بىر قىسىم بلوگلارنى بىر قانچە كىشلەر بىرلىشىپ يازىدۇ، مەسىلەن، ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنى ئۇيغۇربەگ بىلەن پرېستان بىرلىشىپ يازغاندەك. بۇنداق بولغاندا مەلۇم يازمىنى سىز يازسىڭىز يازما ئاستىدا سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىز، ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىز چىقىپ تۇرسا زىيارەتچىلەر ئاسانلا سىزنىڭ يازغانلىقىڭىزنى بىلىۋالىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارنى بلوگىڭىزغا قوشۇش ئۈچۈن سىز تۆۋەندىكى بىر قانچە قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتسڭىزلا بولىدۇ.
1-قەدەم، php ئويناش
ئۇسلۇبىڭىزنىڭ single.php ھۆججىتىنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ.
بەزى بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا «تېخىمۇ كۆپ» دېگەندەك خەتلەر يۇقۇردىكى كودنىڭ ئارىسىدا بولغان بولىدۇ، شۇ خىلدىكى بولسىمۇ ئوخشاش. ئىزدەپ تېپىپ بولغان بولسىڭىز، ئاستىغىلا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ.
if (function_exists('get_avatar')) { echo get_avatar( get_the_author_email(), '80' ); }?>
style="font-size:15px; font-weight:normal">يازما ئاپتورى: the_author_posts_link(); ?>
the_author_description();?>
2-قەدەم، css ئويناش
ئەمدى بىز ئازراق css ئويناپ گۈزەللەشتۈرەيلى، تۆۋەندىكى كودلارنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ style.css ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىغا چاپلاڭ.
#author-image{height:80px;width:80px;padding:0px;margin-bottom:8px;float:right;position:absolute}
#author-image .avatar{position:absolute;right:10px;top:10px;border:1px solid #d9d9d9;background-color:#FFFFFF;padding:5px}
#author-text{float:left;margin:10px 0px 0px 10px;width:465px;font-size:13px}
#author-text p{margin-top:5px;line-height:19px}
ئىزاھات: #article-author ۋە #author-text دىكى كەڭلىكنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇب كەڭلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئۆزگەرتىڭ، رەڭلەرنىمۇ ئۆزىڭىز مۇۋاپىق تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
3-قەدەم، تەرجىمىھالىمنى قەيەرگە يازىمەن
ئارقا سۇپىغا ئۆتۈپ «قونلانچىلار-ئارخىپىڭىز-تەرجىمىھال» دېگەن ئورۇندىن ئۆزگەرتىڭ!