IE توركۆرگۈمنىڭ باشبېتى داۋاملىق بىرقىسىم قارا نىيەتلىك تور بېكەت ياكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش تەسىرىدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن يەنە ئۆزەم ياخشى كۆرگەن بەتكە ئۆزگەرتىمەن، يەنە مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن يەنە ئۆزگەرتىمەن. ئۆزگىرىپ كېتىپ ھېرىپ قالمىدى، مەنمۇ ئۆزگەرتىپ ھېرىپ قالمىدىم، بۈگۈن ئاخىر ئاچچىقىمغا پايلىماي باشبەتنى مىخلىۋېتىش قارارىغا كېلىپ، توردىن ئىزدەپ باقسام ئامالى چىقىپ قالدى. بەزىلەر بۇنى 360 قوغداش قورالى ياكى QQ قوغدا قورالى ئارقىلىق ھەل قىلغان، ئەمما مەندەك بۇ ئىككى قاراۋۇلدىن بىرىنىمۇ قاچىلىمىغانلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئەڭ ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇخىل ئۇسۇل ھېچقانداق يۇمشاق دېتال تەلەپ قىلمايدۇ.
بۇرۇن باشقا ئۇسلۇب ئىشلىتىپ، يېڭىدىن Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن دوستلار ماڭا ئۇسلۇبنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق بىر قانچە جاينىڭ نورمال سىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مەن تۆۋەندە قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتەي.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرىمۇ ئاكتىپ ئىنكاسچىلار ھەققىدە «Wrodpress تا ئاكتىپ ئىنكاسچىلارنىڭ ئاستىغا دەرىجە تاياقچىسى چىقىرىش » دەپ بىر يازما يوللىغان، بۈگۈن قولۇم قىچىشىپ ئاكتىپ ئىنكاسچىلار تېمى قۇرۇشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرماقچى، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلدا دەرىجە تاياقچىسى كۆرۈنمەيدۇ.
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن كەمىنە پرېستان ئۆزىم بىر قوللۇپ يېزىپ چىققان Prestan Simple ئۇسلۇبى تارقىتىلغان، ھازىرغىچە چۈشۈرۈش قېتىم سانىنى ھىساپلاپ باقسام تەخمىنەن 500 قېتىم ئەتراپىدا چۈشۈرلۈپ بوپتۇ. بۈگۈن يەنە Prestan Simple ئۇسلۇبنى تۈزىتىپ ئېلان قىلماقچى بولۇپ تۇرۇپتىمەن. بىر ھەپتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇسلۇبنى كەڭ كۆلەملىك يېڭىلاپ چىقتىم، بۇ قېتىم ئۇسلۇبنىڭ بارلىق كودلىرىنى باشتىن رەتلەپ چىقتىم. ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ئورۇنلار بەك جىق، بۇلارنى يېزىپ بولالمىغۇدەكمەن، ئۇسلۇبنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە قىسقىچە فىلىم ئىشلەپ قويدۇم، ئۇسلۇب ئىشلەتكۈچىلەر كۆرۈپ باقارسىلەر.
تىزىملىك ئىقتىدارى (Menus) بولسا wordpress نىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىقتىدارى، بۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىز باشلىغۇچى تىزىملىكنى ئىختىيارىڭىزچە قوشالايسىز ياكى ئېلىپ تاشلىيالايسىز. مەلۇم سەھىپىنى، ئىچكى-تاشقى ئۇلانمىنى ياكى مەلۇم بەتنى تىزىملىككە ئۇلاپ قويالايسىز، ئۇسلۇبىڭىزدا بۇنداق ئىقتىدار بولسا سىزگە ئاز بولمىغان قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن مەن يېزىپ چىققان Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىدا تۇغ ئۈستى ۋە ئاستى ئايرىم-ئايرىم ئىككى خىل تىزىملىك بار. سىز پەقەت تۆۋەندىكى 2 قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باسسىڭىز تىزىملىك ئىقتىدارى ئۇسلۇبىڭىزدا پەيدا بولىدۇ.
بلوگىڭىزغا تىز سۈرئەتتە بلوگ ئاستىغا چۈشۈش، ئۈستىگە قايتىش ۋە ئىنكاس يېزىش رايۇنىغا بېرىش كونۇپكىسىنى قوشۇپ قويسىڭىز زىيارەتچىلەرگە ئاز بولمىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيسىز. زىيارەتچىلەر بىرلا بېسىپ بلوگنىڭ ئەڭ ئاستىغا، يەنە بىرلا بېسىپ ئەڭ ئۈستىگە قايتالايدۇ، ئەڭ مۇھىم يازما بېتىدە بىر كونۇپكا بىلەن ئىنكاس رايونىغا بارالايدۇدە سىزنىڭ يازمىڭىزغا ئۈماق باھادىن بىرنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالىدۇ، ئۈنىمىنى مەزكۇر بلوگنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن كۆرۈۋېلىڭ، ئۇنداقتا بىز ئىشنى باشلايلى.
HTML ھالەتتىكى يازما يېزىش رايونىغا ئۆزىمىز بەلگىلىگەن كۇنۇپكىنى بەلگىلەپ قويساق بەزىدە بىزگە ئاز بولمىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، مەسلەن سىز كۆپ ئىشلىتىدىغان مەلۇم بىر جۈملىنى ياكى رەسىم قىستۇرۇش كودىنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا يازما يېزىش رايونىغا پەيدا قىلالايسىز. ئەگەر سىز مەن بەك ھورۇن كۇنۇپكا باسمىساممۇ يازما يېزىش رايونىدا مەلۇم بىر جۈملە خەت پەيدا بولۇپ تۇرسۇن دېسىڭىز مەن بۇندىن بۇرۇن يازغان «WordPress يازما يېزىش رايونىغا سۈكۈتتىكى خەتنى قوشۇش» دېگەن يازمامنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.
يازما يېزىش رايونىغا سۈكۈتتىكى خەتنى قوشۇش ئىقتىدارىنىڭ نېمىگە لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلمىدىم، ئەمما ھەر بىر يازمغا ئوخشاش خەت قوشىدىغان كىشلەر ئۈچۈن مەنچە بۇ بولىدىغان ئۇسۇل ئىكەن، بۇنداق ئىقتىدار قوشۇش ئۈچۈن جىق ئىشمۇ كەتمەيدىكەن. پەقەت سىز تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ fonction.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىدىكى < ? بەلگىسىنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، ئەمدى يېڭى يازما يېزىپ بېقىڭ. خەنچە خەت سىزگە قالدى.
ككۆپىنچە بلوگلارنىڭ يان بۆلىكىدە مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى يازما، ئەڭ كۆپ ئىنكاس يېزىلغان يازما ۋە تەلەيلىك يازمىلار (ئىختىيارى ئالمىشىپ چىقىدىغان يازما) نىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز. بۇ خىل ئىقتىدارنى ھەرخىل قىستۇرمىلار ئارقىلىق چىقارغىلى بولىدۇ، ئەمما مەن قىستۇرمىسىز چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق سىز يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن 3 خىل ئۈنۈمگە تەڭلا ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر سىزمۇ بلوگىڭىزنىڭ بۇنداق ئىقتىدارى بولىشىنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ fonction.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىدىكى < ? بەلگىسىنىڭ ئۈستىگە چاپلايسىز.
ئۇيغۇربەگنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئاكتىپ ئىنكاسچىلارنىڭ باش سۈرئىتىنىڭ ئاستىغا دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان تاياقچە ئورۇنلاشۇرغان ئىدۇق، بىر قانچە دوستلار بۇنداق ئىقتىدارنى قانداق چىقارغانلىقىمىزنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇنداق ئىقتىدارنى قوشقۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتتى، بۇ يازمىدا مۇشۇ ئىقتىدارنى قوشۇش ھەققىدە توختىلىمەن.