ئالدىنقى يازمىمىز يەنى «wordpress تا قىسمەن بلوگلاردىكى رەسىملەرنىڭ ئوتتۇرغا توغرىلانماسلىقى مەسىلىسى» دە بەزى تورداشلانىڭ بلوگىدا ئېلان قىلغان فىلىملارنىڭ ئوتتۇرغا توغرىلانمىغانلىقىنى ئىنكاس قىپتىكەن، مەن ئۆزۈم بىلىدىغان ئەڭ ئاددي ئۇسۇلدىن بىرنى تونۇشتۇپ ئۆتەي، بەكلا ئاددىي....
قىسمەن wordpress ئۇسلۇبىدا يازمىدىكى رەسىم ۋە فىلىملەرنى ئوتتۇرغا توغرىلىساق ئوتتۇرغا كەلمەي تۇرۋالىدۇ، ئوتتۇرغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ style.css نىڭ ئىچىگە قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
مائۇسنى ئۇلىنىشنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەندىكى كۆرسىتىلگەن ئۇچۇرنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتىش، ئۇسۇلىنى بىز تۆۋەندىكى ئاددىي js كودى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
مېنىڭ بلوگىم ۋە يېقىندا ئېلان قىلغان پرېستان سەلتەنەت ئۇسلۇبىدا بەت يېڭىلىماي ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارى سەپلەنگەن، تېخىچە ئىنكاس يېزىپ سىناپ باقىمغانلار مۇشۇ يازمنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. ئىقتىدارى بەت يڭىلانماي تۇرۇپ ئىنكاسىڭىز بەت يۈزىدە ئاستا پەيدا بولىدۇ، سىز بەت يڭىلىمىسىڭىزلا ئىنكاسىڭىزنى قايتا تەھرىرلەش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز. ئۇسلۇبقا بۇنداق ئىقىتىدار قوشۇشنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى ئانچە يۇقۇرى ئەمەس، بىر قانچە ھۆججەت ۋە كودلارنى ئۇسلۇبقا قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا كەلگەن بوھران تۈپەيلى، تور ناملىرى بۇلانغان كۆپ قىسىم بلوگگېرلار مېنى توغرا چۈشۈنۈشۈپ، يېڭى تور ناملارغا كۆچۈپ بلوگ ھاياتىنى داۋام قىلدى. يەنە بىر قىسىم بلوگگېرلار مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى تىزراق پۈتتۈرۈشۈمگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەندىن سىرت، قولۇم بىكار بولغاندا ئۆزلىرىنىڭ تور ناملارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ، يېڭى تورنامغا كۆچۈشكە ئالدىراپ كەتمىدى. ئاز قىسىم بلوگگېرلار بۇ ئىشنى توغرا چۈشەنسىمۇ، نارازىلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىمۇ شۇنداق تويۇقسىز ۋە شىددەتلىك بولدى، مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يېزىش ئىشىمدىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمىم بۇزۇلدى، بۇ يەردە مۇشۇ پاجىئە تۈپەيلى بلوگلىرى نورمالسىزلاشقان ھەممەيلەنگە خىجىللىقىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرىمەن ھەمدە مېنى قوللاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداش:
ئالدى بىلەن ئەينى زاماندا بىزنى قوللاپ، بىزگە ئىشىنىپ، بىزدىن ھەقلىق مۇلازىمەت ئېلىپ، تور نامى ۋە بوشلۇق ئېلىپ بلوگ قۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. پرېستان بلوگىدا ئېلان قىلىنغان ئەھۋالدەك، ئاۋۋال بىر قىسىم تور بوشلۇقلىرى ۋىروس يوقۇپ، توختىتىلغان بولسا، يەنە بىر قىسىم بلوگلارنىڭ تور نامى بۇلاندى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مەن قەستەن ئورۇنلاشتۇرمىغان بولساممۇ، شۇ تاپتا مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئېچىلماي قالغان بلوگ-بېكەتلەرنى ئويلىسام نومۇستىن يېرىلىپ، خورلۇقتىن پارچىنىپ كېتەي دەپ قالدىم، ئەمما كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بلوگلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتىمەن، ھازىر بارلىق بلوگلارنىڭ ساندان-ئۇچۇرلىرى تولۇق.
ئۆزۈمنى ۋىروس-پىتلاردىن ناھايىتى يىراق، ئوغرىلىنىشدىن ئۇزاق دەپ قارايتىم، ئۆزەمگە بەك ئىشىنىپ كېتىپتىمەن، قويۇلىشتىن ئامان قالىمەن دەي ئويلايتىم، ئەمما بۇ بىر ئايدا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ تارتقان زىيىنىمنى ئاز دەپ نەچچە قېتىم قويۇلدىم. بۇلارغۇ مەيلىتىغۇ؟ ئەمما… يېقىندا ماڭا يەنە كۆز تەگدى. نەچچە ھەپتە بۇرۇن QQرىمنى ئوغرى ئېلىپ، چوڭ ئاۋارىچىلىق سالغان بولسا، ئەمدى يېقىندا بۇ ئوغرىلار ماڭا يەنە باشقىچە ھۇجۇم قىلىشتى….
تۇنجى بولۇپ ياخو ئېلخېتىمگە پايپال ھېساۋاتىمنىڭ پارولىنىڭ ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى ئۇقتۇرۇشى كەلدى، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي يۈرسەم داداش(Godaddy) ھېساۋاتىمنىڭ پارولىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، غەيرىيلىك ھىس قىلىپ، شۇ ھامان داداشنى ئاچسام دەرۋەقە پارول ئۆزگەرتىلىپ كېتىپتۇ، شۇ ھامان پارولنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ قايتۇرۇپ ئەكەلدىم. ھە ئەمدى بولدى دەپ ئويلاپ تۇرۇپ، ياخو ئېلخەتكە كىرىشىمگە پارول خاتا دېمەمدۇ، ئاچچىغىم مىڭ گەز ئۆرلەپ شۇ ھامان پارولنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ باقسام نۇمۇسسىز ئوغرى ئاللىقاچان پارول ئۆزگەرتىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىپ بوپتۇ…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار:
تولىمۇ ئازاب ۋە ئەپسۇسلۇق ئىچىدە شۇنى جاكارلايمەنكى، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ۋە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى قاتارلىق بلوگلارنىڭ تور نامى يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلانغانلىقى ئۈچۈن مەزكۈر بلوگلار تور دۇنياسىدىكى مەۋقۇدلىقىدىن ئايرىلىدىغان بولدى. بۇ بلوگلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزگە ئىنتايىن ئېچىنىمىز، شۇنداقلا مۇشۇ بلوگلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە بلوگ-بېكەتلەرنىڭ تەڭلا تاقىلىپ قالغانلىقىغا سەۋەبچى بولغان ئاشۇ نۇمۇسسىز ئوغرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى «ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ» پائالىيىتىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم نامزاتلىققا سايلانغان ئىدى، WordPress سېستىمىسىنىڭ ئۇمۇملىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان نادىر بلوگ ئىدى، بۇ بلوگلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا قاتتىق قايغۇرىمىز، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات(سەل جۇڭگوچە بوپ قالدى، شۇنداقتىمۇ)، شۇنداقلا شۇنى جاكارلايمىزكى uyghurbeg.net، uyghurbeg.com قاتارلىق تور ناملىرى ئاستىدا ئېچىلغان بلوگلار ئاشكارا بايانات بەرمىگۈچە، ئەسلىدىكى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇنداقلا uyghurbeg@yahoo.com ناملىق بۇ ئېلخەتمۇ ئوغىرلانغان بولغاچقا، بۇ ئېلخەت ئارقىلىق قىلىنغان ئالاقە مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يۇقارقى تور نام ۋە ئېلخەتلەر ئارقىلىق كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە مەن ئىگە بولمايمەن.
يېقىندىن بۇيان word ئىشلىتىپ مۇنداق بىر مەسىلىگە يۇلۇقتۇم، مىسال ئېلىپ بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرەي. word تا يېڭى ھۆججەت قۇرغاندىن كېيىن 1-قۇرغا ماۋزۇ يازدىم، ئاستىغا بولسا مەزمۇن يازدىم. ئەلۋەتتە ماۋزۇ ئوتتۇرغا توغرىلىنىشى كېرەك. ئەمما ماۋزۇنى ئوتتۇرغا توغرىلىسام ئاستىدىكى مەزمۇنمۇ توغرىلىنىپ كەتتى. ماۋزۇنى قارا خەت قىلسام، مەزمۇنمۇ قارا خەت بولۇپ قالدى. ئىشقىلىپ قانداقلا قىلماي ئوڭشىيالمىدىم. قىززىق يېرى باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئۇرۇپ تەييار قىلىنغان word ھۆججىتىنى بولسا قانداق تەھرىرلىسەم شۇنداق ئۆزگەردى، ئاچچىقىمدا تاسلا قالدىم word نى قايتا قاچىلىغىلى. توردىن ئىزدىنىپ باقاي دەپ ئىزدىسەم بۇنىڭمۇ جاۋابى چىقىپ قالدى. ئوڭشاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
WordPress ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن نادىر سۈرەت ئۇقۇمى ناتونۇش ئەمەس، ھازىر كۆپ قىسىم ئۇسلۇبلاردا ھەر بىر يازمىنىڭ بېشىدا بىردىن مەخسۇس نادىر سۈرەت ئىشلىتىدىغان قېلىپ خېلى ئومۇملىشىپ قالدى. شۇڭا تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن بىر قەدەر ئاددىي ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا نادىر سۈرەت ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئورتاقلىشاي.