wordpress تېخنىكىسى

js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش

ماقالە مۇندەرىجىسى

يېقىندا بلوگغا كىرگەن دوستلار ئۈستى تەرەپتىكى 10 نادىر بلوگقا بېلەت تاشلاش ئۇچۇرىنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىر قانچە كۈندىن بۇيان دوستلار قانداق چىقارغانلىقىمنى سوراپ قالدى، مەن چىقىرىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتەي، قۇلى قىچىشىدىغان بلوگىر دوستلار بولسا سىناپ باقارسىلەر.

js بىلەن تونۇشۇش

بۇ خىل ئۈنۈمگە بىز پەقەتلا ئاددىي بولغان js ئارقىلىق ئېرىشەلەيمىز، تۆۋەندە بىز مەزكۇر js بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

//Uchurni Taqash
function Colse_Banner(){
	document.getElementById("BannerTable").style.display="none";
}
document.writeln("");
document.writeln("");
document.writeln("");
document.writeln("");
document.writeln("");
document.writeln("");
document.writeln("");
document.writeln("");
document.writeln("
]ئۇچۇر[2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگقا بېلەت تاشلاڭ! ! مەرھەمەت!ئۇچۇرنى تاقاش
"
);

سىز يۇقۇرقى js نى بىۋاستە header.php ھۆججىتنىڭ ئىچىگە قويۇشنى بىلسىڭىز بىۋاستە قويۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر سىز قۇيالمىسڭىز مەزكۇر يازمىنى داۋاملىق ئوقۇڭ.

js نى سىرتتىن سۆرەپ كىرىش ئۇسۇلى

يۇقارقى كودنى سىز تېكىست تەھرىرلەش قورالى ئارقىلىق xx.js دېگەندەك ھۆججەت نامىدا ساقلاپ، بوشلۇققا يوللاپ بولۇپ header.php نى ئېچىپ ‹body› نىڭ ئۈستىگىلا قويسىڭىز بولىدۇ.

 type="text/javascript" src="http://xx.com/wp-content/themes/xx/xx.js">>

ئەگەر ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز تۆۋەندىكىسى مەن پرېستان بلوگىغا چىقىرىپ تەييار قىلىپ قويغان نۇسخىسى، شۇنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.

 type="text/javascript" language="javascript" src="../blog/wp-content/themes/PrestanX/js/usti_elan.js">>

ئەگەر سىز، مەزكۇر ئۇچۇر پەقەت باشبەتتىلا كۆرۈنسۇن، يازما بېتىدە كۆرۈنمىسۇن دېسىڭىز، بىر قانچە كۈن بۇرۇن يازغان «WordPress دە مەلۇم مەزمۇننى پەقەت باشبەتتىلا ياكى 1-بەتتىلا كۆرسىتىش» غا بىرلەشتۈرۈپ قويسىڭىز تېخىمۇ فەچەت چىقىدۇ، مەسلەن مەن پەقەت 1-بەتتىلا كۆرۈنسۇن دېسەم تۆۋەندىكىدەك يازىمەن.

 if(is_home() &&!is_paged()){?>
 type="text/javascript" language="javascript" src="/js/usti_elan.js">>
 }?>

سۇئال-جاۋاب

سۇئال: مەزكۇر كودنى نەگە قويىمەن؟
جاۋاب: بايام دەپ بولدۇمغۇ! header.php نىڭ ئىچىدىكى ‹body› نىڭ ئۈستى ياكى ئاستىغىلا قويىسىز، بۇنداق قويغاندا بلوگىڭىزنىڭ ئەڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ، ياكى سىز footer.php نىڭ ئىچىدىكى ‹body/› نىڭ ئاستى ياكى ئۈستىگە قويۇپ سىناپ بېقىڭ، قانداق بولىدىكەن؟

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • قەقنۇس | 22:06 | 2012.11.27 جاۋاب

    بۇمۇ بولدىغان ھۆنەركەن .يىقىندىن بىرى js غا قىزىقىپ قىلۋاتىمەن دىسە :cool:

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif