ئۇسلۇبلار

wordpress ئۇسلۇبى Uzblog1.0 ئېلان قىلىندى

1

wrodpress ئارقىلىق ياسىغان ئۇلىنىش بېتىدىن بىرنى بايقاپ قېلىپ ئۆزۈممۇ بۇ خىلدىكى بىر ئۇلىنىش بېتى ياساپ باقسام دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئۇزبلوگ ئۇلىنىشىنى ئۆرنەك قىلىپ ئۇلىنىش بېتىدىن بىرنى ياسىدىم، ئەمەلىيەتتە بەك ئالاھىدە ئىقتىدارىمۇ يوق، تۆۋەندە بىز ئورتاقلىشىپ باقساق.

ئۇسلۇبلار

wordpress ئۇسلۇب UP1.0 ئېلان قىلىندى

0

كۆك ۋە ئاق رەڭ ئاساس قىلىنغان wrodpress نىڭ خەنچە ئۇسلۇبىدىن بىرنى ياساپ چىقتىم، ئاز كۈندىن كېيىن ئۇيغۇرچىسىنى ئېلان قىلىمەن، ئېلان قىلىپ بولغىچە بۇ ئۇسلۇبنى ئويناپ تۇرساڭلا. خەنچە ئۇسلۇب ياساش ئاسانمۇ قانداق، ھى ھى...

تەرجىمە ئۇسلۇب

wordpress ئۇسلۇبى hexwind ئېلان قىلىندى

1

hexwind ئۇسلۇبىنى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئاپتورى دەل  checkerize ئۇسلۇبىنىڭ ياسىغان كىشى، ئەلۋەتتە ئاپتورى بىر بولغاندىكى ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى ۋە لايىھىلەش ئۇسلۇبى ئوخشاش بولىدىغان گەپ. شۇ ۋەجىدىن بۇ قېتىمقى ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىش ئاسانغا توختىدى دېسەم بولىدۇ. دەسلەپكى تەرجىمە قىلىشقا 2 سائەتكە يېقىن ئالتۇندىن قىممەت ۋاقتىم كەتتى(ھى ھى)... ئۇنى تەڭشەش، رەسىم لايىھىلەش ۋە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال قىلىش دېگەندەك پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپ بۈگۈن ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى.

تەرجىمە ئۇسلۇب

wordpress ئۇسلۇبى checkerize ئېلان قىلىندى

2

Prestan_1.0 ئۇسلۇبىنى تارقاتقاندىن بۇيان نۇرغۇن بلوگېر دوستلار يېقىندىن ياقتۇرۇپ ئىشلەتتى. بۈگۈن ئېلان قىلماقچى بولغان ئۇسلۇب بولسا Prestan_1.0 ئۇسلۇبىنىڭ ئەسلى نەشىرى بولغان checkerize ئۇسلۇبى، بۇ ئۇسلۇب wordpress نىڭ ئۇسلۇبى. ئەينى چاغدا مەن مۇشۇ ئۇسلۇبتىن ئۆرنەك ئېلىپ Prestan_1.0 ئۇسلۇبنى ياساپ چىققان.

blogbus ئۇسلۇبى

blogbus ئۇسلۇبى Ozgiler ئېلان قىلىندى

5

بۇ ئۇسلۇبنى بلوگبۇسقا قىزىقىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا ئىنتايىن، ئىنتايىن، ئىنتايىن تەستە ياسىغان ئىدىم، شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم بىر قىسىملا بولۇپ كېتىدۇ، ھېچقانداق css بىلمەيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇسلۇب ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال ئىشلەيدۇ، ئۈزۈممۇ ھەيران نورمال ئىشلىگەنلىكىگە. نېمە سەۋەبتىن ئۆزگىلەر دېگەن ئىسىمنى قويغانلىقىمغا قىزىقساڭلار داۋاملىق ئوقۇڭلار. ھەر قاچان بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، بلوگبۇس تىزىملاتقان ۋاقىتتىلا ئۆزگىلەر دېگەن تەخەللۇستا تىزىملىتىپ

blogbus ئۇسلۇبى

blogbus ئۇسلۇبى Uzhal ئېلان قىلىندى

2

Prestan ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئۇزھال تورىنىڭ ئۇسلۇبنى ئۆرنەك قىلىپ ياساپ چىقتىم. مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دەپ ئۆتسەم، ئەينى ۋاقىتتا ئۇزھال تورىنىڭ WordPress سۇپىسىدا قۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇسلۇبىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ھەۋەس قىلغان ئىدىم. شۇنداقلا ئۇزھال تورى مېنىڭ بۈگۈنكى WordPress قا قىزىقىپ قېلىشىمغا تۈرتكە بولغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئۇسلۇبقا uzhal دەپ ئىسىم قويدۇم.

blogbus ئۇسلۇبى

Blogbus ئۇسلۇبى prestan ئېلان قىلىندى

4

Prestan ئۇسلۇبنى blogbus سۇپىسىدا بلوگ يېزىپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئۆزەم بىر قوللۇق ياساپ چىققان ئىدىم، نۇرغۇن تورداشلار ئېلخەت ۋە QQ دا خەت يېزىپ ئۇسلۇبنى تارقىتىشىمنى ئېيتقان ئىدى، بىراق ئۆزەم ئىشلەتكەن ئۇسلۇبنىڭ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىمدىن تارقاتمىغان، مانا ئەمدى wordpress سۇپىسىدا بلوگ قۇردۇم، ئۇسلۇبنى تارقاتماسلىقنىڭمۇ ئورنى قالمىدى.

تەرجىمە ئۇسلۇب

WordPress ئۇسلۇبى compositio ئېلان قىلىندى

0

بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، ئەمما بۇ ئۇسلۇبنىڭ تورداشلار بەرگەن باھاغا قارىتا جاۋاب يېزىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن، ئۆزەم  قىستۇرمىلارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇراي دېسەم بىرقىسىم خاتالىقلار كۆرۈلۈپ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، شۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچە شۇ يەر بىلەن ھەپىلىشىپ بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشقا ئامال بولماي قالغان. شۇنداقتىمۇ بۈگۈن بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ئەگەردە قايسى بىر تورداش ئۇ ئىقتىدارنى قوشۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز.

تەرجىمە ئۇسلۇب

WordPress ئۇسلۇبى compositio ئېلان قىلىندى

0

بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، ئەمما بۇ ئۇسلۇبنىڭ تورداشلار بەرگەن باھاغا قارىتا جاۋاب يېزىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن، ئۆزەم  قىستۇرمىلارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇراي دېسەم بىرقىسىم خاتالىقلار كۆرۈلۈپ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، شۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچە شۇ يەر بىلەن ھەپىلىشىپ بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشقا ئامال بولماي قالغان. شۇنداقتىمۇ بۈگۈن بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ئەگەردە قايسى بىر تورداش ئۇ ئىقتىدارنى قوشۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز.

ئىجادىي ئۇسلۇب

WordPress ئۇسلۇبى Prestan Uzhal 1 ئېلان قىلىندى

29

بۇ قېتىم تارقاتماقچى بولغان ئۇسلۇب كەمىنە پرېستاننىڭ يەنە بىر ئىجادىي ئۇسلۇبى بولۇپ «پرېستان ئۇزھال» دەپ نام بەردىم. ئىقتىدار ۋە تەڭشەش جەھەتتە ئالدىنقى قېتىم تارقاتقان Prestan Simple 2 ئۇسلۇبى بىلەن جىق پەرقلەنمەيدۇ، رەڭ جەھەتتە ئاق ۋە كۆك رەڭ ئاساس قىلىندى. ھەر قايسى توركۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنىدۇ.