wordpress قىستۇرمىسى

wordpress يان بۆلەككە php كود قۇشۇش قىستۇرمىسى wp-php-widget

ماقالە مۇندەرىجىسى

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك WordPress نىڭ ۋىجېت(widget) رايونىغا تېكىست قوشۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق HTML كودى قوشقىلى بولسىمۇ، ئەمما PHP قوللىمايدىغان بولۇپ، يان بۆلەككە مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كەتكەن PHP كودىنى قوشۇش ئۈچۈن يان بۆلەك ھۆججىتى بولمىش sidebar.php نى تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان قىستۇرما دەلWordpress نىڭ ۋىجېت(widget) رايونىنى PHP تونۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يىنىك تىپتىكى قىستۇرما.

قىستۇرما ھەققىدە

wp-php-widget قىستۇرمىسى WordPress نىڭ ۋىجېت(widget) رايونىغا PHP تونۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەپچىل قىستۇرما بولۇپ، قىستۇرمىنى قاچىلاپ، قوزغاتقاندىن كېيىن، ئالاقىدار PHP كودىنى باشقۇرۇش بېتىدىن كېرىپلا، مەلۇم بىر ۋىجېتكە قوشۇپ قويساقلا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق بىز ئۇسلۇب ھۆججىتى بولغان يان بۆلەك ھۆججىتى sidebar.php نى ئۆزگەرتىش مەشخۇلاتى ۋە بىخەستەلىكدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولىمىز. بۇ قىستۇرما PHP تىلىغا پىششىق ئەمەس ۋە ياكى WordPress گە ئەمدى كۆنگەن ھەۋەسكار دوستلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

قىستۇرمىنى قاچىلاش ۋە قوزغىتىش

  1. باشقۇرۇش بېتىدىن قىستۇرما قاچىلاش تۈرىگە كىرىپ wp-php-widget نامىدىكى قىستۇرمىنى توردىن ئىزدەپ قاچىلاڭ ياكى ياكى تېما ئاستىدىكى چۈشۈرۈش دېگەن خەتنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
  2. ئوڭۇشلۇق قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، قاچىلانغان قىستۇرمىلاردىن مەزكۇر قىستۇرمىنى تېپىپ قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
  3. ناۋادا كېرىكى بولمىسا، قىستۇرمىنى توختىتىپ قويىشىڭىزنى ياكى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قىستۇرمىنى ئىشلىتىش

  • قىستۇرمىنى قاچىلاپ، قوزغاتقاندىن كېيىن، ئارقا سۇپىنىڭ ۋىجېت رايونىدىكى «ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋىجېتلەر» قاتارىغا PHP قوللايدىغان PHP widget قوشۇلىدۇ.
  • ئاندىن، بىز بۇ ۋىجېتنى ۋىجېتلار قاتارىغا تارتىپ ئەپكىرىپ، يان بۆلەككە قوشماقچى بولغان PHP كودىنى چاپلاپ قويساقلا بولىدۇ.

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • كۆلچەك | 05:45 | 2012.05.20 جاۋاب

    رەخمەت جۇمۇ سىزگە!

  • كۆلچەك | 05:51 | 2012.05.20 جاۋاب

    مەن ئۈستىدىكى ئۇسۇل بويىچە قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولۇپ ، سىتاستىكا قىلدىغان كودنى قوشسام يەنىلا ئىجرا بولماي كودنىڭ ئۆزى چىقىپ قالدى .ياردەم بەگەن بولسىڭىز.

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif