تور دۇنياسى

Google Chrome – گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!

ماقالە مۇندەرىجىسى

گەرچە Google Chrome ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق بولغان ۋە ئاللىقاچان تورداشلارغا تونۇش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بىر پارچە تونۇشتۇرۇش ماقالىسى يېزىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، نېمىلا دېمىگەن بىلەن، ئارىمىزدا تور كۆرگۈ دېسە يەنىلا شۇ IE دىن باشقىنى بىلمەيدىغانلار خېلى كۆپ ساندا ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تور كۆرگۈنىڭ نامى Chrome.

Chrome تور كۆرگۈسى گۇگېلنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادىتىگە ماس ھالدا ئىنتايىن ئاددى، تېز، مۇكەممەللىكنى قوغلاشقان ھالدا لايىھەلەنگەن. ئەڭ مۇھىمى، Chrome تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا كېلىدىغان بىر ئۇقۇم - تېز! ھەقىقەتەن، تەدبىركارنىڭ سىناش نەتىجىسىدە مەلۇم بولۇشىچە، Chrome نىڭ مەيلى قوزغىلىش سۈرئىتى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تور بېكەتلەرنى ئېچىش جەھەتتىن بولسۇن، سۈرئىتى خېلىلا چاققان بىلىندى.

نۆۋەتتە 支付宝 قاتارلىق توردىكى كۆپ قىسىم پۇل-مۇئامىلە تور بېكەتلىرىمۇ Chrome غا ياخشى ماسلاشقان بولۇپ، توردىن نورمال پۇل-ئالاقە مۇئامىلىسى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. بانكىلاردىن 兴业 بانكىسى قاتارلىق بانكىلارمۇ Chrome نى ياخشى قوللايدۇ. ئەلۋەتتە، سىز Chrome دىكى IETab قىستۇرمىسى ئارقىلىقمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز.

ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى قوللاش جەھەتتىمۇ، Chrome نۆۋەتتە خېلىلا ياخشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. Chrome نۆۋەتتە TTF فورماتى شەكلىدىكى خەت نۇسخىسىنى بىۋاستە چۈشۈرۈشنى قوللايدىغان بولۇپ، تور بېكەت ياسىغۇچىلار EOT بىلەن تەڭ TTF شەكلىنىمۇ قوشۇپ قويسا، Chrome ئىشلەتكەنلەرمۇ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى نورمال كۆرەلەيدۇ دېگەن گەپ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى كۈنلەردە تاراتقۇلاردا، Chrome تور كۆرگۈسىنىڭ يەرشارى مىقياسىدىكى بازار ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ FireFox تىن ئېشىپ ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىگى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلگەن بولۇپ، يېقىندىن بېرى بېكەت زىيارەتچىلىرىنىڭ تور كۆرگۈ سىتاتسىكىسىدىن ئىگەللىشىمگە ئاساسلانغاندىمۇ، Chrome تور كۆرگۈسى ئىشلىتىدىغان زىيارەتچىلەرنىڭ سانى FireFox تىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، Chrome تور كۆرگۈسى ھەقىقەتەن مۇۋاپىقىيەت قازانغان مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قىسقىغىنە نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ھازىرقىدەك بازار ئىگەللىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ ئەلۋەتتە. ناۋادا تور كۆرگۈ ئالماشتۇرۇش ياكى Chrome تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىپ بېقىش ئويى بار تورداشلار بولسا، مۇشۇ باھانىدە سىناپ كۆرۈشمۇ ناھايىتى ياخشى تاللاش دەپ قارايمەن.

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

Google Chrome

يازما مەنبەسى:

تورخۇمارلار كۇلۇبى: Google Chrome – گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • تورسودا | 01:58 | 2012.05.4 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۇنجى ئىنكاسنى ئۆزۈم يىزىپتىمەن، ياخشى يازما بوپتۇ…. Chrome تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىپ كەلگىنىمگە خىلى بولدى…ھەقىقەتەن ياخشى تور كۆرگۈ بۇ…..يازما ساھىپىگە رەھمەت :smile:

  • ئاتەش يۈرەك | 19:20 | 2013.03.19 جاۋاب

    مەنمۇ ئىشلىتىپ كۆرەي تەۋسىيەرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر .

  • ھايات | 10:37 | 2013.04.5 جاۋاب

    chrome تور كۆرگۈسى ئۇيغۇرئىكىس(ubuntu) دا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان . ئىشلىتىش ئىنتايىن قۇلاي،
    نۇرغۇن پىرۇگىراممىلىرى بار، شەخسى تىزىمىڭىزگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز ، دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇلىنىشلىرىڭىزنى نامىڭىزدا ساقلاپ بىرىدۇ .مەن بۇ تور كۆرگۈگە بەك ئامراق بوپ قالدىم.

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif