wordpress قىستۇرمىسى

Spam دېگەن نېمە؟ WordPress نىڭ Akismet قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن قۇتۇلۇش

ماقالە مۇندەرىجىسى

WordPress ئىشلىتىۋاتقان بلوگگېرلارغا مەلۇمكى، WordPress نى قاچىلاپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، زور مىقداردا SPAM(ئەخلەت باھا) نىڭ بلوگقا يامغۇردەك يېغىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئۇچۇرلارنى تاللاپ ئۆچۈرۈشمۇ بەك قولايسىز بولۇپ، ئادەتتىكى بۇ خىلدىكى باھالارغا SPAM بەلگىسى قويۇپ قويساق، كېلەر قېتىمدا شۇ ئابونتتىن كەلگەن باھالارنى ئاپتوماتىك سپەملەر قاتارىغا قوشۇۋېتىدۇ. بىراق، بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەرگىزمۇ ھەقىقى ئادەم بولماستىن، بەلكىم مەخسۇس تۈزۈلگەن پروگرامما ئارقىلىق يوللىنىدىغان بولغاچقا، ھەر قېتىمدا بۇ باھالارغا سپەم بەلگىسى قويۇش ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

ساۋاتسىزلارنى تازىلاش – SPAM دېگەن نېمە؟

SPAM دېگىنىمىز، ئەخلەت ئېلان ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك يوللاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن مەخسۇس ماشىنا پروگراممىسىدا يوللانغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئادەتتىكى ئەخلەت ئۇچۇرلار بىلەن بولغان پەرقى: ئالدىنقىسى مەخسۇس تۈزۈلگەن پروگرامما ئارقىلىق توپ ھالدا نەچچە يۈزلىگەن ئۇچۇرنى بىراقلا يوللايدۇ، كېيىنكىسى بولسا، بىر قىسىم ئەخلەت ئۇچۇر يوللايدىغانلار، بلوگقا ئۆزى كىرىپ يوللايدىغان «مەدەنىي ئەخلەت»لەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا WordPress تىمۇ SPAM دېگەن سۆز ئەخلەت دېگەن سۆز بىلەن پەرقلەندۈرۈلۈپ، سىپەم دەپ ئېلىنغان.

سپەمگە قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟

ئەمەلىيەتتە، WordPress نى قاچىلىغان چېغىمىزدا، ئۆزىدە تەمىنلىگەن Akismet ناملىق قىستۇرما ئارقىلىق بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك توسۇشقا بولىدۇ. يەنى Akismet نى قوزغاتقاندىن كېيىن، بۇ SPAM ئۇچۇرلارغا بىز مەخسۇس SPAM بەلگىسى قويۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. Akismet ئۆزىدىكى ئامبارغا ئاساسەن نۆۋەتتىكى ئۇچۇرنىڭ سپەم ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك ھالدا سپەم ساندۇقىغا يوللىۋېتىدۇ. بىز پەقەت ۋاقىت چىقىرىپ توپ ھالدا سپەم ساندۇقىنى تازىلاپ قويساقلا كۇپايە.

Akismet ئارقىلىق SPAM توسۇش

WordPress نىڭ باشقۇرۇش قىسمىدىن قىستۇرما دېگەن ئورۇنغا كىرىمىز ۋە Akismet قىستۇرمىسىنى تېپىپ قوزغىتىمىز. بۇ چاغدا، قىستۇرما دېگەن تۈرگە ئاكىزمېت سەپلىمىلىرى دېگەن بىر تۈر قوشۇلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، Akismet نى نورمال ھالەتتە قوزغىتىپ قويغان ھالەتتىمۇ، تېخى رەسمى ئىشقا كىرىشمىگەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز Akismet نىڭ بىر دانە API ئاچقۇچىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

  • ئاۋال http://akismet.com دېگەن ئادرېسنى ئېچىپ، Akismet نىڭ ئورگان تور بېكىتىگە بارىمىز.
  • ئاندىن كۆك رەڭلىك get started دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.
  • ئەمدى Find a plan دېگەن ئورۇندىن personal blog دېگەن تۈرنى تاللاپ قويساق بولدى.
  • ئەمدى چىققان ئورۇنغا تەرتىپ بويىچە، فامىلە، ئىسىم، ئېلخەت، يەنە ئېلخەت، سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئادرېسى(چوقۇم تولدۇرۇش شەرت ئەمەس) قاتالىقلارنى تولدۇرۇپ، Continue دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.
  • ئوڭ تەرەپتىكى دوللار سانىنى 0 گە ئېلىپ كېىمىز.
  • ئەڭ ئاخىرىدا  Continue نى باسىمىز.
  • ئەمدى بىزنىڭ بايا تولدۇرغان E-mail ئادرېسىمىزغا، بىزگە بېرىلگەن Akismet API Key نى ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
  •  ئەمدى ئېلخەتنى ئاچساق، Your new Akismet API key دېگەن تېمىدا ئەۋەتىلگەن بىر يېڭى ئېلخەتنى بايقايمىز. ئىچىنى ئېچىپ ئىككىنچى قۇردىكى Your Akismet API key is نىڭ كەينىدىكى كودنى كۆچۈرىۋالىمىز ۋە WordPress نىڭ باشقۇرۇش قىسمىدىكى قىستۇرما- ئاكىزمېت سەپلىمىلىرى دېگەن ئورۇندىكى ئاكىزمېت API ئاچقۇچى دېگەن ئورۇنغا كىرگۈزۈپ، تاللاشنى يېڭىلاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.  ناۋادا، ئاچقۇچىڭىز تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، بلوگقا مەرھەمەت دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنگەن بولسا، ئۇنداقتا مەشغۇلاتلار تۈگىگەن بولىدۇ.

دۇنيا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جىمجىتلىققا چۆمدى

قانداق؟ ئاكىزمېتنىڭ بىڭسى قانداقراقكەن؟ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، Akismet نىڭ ئەخلەت ئۇچۇرلارنى توسۇش نىسبىتى 99% تىن ئاشىدىغان بولۇپ، تەدبىركارنىڭ بۇ نەچچە ئايلىق ئىشلىتىش تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، تېخى توردىن چۈشۈپ قالغان بىرەر سپەمنى بايقىمىدىم. ئەكسىچە، ئاكىزمېت بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، ھەتتا بىر قىسىم ئىسىم ياكى ئېلخەت ئادرېسى قالايمىقان، باھا مەزمۇنىدا ئۇلانمىلار ھەددىدىن زىيادە كۆپ باھالارنى كۆرگەندە، بۇنىمۇ سپەم دەپ قاراپ سپەم ساندۇقىغا يوللىۋېتىدىكەن. بۇنداق ئەھۋال نەچچە ئونمىڭنىڭ ئىچىدىن بىرەرسى ئۇچرايدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا سپەم ساندۇقىنى تازىلىغاندا، يەنە ئازراق كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىپ، نورمال باھالار كىرىپ قالدىمۇ يوق، بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قويغان ياخشى.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

ناۋادا سىز ئىلگىرى Akismet نى كېرەكسىز قىستۇرما دەپ قاراپ ئۆچۈرىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا قىستۇرما ئىزدەش ئورنىغا Akismet دەپ يېزىپ قاچىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. بىراق، ئۇيغۇرچە نەشىردىكى ئاكىزمېت قاچىلىنىشى ناتايىن. ئەلۋەتتە، WordPress نىڭ كېلەر قېتىملىق نەشىرىنى يېڭىلىغاندا، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئاكىزمېت قىستۇرمىسىمۇ تەڭ يېڭىلىنىشى مۇمكىن.

يازما مەنبەسى:

تورخۇمارلار كۇلۇبى: Spam دېگەن نېمە؟ WordPress نىڭ Akismet قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن قۇتۇلۇش

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئۇدۇنبەگ | 10:05 | 2012.05.6 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ ئاتىغاندەك ئاكام سەمەت دەپ ئالماپسىز ھە !!! ;-)

    • پرېستان | 10:31 | 2012.05.6 جاۋاب

      تورخۇماردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن، شۇڭا ئۆز پېتى ئالدىم.

  • ئىزتىل | 13:25 | 2012.05.6 جاۋاب

    بۇ قىستۇرمىنىڭ پايدىسىنى مەن بەكرەك كۆرۈۋاتىمەن ھازىر . ;-)

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif