بۇ تېمىدا توربەتلەردىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى IE, Firefox, Chrome, Safari, Opera قاتارلىق تور كۆرگۈچلەردە نورمال كۆرسىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. تېمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى توربەت لايىھەلىگۈچىلەرگە توربەت يۈزىدە ئۇيغۇرچە يېزىقنى نورمال كۆرسىتىشنىڭ پىرىنسىپى ھەققىدە ساۋات بىرىش. بۇ تېمىنى يېزىشتا W3C ئورگان تورى، مىكروسوفت ئورگان تورى، Mozilla Firefox ئورگان تورى، Google Chrome ئورگان تورى ۋە بىر قىسىم پروگراممىرلار تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئاساس قىلىپ يىغىنچاقلاندى.
1. ئەڭ ئاۋۋال ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، EOT دېگەن باشقا ئالاھىدە نەرسە ئەمەس، ئۇمۇ SVG, WOFF, TTF لارغا ئوخشاش بىر خىل خەت نۇسخىسى فورماتى. مىكروسوفتنىڭ IE تور كۆرگۈچى ئەڭ باشتا مۇشۇ eot فورماتتىكى خەت نۇسخىسىنى قوللايدىغان بولغاچقا، بىزگە EOT ئۇقۇمى ئالاھىدە شەكىلدە سىڭىپ كىرگەن. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ EOT نى ئالاھىدە ئۇقۇم شەكلىدە ئەمەس، SVG, WOFF, TTF لارغا ئوخشاش خەت نۇسخىسى فورماتى دەپ تونۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
2. تور كۆرگۈچلەر قايسى خەت نۇسخىسى فورماتلىرىنى تور يۈزىدە ئىشلىتىشنى قوللايدۇ؟
1) مىكروسوفتنىڭ IE تور كۆرگۈچى بۇ خىل تور يۈزى فونتى ئۇقۇمىنى ئەڭ باشتا ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، EOT فورماتىنى قوللايدۇ. شۇڭا IE6, IE7, IE8, IE9 قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى EOT فورماتىنى ئىشلىتىشنى قوللايدۇ.
2) زامانىۋىي تور كۆرگۈچلەر(ئەمەلىيەتتە CSS3 نى قوللايدىغان تور كۆرگۈچلەرنى دېمەكچى)نىڭ ھەممىسى TTF فورماتىدىكى فونتنى ئىشلىتىشنى قوللايدۇ. يەنى IE9, Firefox, Chrome, Safari, Opera لارنىڭ ھەممىسى TTF فورماتىنى قوللايدۇ.
تەپسىلاتى:
Internet Explorer (all versions): EOT Safari (3.2+): TTF / OTF iPhone (3.1) SVG Chrome (all versions): SVG (TTF/OTF added 25th Jan 2010) Firefox (3.5+): TTF/OTF (.WOFF added 3.6) Opera (10+) TTF/OTF
قوشۇمچە: كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى iPhone (3.1) SVG پەقەت SVG فورماتنىلا تونۇيدۇ. شۇڭا iOS نىڭ بۇ كونا نەشرىنىمۇ نورمال تونىسۇن دېسىڭىز كودقا SVG فورماتتىن بىرنى قىستۇرسىڭىز بولىدۇ.(يانفۇن بېتى ياسايدىغانلار ئۈچۈن)
3. بىز قانداق يازساق ھەممە تور كۆرگۈچتە توربەت يۈزىدىكى خەتلەرنى نورمال كۆرۈنىدىغان قىلالايمىز؟
بۇ سۇئال يېقىندىن بىرى كۆپ سورىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ Firefox, Chrome,IE9 لاردا توربەت نورمال چىقمىدى دەيدىغانلار كۆپىيىپ قالدى. بۇ شۇ توربەتكە ئۇلانغان خەت نۇسخىسى(قىسقىسى EOT) نى يۇقارقى تور كۆرگۈچلەرنىڭ قوللىمىغانلىقىدىن كىلىپ چىققان. سىز توربەتكە خەت نۇسخىسى ئۇلاش كودى(يەنى EOT ئۇلاش كودى)نى مۇنداق يازسىڭىز يۇقارقى تور كۆرگۈچلەردىمۇ ئوخشاش كۆرۈنىدىغان قىلالايسىز.
@font-face { font-family: "Alpida Unicode System"; font-weight: normal; src:url('/aus.eot'); /* IE */ src: local("Alpida Unicode System"), url("/aus.ttf") format("TrueType"); /* non-IE */ }
ئەسكەرتىش: بۇنى يېزىش بېلەن بىر ۋاقىتتا، سىز ئىشلىتىۋاتقان EOT بار جايغا بىر TTF فورماتىدىكى ئەسلى خەت نۇسخىسىنىمۇ قويىسىز. يۇقارقى كودتىكى EOT ھۆججەت ئادرېسى ۋە TTF ھۆججەت ئادرېسىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.
يۇقارقى كودقا چۈشەنچە:
font-family: "Alpida Unicode System";
بۇ سىز يازغان بەتنىڭ style ۋە CSS تە بېكىتكەن خەت نۇسخىڭىزنىڭ نامى.
src:url('/aus.eot'); /* IE */
IE تىپىدىكى تور كۆرگۈچلەر بۇ كودنى تونۇيدۇ، ھەم EOT فورماتىنى قوللىغىنى ئۈچۈن، بۇ EOT ھۆججەتنى تارتىپ ئېلىپ ئىشلىتىدۇ.
src: local("Alpida Unicode System"), url("/aus.ttf") format("TrueType"); /* non-IE */
باشقا تور كۆرگۈچلەر EOT فورماتىنى قوللىمايدۇ، شۇڭا بۇ TTF فورماتىدىكى ھۆججەتنى تارتىپ ئېلىپ ئىشلىتىدۇ. دېققەت: ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزدا Alpida Unicode System خەت نۇسخىسى بولمىسا ئاندىن بۇ TTF ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدۇ.
local("Alpida Unicode System")
بۇ يەرگە يازىدىغىنىڭىز كومپيۇتېرغا قاچىلانغان خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمى. چوڭ-كىچىك يېزىلىشى پەرق قىلىدۇ، شۇڭا كومپيۇتېرغا قاچىلانغان خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمى بېلەن ئوپئوخشاش يېزىشىڭىز كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل يەرلىكتە بار خەت نۇسخىسىنى تارتىپ ئېلىش بۇيرۇقىنى كۆپ قاتلاملىق يازغىلى بولىدۇ. ئەڭ ئالدىغا يېزىلغىنى ئەڭ ئاۋۋال تەكشۈرىلىدۇ، بار بولسا شۇنى ئىشلىتىدۇ. ناۋادا ئۇ بولمىسا ئاندىن كىيىنكىسىنى تەكشۈرىدۇ، بار بولسا ئىشلىتىدۇ. ناۋادا ھېچقايسىسى تېپىلمىسا ئاندىن TTF ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن:
@font-face { font-family: "Alpida Unicode System"; font-weight: normal; src:url('/aus.eot'); /* IE */ src: local("Alpida Unicode System"), local("UKIJ Tuz Tom"), local("ALKATIP Tor"), url("/aus.ttf") format("TrueType"); /* non-IE */ }
بۇ كودنى قوشقاندىن كېيىن، IE7, IE7, IE8 لەردە ئاۋۇ EOT نى تارتىپ ئېلىپ ئىشلىتىدۇ. IE9, Firefox, Chrome قاتارلىقلاردا ئەڭ ئاۋۋال كومپيۇتېرغا Alpida Unicode System خەت نۇسخىسى قاچىلانغانمۇ-يوق شۇنى تەكشۈرىدۇ، بار بولسا شۇنى ئىشلىتىدۇ. ناۋادا Alpida Unicode System تېپىلمىسا، ئاندىن UKIJ Tuz Tom كومپيۇتېرغ قاچىلانغانمۇ-يوق تەكشۈرىدۇ، ناۋادا تېپىلمىسا ALKATIP Tor قاچىلانغانمۇ يوق تەكشۈرىدۇ. ناۋادا بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تېپىلمىسا ئاندىن TTF ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدۇ. دېمەك كومپيۇتېردا يۇقارقى خەت نۇسخىسىنىڭ خالىغان بىرى بولسىلا توردىن TTF چۈشۈرۈپ يۈرمەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرچە توربەت يېزىۋاتقانلارغا يۇقارقى تولۇق شەكلىدە يېزىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەلۋەتتە، سىز باشقا خەت نۇسخىلىرىنى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
4. ئۈستىدىكى خەت نۇسىخىسىنىڭ نامى، EOT, TTF لارنىڭ بىر-بىرى بېلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا «يوق!» . سىز پەقەت مۇنۇلارغا دېققەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
1) سىز style ۋە CSS تە بېكىتكەن خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمى بېلەن font-family نىڭ كەينىگە يازغان ئىسىم ئوخشاش بولسۇن.
2) سىز local قىسمىغا يازغان ئىسىم خەت نۇسخىسىنىڭ كومپيۇتېرغا قاچىلانغاندىكى ھەقىقىي ئىسمى بېلەن ئوپئوخشاش بولسۇن.
مۇشۇلارغا دېققەت قىلسىڭىزلا بولدى. مەسىلەن:
مەن style ۋە CSS قا Alpida Unicode System دەپ يازدىم دەيلى، ئاندىن مەندە UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا ياسالغان بىر EOT ھۆججەت بار، يەنە بىر TTF فورماتتىكى خەت نۇسخىسى ALKATIP Torنىڭ ئەسلى ھۆججىتى بار. بۇلارنى بىر-بىرىگە باغلاشتۇرۇپ ئىشلىتەلەمدىم؟ ئەلۋەتتە ئىشلىتەلەيمەن. ناۋادا مەن EOT ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى aus.eot دەپ، TTF ھۆججەتنى aus.ttf دەپ ساقلاپ ئۈستىدىكى كود يېزىلغان توربەتنى ئىجرا قىلسام نورمال ئىجرا بولىدۇ. يەنى، IE6, IE7, IE8 لەر EOT ھۆججەتنى تونۇيدۇ، شۇڭا مەن ئەسلىدە Alpida Unicode System دەپ يازغان بولساممۇ، مۇشۇ EOT ھۆججەتنى ئىشلىتىپ بەتنى ماڭا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا كۆرسىتىپ بىرىدۇ. باشقا IE9, Firefox, Chrome لار TTF نى تونۇپ، بۇ بەتنى ماڭا ALKATIP Tor خەت نۇسخىسىدا كۆرسىتىپ بىرىدۇ.(كومپيۇتېرغا ھېچقانداق خەت نۇسخىسى ئورنىتىلمىغان ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلدى.) شۇنىڭ بېلەن بىر توربەت ئوخشىمىغان تور كۆرگۈچتە ئوخشىمىغان خەت نۇسخىسىدا كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە نورمال تونۇيدۇ.
ئاخىرقى سۆز:
ھازىر بار تور كۆرگۈچلەرنىڭ ھەممىسى تور يۈزىدە مەلۇم خىل فورماتتىكى تور يۈزى خەت نۇسخىسىنى تارتىپ ئىشلىتىشنى تونۇيدۇ. شۇڭا توربېتىڭىزنى ھەرقانداق تور كۆرگۈچتە نورمال چىقسۇن دېسىڭىز ئۈستىدە بىز كۆرسەتكەن شەكىلدە يېزىڭ. ئاندىن EOT ھۆججەت بار جايغا بىر TTF ھۆججەتنى بىللە قويۇپ قويۇڭ. شۇنىڭ بېلەن توربېتىڭىز ھەممە تور كۆرگۈچتە نورمال چىقىدۇ.
توربېتىڭىزدە خەتنى بەك ئالاھىدە كۆرسىتىشكە ئېھتىياجىڭىز بولمىسا، ئۈستىدىكى كودنىڭ local قىسمىغا بىر نەچچە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى ئارتۇق يېزىپ قويسىڭىز سىزگە زېيىنىغا كەتمەيدۇ. سىز يازغان شۇ خەت نۇسخىسىنىڭ خالىغان بىرى زىيارەتچىنىڭ كومپىيۇتېرىدا بولسىلا بەت نورمال كۆرۈنىدۇ، بېتىڭىزنىڭ ئېچىلىشىمۇ تېز بولىدۇ.
ئاخىرقى تەۋسىيە:
يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سىزگە بۇنىڭدەك يېزىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
@font-face { font-family: "Alpida Unicode System"; font-weight: normal; src:url('/aus.eot'); /* IE */ src: local("Alpida Unicode System"), local("UKIJ Tuz Tom"), local("ALKATIP Tor"), url("/aus.ttf") format("TrueType"); /* non-IE */ }
سىزگە لازىم بولىدىغان ئۇنۋېرسال EOT ۋە TTF ھۆججەتلەرنى قوشۇمچە رايۇنىدىن چۈشۈرۈڭ. Alpida Unicode System فونتىنىڭ سىغىمى بىر قەدەر كىچىك، ھەم تۆۋەن دەرىجىلىك ئېكرانلاردا سىلىقراق كۆرۈنۈدىغان بولغاچقا، مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى تەۋسىيە قىلدىم.
يازما مەنبەسى:
نۇرقۇت دۇنياسى: تور بەتلەرنى ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش، EOT ۋە CSS