇ بەكلا ئېچىنىشلىق ئىش بوپتۇ..بوغۇلۇق بوپتۇ، ئەمدى تورنام ياكى بوشلۇق سېتىۋالغان باشقا بلوگگىرلىرىمىزنىڭمۇ بەگنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يېزىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇنداق قىيناپ كەتمەي توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خۇدايىم بۇيرىسا ئىشلار ئىزىغا چۈشكىسى. سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتەيلى…

  • ئۇيغۇربەگ | 09:52 | 2013.04.13 جاۋاب

    [بەگلىك پاجىئەسى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر] سانسىز قېتىملىق سىناش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئوغرىلانغان ئىككى ئېلخەت ئادرېسىمنى قايتۇرۇپ ئەپكەلدىم شۇنداقلا ئاشۇ ئوغرى ھەققىدە ئازراق مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم، مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى بۇ ئوغرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ كىشىلەردىن ئىكەن…

    • ۋەھىمە | 15:49 | 2013.04.13 جاۋاب

      بىزدىن دەڭە بۇ ئوغىرىنى ، تۇتىۋالىدىغان بولساق قىيما چىما قىلىۋىتەتۇق ، ئەجەپ ئىش بولۇپتۇ ، تۇنۇگۇن كەچ تە چچ نى ئاچسام bbt غا سىللە يولىغان ئۇچۇر كىلىپ تىكەن كوڭلۇم بىرقىسمىلا بولۇپ قالدى ،

  • ئۇيغۇربەگ | 09:52 | 2013.04.13 جاۋاب

    ھازىر مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقە قىلىپ تور ناملىرىم ھەققىدە ئىسپات ۋە گۇۋاھلىق ئۇچۇرى توپلاۋاتىمەن، پات يېقىندا Godaddy بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۈچۈنچى قېتىملىق ئەرزىمنى باشلىماقچى. ئاللاھتىن مەدەت تىلەيمەن…

  • رىتا1028 | 15:10 | 2013.04.13 جاۋاب

    تۆۋە قىلدىم .
    بۇنى ئەمدى مەقسەتلىق ،نىشانلىق ،غەزەرلىك قىلغان ئوغرىلىق دەمدۇق ؟ :???:

  • ھايات | 11:52 | 2013.04.14 جاۋاب

    ئالدى بىلەن ئۇيغۇربەگنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلىرى بىر باشقا چىقىۋالسۇن ، ئۇنىڭدىن كىيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە بۇ ئوغرۇلۇق ۋەقەسىنىىڭ سىرىنى تېپىپ چىقىشىڭلار كېرەك ، بۇنىڭغا يول قۇيۇلسا قەتئى بولمايدۇ .شۇنداق مۇكەممەل بىر تور قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇنداق ئاسان ۋەيران بۇلىشىغا
    قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

  • ئىزتىل | 11:20 | 2013.04.16 جاۋاب

    نېمە ؟ نېمانداق ئېچىنىشلىق ئەھۋال يۈز بەردى ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تورغا چىقىپ بولالماي بلوگ ساھەسىدە بۇنچىلىك چوڭ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ كەتكەنلىكىدىن بىخەۋەر يۈرۈپتىمەن دە . قايغۇرماڭ ئۇيغۇربەگ ، بارلىق ئىشلار ياخشىلىنىپ كەتكۈسى . ئەگەر سىز شۇ نۇمۇسسىزنىڭ ئۇچۇرى ، ئەڭ ئاددى بولغان تېلفۇن ياكى ئىسىم ، ياكى بولمىسا كىملىك نۇمۇرلىرىدىن بىرنى ماڭا تەمىنلەپ بېرىڭە مەن ئىزدەپ باقاي ، بەلكىم سىزگە ياردىمى تېگىپ قالار .

  • باياۋان | 18:28 | 2013.04.18 جاۋاب

    ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن ، سىز بىلەن ھەپىلەشكەن پەسكەشلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن .

  • قاسىمجان | 23:10 | 2013.04.24 جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ئۇيغۇر بەگ، مەنمۇ بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بەك ئەپسۇسلاندىم،،، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسانلىق بەرسۇن .!

  • سەيياھ | 23:53 | 2013.07.8 جاۋاب

    سىز ئىسىمنى چەتئەللكلەردىن ئالغۇچە ئۇيغۇرلاردىن ئالغان بولسىڭىز بوپتىكەن ئۇيغۇرلاردىن ئالغان بولسىزڭىز قايتۇرۇپ كەلمەك ئاسانغا چۈشەتتى

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif