ئالدىنقى ۋاقىتلاردا blog.../../ نامىدا بلوگ يېزىپ يۈرگەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور نامىنى ../..//blog قا يۆتكەش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن قالاپ ئولتۇرۇپ PR=2 بولغان تور نامىنى تاشلاپ قويۇپ ../../ تور نامىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدىم. ئەلۋىدا blog.../../ ، سېنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن! سالام يېڭى تور نام، يېڭى بلوگ.... ئەمدى دوستلار بىلەن تور نامىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىمنى بۇ يەردە ئورتاقلىشىپ قويسام.
قەدەم باسقۇچلىرى:
باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ: تەڭشەكلەر- ئادەتتىكى-نىڭ ئىچىدىكى «ۋوردپرەس ئادرېسى (URL)» ۋە «تور بەت ئادرېسى (URL)» دېگەن ئىككى ئورۇندىكى كونا تور نامى http://blog.../../ نى يېڭى تور نامى ../../blog غا ئالماشتۇردۇم ۋە ئۆزگەرتىشنى ساقلاش كۇنۇپكىسىنى باستىم، بۇ چاغدا ئاپتوماتلىق باشقۇرۇش بېتىدىن چېكىنىپ كەتتى. پارول ۋە قوللانچى نامىمنى قايتىدىن بېسىپ كىردىم. باشبەتنى ئېچىپ قارىسام تور نامى ئوڭۇشلۇق ئۆزگىرىپ بوپتۇ. يازمىلىرىمنىڭ تور نامى توغرا ئۇلانمىغانلىقىنى بايقىمىدىم، شۇنداقتىمۇ يازما ئىچىدىكى ئۇلىنىشلارنى توغرىلىۋېتىش نىيىتىدە phpmyadmin غا كىرىپ ئۇلىنىشلارنى يېڭىلىۋەتتىم.
قەدەم باسقۇچلىرى:
phpmyadmin غا كىرىم، مەزكۇر بلوگنىڭ ساندانىغا كىردىم، ھەر ئېھتىماللىققا قارشى بىر قېتىم زاپاسلىدىم. SQL دېگەننى چەكتىم، تۆۋەندىكى كودنى يېزىپ ئىجرا قىلدىم.
UPDATE wp_comments SET comment_content = replace(comment_content, 'blog.../../', '../..//blog') ;
UPDATE wp_comments SET comment_author_url = replace(comment_author_url, 'blog.../../', '../..//blog') ;
تامام، فەچەت بوپ كەتتى مانا....