HTML+CSS تېخنىكىسى

CSS ئارقىلىق border غا ئۈچبۇلۇڭ قىر چىقىرىش

3

border غا ئۈچ بۇلۇڭ قىر چىقىرىش مودا بولغان بۇ كۈنلەردە مەنمۇ توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە ئۇسۇلنى بايقاپ قالدىم، بۇ خىل ئۇسۇلدا ھىچقانداق رەسىم ئىشلىتىلمىگەن، ساپ css + div ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئۈنۈم تۆۋەندىكى رەسىمدەك.

تور دۇنياسى

Google Chrome – گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!

3

گەرچە Google Chrome ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق بولغان ۋە ئاللىقاچان تورداشلارغا تونۇش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بىر پارچە تونۇشتۇرۇش ماقالىسى يېزىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، نېمىلا دېمىگەن بىلەن، ئارىمىزدا تور كۆرگۈ دېسە يەنىلا شۇ IE دىن باشقىنى بىلمەيدىغانلار خېلى كۆپ ساندا ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تور كۆرگۈنىڭ نامى Chrome.

wordpress تېخنىكىسى

WordPress بلوگىدىكى قسىتۇرمىلارنىڭ يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى يۇقىتىش

2

باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بەزىدە «ئۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ، بۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ» دېگەن خەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ھە ماقۇل دەپ بىرلا يېڭىلاپ قويساق، تەلىيمىزگە ساق يېڭىلانسىغۇ مەيلى، تەلەي كەلمەي قالسا ئۇسلۇبتىكى مەلۇم بىر كود بىلەن پېتىشماي كاشال چىقىدىغان ئىش. يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقاتسىڭىز بولىدۇ.

wordpress تېخنىكىسى

WordPress بلوگىغا Favicon رەسىم قوشۇش

2

قاراپ باقسىڭىز ھەر قايسى داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇغ بەلگىسى بولىدۇ، شۇ بېكەتلەرنى ئاچسىڭىز توركۆرگۈنىڭ ئۈستى تەرىپىدە كىچىك بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمدى بىز ئۇنداق چوڭ بېكەت بولمىساقمۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق بەلگىلەرنى چىقىرىپ قويساق بولىۋېرىدۇ. مەن تۆۋەندە ئەڭ ئاددى خىل ئۇسۇلدا Favicon چىقىرىشنى سۆزلەي.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress بلوگىغا google ستاتىستىكا كودنى قوشۇش

4

google نىڭ ستاتىستىكىسى مەن ھازىرغىچە ئىشلىتىپ باققان ستاتىستىكا قىلغۇچنىڭ ئەڭ نوچىسى، ئەلۋەتتە نوچى بولغاندىكى ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كەمچىلىكى بولىدۇ، كەمچىلىكى نېمە دېگەندە ئارقا سۇپىسى مۇرەككەپ، تۇلۇق چۈشىنىشكە خېلە بىر مەزگىل كېتىدۇ. ئارتۇقچىلىقىچۇ؟ مەنچە ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى باشقا ستاتىستىكا تور بەتلىرىدەك بلوگىڭىزنىڭ ئاستىدا بېكەت نامى چىقىۋالمايدۇ. بېكىتىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىرى بولمايدۇ.

HTML+CSS تېخنىكىسى

jQuery ئارقىلىق سەكراپ چىقىدىغان رامكا ياساش

4

ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق بىر ئىقتىدارنى بلوگىمغا قوشسام دەپ ئويلاپ يۈرگەن، مەن سەكرەپ چىقىدىغان رامكىنى نېمە قىلىمەن بىلەمسىلەر؟ بىلمىسەڭلار قۇلاق سېلىڭلار، بلوگ باشبەتنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭىغا بىر كۇنۇپكىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، چەككەندىن كېيىن ئارقا سۇپىغا كىرىش ئېغىزى ياسىماقچى، بۇنداق بولغان ھەر قېتىم wp-admin دېگەن ئارتۇقچە خەتنى بېسىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، كىم مېنى بۇنداق ھورۇن بولۇپ قالسۇن دەپتىكەن.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress تا قىستۇرمىسىز كىچىك رەسىم چىقىرىش

2

بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قوللىنىش ئورنى بەك جىق، مەسىلەن باشبەتتە يازمىلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كىچىك رەسىم چىقىرىش (Prestan simple ۋە Prestan Uzhal ئۇسلۇبىدا مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلغان) ياكى باش بەتتە ئالمىشىپ تۇرىدىغان كىچىك رەسىم (幻灯片) چىقىرىش ۋە ياكى يان ئىستوندا يازما ئىچىدىكى رەسىمنى چىقىرىش دېگەندەك ئورۇنلاردا قوللىنىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارنى قوشۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە.

تور دۇنياسى

301 قايتىدىن نىشان بەلگىلەش

4

301 قايتىدىن نىشان بەلگىلەش دېگەن نېمە؟
تور نامىدا 301 قايتىدىن نىشان بەلگىلەش كۆپ ئۇچرايدۇ، URL نىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن، ئوخشاش بەتلەرنىڭ كۆپ خىل تور نامىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز ئادەتتە تور ناملىرىغا 301 قايتىدىن نىشان بەلگىلەش ئېلىپ بارىمىز. مەسىلەن: سىز ../../../ دېگەن تور نامىنى چەكسىڭىز ئۇدۇل ../../..//blog ئېچىلىدۇ. يۇقىردا ئېيتىلغاندەك قىلىش ئۈچۈن سىز تۆۋەندىكىدەك قىلسىڭىز بولىدۇ.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress بلوگىنىڭ تور نامىنى ئۆزگەرتىش

2

ئالدىنقى ۋاقىتلاردا blog.../../../ نامىدا بلوگ يېزىپ يۈرگەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور نامىنى ../../..//blog قا يۆتكەش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن قالاپ ئولتۇرۇپ PR=2 بولغان تور نامىنى تاشلاپ قويۇپ ../../../ تور نامىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدىم. ئەلۋىدا blog.../../../ ، سېنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن! سالام يېڭى تور نام، يېڭى بلوگ.... ئەمدى دوستلار بىلەن تور نامىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىمنى بۇ يەردە ئورتاقلىشىپ قويسام.

blogbus ئۇسلۇبى

blogbus ئۇسلۇبى Muellim biz ئېلان قىلىندى

0

بۇ ئۇسلۇبنى ۋەتەن بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى bogbus سۇپىسىدا بلوگ قۇرۇپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئۆزى بىر قوللۇق ياساپ چىققان، كېينچە wordpress سۇپىسىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن بۇ ئۇسلۇب ئىشلىتىلمىگەن، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ۋەتەنگە بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىش ھەققىدە پىكىر بەرسەم ماقۇل كۆردى. ئۇسلۇب ناھايىتى پاكىزە، رەتلىك بولۇپ زىيارەتچىلەر ئەركىن ھېس قىلىدۇ.