DirectAdmin بولسا يېنىك تىپتىكى بوشلۇق باشقۇرۇش سىستېمىسى، كۆپىنچە بلوگىرلارنىڭ بوشلىقى مۇشۇ خىل سىستېمىنى قوللىنىلغان، ئادەتتە ئىقتىدارى بوشلۇقنى باشقۇرۇشقا يېتىپ ئاشسىمۇ يەنە بىر قىسىم كىچىك ئىقتىدارلىرى كەمچىل، بىز بۇنى htaccess. مەشغۇلاتى ئارقىلىق ھەل قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن، سىز prestan.com نى چەكسىڭىز شۇ ھامان ../ ئېچىلىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالدىنقى قېتىم مەن 301 قايتىدىن نىشان بەلگىلەش ناملىق يازمامدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز ياكى مەزكۇر ئۇسۇلنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ پەرقىنى يازمىنى تەپسىلى ئوقۇپ پەرقلەندۇرۋېلىڭ.
DirectAdmin غا كىرىپ prestan.com تور نامىڭىزنى ئۇلايسىز، ئۇلاپ بولسىڭىز بوشلىقىڭىزدا يېڭىدىن prestan.com نامىدىكى ھۆججەت خالتىسىنىڭ قورۇلغانلىقىنى بايقايسىز، سىز ئىچىگە htaccess. نامىدىكى ھۆججەتتىن بىرنى قۇرۇپ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
كود قىسىمى:
RewriteEngine On
RewriteRule ^(.*)$ ../ [R,L]
سۇئال: htaccess. نى قانداق قۇرىدۇ؟
جاۋاب: كومپىيۇتېرىڭىزدا txt ھۆججىتىنى بىرنى يېزىپ بولۇپ، بوشلۇققا FTP قورالى ئارقىلىق چىقىرىپ، ھۆججەت نامىنى htaccess. غا ئۆگەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.