يېقىندا بلوگىمغا ئالمىشىپ تۇرىدىغان رەسىم(幻灯片) قوشتۇم. بەزى دوستلار ئۆزىنىڭمۇ بلوگىغا مۇشۇنداق ئىقتىدارنى قوشقۇسى بارلىقنى ئېيتتى، ئۇنداقتا مەن بۇ ئۈنۈمنى قانداق قوشقانلىقىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەي، دوستلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوشۇۋېلىشى ئۈچۈن مەن بارلىق كودلارنى بىرلا php ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە يىغىپ قويدۇم، بۇنداق بولغاندا بىرقانچە ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ قالالايسىلەر.
قەدەم باسقۇچلىرى:
- ئاۋال مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاستىدىكى چۈشۈرۈش دېگەن خەتنى بېسىپ پرېسلانغان ھۆججەت خالتىسىنى چۈشۈرۈڭ. ئىچىدىكى js نامىدىكى ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدىكى js نى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ js دېگەن ھۆججەت خالتىسىغا قويۇڭ، ئەگەر ئۇسلۇبىڭىزدا js دېگەن ھۆججەت خالتىسى بولمىسا، ئۆزىڭىز بىرنى قۇرسىڭىز بولىدۇ.
- رەسىملەرنى قوشۇش ئۈچۈن، img دېگەن ھۆججەت خالتىسىنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ images دېگەن ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىگە قويۇڭ. img دېگەن ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدىكى رەسىملەرنى ئۆزىڭىز خالىغانچە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
- ئەمدى slide.php نامىدىكى ھۆججەتنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويۇڭ. ئۇسلۇبنىڭ غول مۇندەرىجىسى دېگەن قەيەر ئەمدى؟ جاۋاب: style.css دېگەن ھۆججەت بىلەن بىر يەرنى كۆرسىتىدۇ.
- ئەمدى يەڭنى تۈرۈپ تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان يەرگە كەلدۇق، سىز ئالمىشىپ تۇرىدىغان رەسىم قەيەرگە قويماقچى بولسىڭىز شۇ يەرنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى كودنى قويۇڭ.
بۇ كودنىڭ مەنىسى slide.php دىكى كودلارنى سىز قويغان ئورۇنغا ئېلىپ چىقىشنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر سىز مەزكۇر ئىقتىدارنى پەقەت باشبەتتىلا كۆرۈنىدىغان، باشقا بەتلەردە كۆرۈمەيدىغان قىلىمەن دېسىڭىز، ئۈستىدىكى كودنىڭ ئورنىغا تۆۋەندىكى كودنى قويسىڭىز بولىدۇ.
include(TEMPLATEPATH . '/slide.php'); ?>
} ?>
ئىزاھات: مەزكۇر ئىقتىدارنىڭ تەڭشەكلىرى slide.php نىڭ ئىچىدە، ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشەڭ.