HTML+CSS تېخنىكىسى

CSS تا IE نىڭ نەشىرلىرىنى پەرقلەندۈرۈش

ماقالە مۇندەرىجىسى

تور بېكەتنىڭ CSS قىسمىنى تەڭشەش جەريانىدا، بىز ھەمىشە IE نىڭ خىلمۇ-خىل قىيىن-قىستاقلىرىغا دۇچ كېلىمىز، گەرچە بىز ھەمىشە ۋاقىت چىقىرىپ بۇ خاتالىقلارنى تۈزىتىشنى خالىمىساقمۇ، ئەمما ھېلىھەم كونا نەشىردىكى IE ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارنى ئويلاشمىساق بولمايدۇ. تۆۋەندە شۇ ھەقتە بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئورتاقلىشىپ باقساق.

1. IE نىڭ ھۆكۈم جۈملىلىرىنى ئىشلىتىش

IE نىڭ شەرتلىك ھۆكۈم جۈملىسى بەلكىم ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولغان IE نەشىرى(IE6، IE7 ، IE8)نى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە ئوخشىمىغان نەشىردىكى IE نى پەرقلەندۈرۈش كودلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

* 

2. CSS قائىدىسى(IE CSS hacks)

يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا، پاسون ھۆججىتى ئىچىدە پەقەت IE پەرقلەندۈرەلەيدىغان CSS قائىدىلىرىنى يېزىپ قويۇش. مەسىلەن، CSS نىڭ خاسلىقىنىڭ ئالدىغا بىر «*» بەلگىلىسى قويۇش ئارقىلىق IE7 ۋە ئۇنىڭ تۆۋەن نەشىرلىرىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، ئالدىغا «_» قويۇش ئارقىلىق IE6 ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىرلىرىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ۋاقىتتا بۇ خىل ئۇسۇل ئانچە تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، پەقەت ئامال بولمىغاندا مۇشۇ بەكرەك ئەسقېتىپ قالىدۇ.

.box {
        background: gray; /* standard */

        background: pink\9; /* IE 8 and below */

        *background: green; /* IE 7 and below */

        _background: blue; /* IE 6 */
}

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يېزىلدى. بۇ ھەقتە تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ يەنە تەپسىلىي توختالساق بولىدۇ.

يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى: CSS تا IE نىڭ نەشىرلىرىنى پەرقلەندۈرۈش

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • تەشنايى | 19:17 | 2012.12.4 جاۋاب

    ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
    1.ما قۇردىكى ئۇلانما ئۈچۈن ئۇسلۇپ ھۆججىتى ئىچىدە ئايرىم style.css قۇرۇش كىرەكمۇ؟ دېمەكچىمەنكى، ie7, ie8 لەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئايرىم پاسون ھۆججىتى بولىشى كىرەكمۇ؟
    2.موشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يۆتكەلمە ئەسلىھەلەر، يەنى تېلىفۇن دېگەندەكلەرنىڭ كۆرگۈلىرىگە ماسلاشتۇرۇشقا بولامدۇ؟ رەھمەت… :smile:

    • پرېستان | 21:20 | 2012.12.6 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
      قايسى قۇردىكى ئۇلانمىنى دەيسىز؟ 1-خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئايرىم پاسون ھۆججىتى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى 2-خىل ئۇسۇل ئارقىلىق div, class نىڭ ئىگىلا _، *، \9 لارنى ئىشلىتىپ بىۋاستە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.
      يانفۇننىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئاساسىي پرىنسىپى ئېكران كەڭلىكىگە قاراپ پەرقلەندۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، كىينچە مۇشۇ ھەقتە بىر يازما يېزىپ قوياي.

  • نۇرلار | 00:46 | 2014.03.20 جاۋاب

    بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif