wordpress تېخنىكىسى

wordpress تا زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسىغا ئاپتور جاۋاب قايتۇرسا Email ئارقىلىق ئۇختۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇش

1

بلوگىڭىزدىكى زىيارەتچىلەرنىڭ باھاسىغا سىز جاۋاب قايتۇرسىڭىز، ئاپتوماتلىق ئېلىكترونلۇق خەت ئەۋەتىدۇ، زىيارەتچىلەر بۇ خىل ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆزىگە قايتقان جاۋابنى دەل ۋاقتىدا كۆرەلەيدۇ، ھەمدە بلوگىڭىزغا ئاز بولمىغان ئېقىم ئېلىپ كېلىدۇ.

wordpress تېخنىكىسى

WordPress تا مەلۇم مەزمۇننى ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدىغان قىلىش

6

كۆپىنچە مۇنبەرلەردە «سىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇن ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ» دېگەندەك خەتلەرنى ئۇچرىتىمىز، زىيارەتچىلەر ئىنكاس يېزىپ بولغاندىن كېيىن يۇشۇرۇن مەزمۇن كۆرۈنىدۇ. ئىزدەپ باقسام WordPress كىمۇ شۇنداق ئىقتىدارنى قوشقىلى بولىدىكەن، ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئىقتىدارغا مۇھتاج بولسىڭىز ئۇسلۇبىڭىزغا تۆۋەندىكى كودنى قوشسىڭىز بولىدۇ.

HTML+CSS تېخنىكىسى

Javascript تىن پايدىلىنپ رەسىم ئالماشتۇرۇش

2

Javascript نىڭ تور بەتلىرىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغانلىقى ئېنىق، تۆۋەندىكى رەسىم ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ساپ Javascript تىن پايدىلىنىپلا ئەمەلگە ئاشقان، ئادەتتە بىز jQuery ئارقىلىق بۇنداق ئىقتىدارغا ئېرىشىپ كەلگەن، ئەمما jQuery نىڭ سىغىمى بىز قولدا يېزىپ چىققاندىن كۆپ چوڭ، مەسىلەن، jQuery 1.7 نىڭ پرېسلانغاندىن كېينكى سىغىمىلا 90k ئەتراپىدا، ئەمما بىز قولدا يېزىپ چاققاننىڭ پرېسلانغاندىن كېينكى سىىغىمى بولسا پەقەتلا 4k ئەتراپىدا، بۇنداق بولغاندا تور بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ دېگەن گەپ.

سۈرەتلىك دەرسلىك

HTML ئارقىلىق ئاددى تور بەت ياساش دەرسلىكى (جەمئىي 7 قىسىم)

12

wordpress ئارقىلىق بلوگ قۇرۋاتقان كۆپۈنچە تورداشلارنىڭ Css ۋە Html بىلىمى چوڭقۇر بولماسلىقى مۇمكىن، تورداشلارغا Css ۋە Html نىڭ نېمە ئىكەنلىكىن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇتۇش مەقسىتىدە جەمىئىي 7 قىسىم دەرسلىك ئىشلەپ قويدۇم. مەزكۇر دەرىسلىكتە سىز ئۆزىڭىز ئاددي بولغان html تور بەتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. بۇ دەرسلىك Css ۋە Html نى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن پەقەت ياخشى بولغان باشلىنىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئىچكىرلەپ ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.

سۈرەتلىك دەرسلىك

php مۇھىتى ھازىرلانغان كومپىيوتېردا WordPress قاچىلاش ئۇسۇلى

12

كوپىيوتېرىمىزدا php مۇھىت پۈتۈنلەي ھازىر بولۇپ بولغاندىن كېيىن، PHP+MySQL لىق پروگرامما بولغان WordPress نى قاچىلاپ سىناپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر سىز كومپىيوتېرىڭىزدا php مۇھىتى ھازىرلاپ بولالمىغان بولسىڭىز، «WAMP Server يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق Windows تا PHP مۇھىتى ھازىرلاش» بۇ يازمامغا قاراڭ.

سۈرەتلىك دەرسلىك

WAMP Server يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق Windows تا PHP مۇھىتى ھازىرلاش

12

مەن ئادەتتە wordpress ئۇسلۇبلىرىنى ياساش ۋە تەرجىمە قىلىشتا ئاساسلىقى كومپىيوتېرىمدىلا سىناق قىلىمەن. ئەلۋەتتە توردا سىناق قىلغاندىن كۆپ ئەۋزەل، بۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتېرىڭىزدا مۇكەممەل بولغان PHP مۇھىتى بولغان بولىشى كېرەك، يەنى Apache + PHP + MySql دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ بىرىكمە مۇھىتى بولىشى كېرەك. ئۇنداقتا مۇشۇنداق ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا Windows قا تەييارلا ھالەتتە Apache + MySql +PHP مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدىغان بىرەر يۇمشاق دېتال بارمىدۇ؟

ئۆزگىچە لايىھەلەر

ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلىدۇق، قانداق تەكلىپ پىكىرىڭلار بار

3

ئەسلىدىكى ئۇسلۇبنى تەخمىنەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا بىر چەتئەللىكنىڭ ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ لايىھەلىگەن ئىدىم، بۇ قېتىم ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنىڭ بوشلۇقىنى كۆچۈپ بولۇپ ئۇسلۇبقا قايتا تۇتۇش قىلىش قارارىغا كېلىپ قالدۇق. بىر قانچە كۈنلۈك تۈزىتىش رەتلەش ئارقىلىق ئۇيغۇربەگ تۇرايىنىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلاپ چىقتىم، يەنى ئەسلىدىكى كۆرۈنۈش ۋە ئىقتىدارلارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇسلۇبنى قايتا يېزىپ چىقتىم.

بلوگ بىلدۈرگۈسى

سالام دۇنيا!

13

كۆزىڭىزگە ئىشەنمەي قېلىۋاتامسىز، سىز خاتا كىرىپ قالمىدىڭىز. بۇ دەل كەمىنە پرېستاننىڭ يېڭى كەپىسى. بىر مەزگىل ../../..//blog نامىنى ئىشلىتىپ خەنچە بلوگ قۇرۇپ بىر قىسىم نادىر بلوگ قۇرۇش بىلىملىرىنى توپلاپ كەلگەن ئىدىم. يېقىندا بوشلۇق كۆچۈش جەريانىدا توساتتىن خەنچە بلوگىمنى يازماسلىق قارارىغا كېلىپ قالدىم، ۋە بۇ كەپىنى قۇرۇپ قويدۇم، قېنى قايسىڭلار ئاۋال بۇ كەپەمنى تېپىۋالالايسىلەركىن.

ئۇسلۇب ھەققىدە بىر قانچە ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى قالدۇرۇپ قويسام، ھازىرقى ئۇسلۇب كەمىنە پرېستاننىڭ يەنە بىر ئىجادىيىتى بولۇپ، باشقىلارغا تارقىتىلمايدۇ، ھەر قايسى بلوگچى دوستلارنىڭ ئۇسلۇبنى سوراپ مېنى خىجىل قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كەمىنە پرېستان تەرىپىدىن 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىز قالدۇرۇلدى.