wordpress قىستۇرمىسى

WP-beFont ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى

ماقالە مۇندەرىجىسى

مەزكۇر قىستۇرما تەدبىركار تەرىپىدىن بىر قوللۇق ياسالغان ئىجادىي قىستۇرما بولۇپ. WordPress نىڭ 3.5.1 نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى نەشىرىدە ئاپتوماتىك قوشۇلىدىغان JS كىرگۈزگۈچ ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، WordPress نى بۇ يېڭى نەشىرگە كۆتۈرگەندە گەرچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى نورمال بولسىمۇ، بىراق باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدۇ. ناۋادا WordPress 3.5.1 نى يېڭىدىن قاچىلىساق، ئۇنداقتا فونت ۋە كىرگۈزگۈچ ھەر ئىككىسى چىقىرىپ تاشلانغان. گەرچە بۇ يىراقنى كۆزلىگەندە ئاقىلانە تاللاش بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنى نورمال ئۇيغۇرچە ئىشلەتكۈسى بار تورداشلار ئۈچۈن ھېچقانداق تاللاش يولى قويۇلمىغان. مەزكۇر قىستۇرما شۇ ئېھتىياج تۈپەيلى ياسالغان بولۇپ، ئېھتىياجى بار تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

قىستۇرما ئالاھىدىلىكى

بارلىق مەشغۇلاتلار بىر كۇنۇپكىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولۇپ قوزغىتىپ قويساقلا بولىدۇ، باشقا ھېچقانداق مەشغۇلات قىلىش ھاجەتسىز؛

WordPress نىڭ باشقۇرۇش سۇپىسى ۋە ئالدى بەتتىكى مۇناسىۋەتلىك جايلارغا تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى قوشىدۇ.

WordPress نىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئاپتوماتىك ئۇيغۇرچە(UKIJ Tuz Tom) خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرىدۇ ۋە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە فونت قاچىلانمىغان ئەھۋالدا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ.

قىستۇرما ماس كېلىدىغان نەشىرى

WordPress 3.5.1 نەشىرى ۋە شۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرىگە ماس كېلىدۇ. بۇرۇنقى نەشىرلىرىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت تەمىنلەنگەن بولغاچ مەزكۇر قىستۇرمىنى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

قىستۇرمىنى قاچىلاش

1-خىل ئۇسۇل: ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، بىۋاستە WordPress نىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىدىن قىستۇرما تىزىملىكى ئىچىدىكى يېڭىدىن قوشۇشنى باسىمىز، ئاندىن يۈكلەش دېگەن خەتنى بېسىپ، WP-beFont.zip ھۆججىتىنى تاللاپ قىستۇرمىنى يۈكلەپ بولغاندىن كېيىن، قوزغىتىپ قويساقلا بولىدۇ.

2-خىل ئۇسۇل: ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، پرېستىن يېشىمىز. ئاندىن FTP قورالىدا WordPress قاچىلانغان مۇندەرىجىنى ئېچىپ wo-content نىڭ ئىچىدىكى plugins دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە WP-beFont دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنى كۆچۈرۈپ قويىمىز. ئاندىن WordPress نىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرىپ قىستۇرما دېگەن تىزىمكنى بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، WP-beFont قىستۇرمىسى كۆرۈنىدۇ، قوزغىتىشنى بېسىپ قوزغىتىپ قويساقلا بولىدۇ.

باشقا تەپسىلاتلار

مەزكۇر قىستۇرما ئۈستىدە دېيىلگىنىدەك، WordPress نىڭ ئارقا ۋە ئالدى بەتكە تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشىدۇ، ئارقا بەتنىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ Tuz Tom غا ئۆزگەرتىدۇ. ئالدى بەتكە ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ئىشلەتكەن ئۇسلۇبنىڭ خەت نۇسخىسىنى ھەر خىل ئىشلىتىشى مۇمكىن بولغاچ ھېچقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلمىدى.

ئىشلەتكۈچىلەر مەزكۇر قىستۇرمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا مۇشۇ تېما ئاستىدا ۋە ياكى ئورگان بېتىدە ئىنكاس قالدۇرسا بولىدۇ. ئورگان بېتى ئادرېسى: http://bbs.xjcfan.com/thread-3294-1-1.html

چۈشۈرۈش ئادرېسى

ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈڭ

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئوۋچى | 23:05 | 2013.02.12 جاۋاب

    رەھمەت. نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي تۇرغانتىم. مۇۋاپىقيەتلىك كۆتۈرۋالدىم. بۇ قىستۇرمىنىڭ رولى ھەقىقەتەن ياخشىكەن.

  • بىلىكئال | 22:49 | 2013.02.15 جاۋاب

    مەنمۇ سىناپ باقسام بولغۇدەك :lol:

  • ئاققىر | 10:55 | 2013.04.5 جاۋاب

    مەن يېڭىدىن قۇرۇپ مۇشۇ ئىش بېشىمنى قاتتۇرۇپ تۇراتتى…ئەجەپ ئۇچراپ قالدى..

  • ئابدۇبەگ | 10:48 | 2015.01.26 جاۋاب

    سىنىمىغان مەنلا قالغان ئوخشايمەن مەنمۇ سىناپ باقاي.

  • پۇرسەت | 19:35 | 2015.02.10 جاۋاب

    مەن چۈشۈرۈپ قاچىلغان ئىدىم، ئۇيغۇرچە بولمىدىغۇ

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif