يېقىندىن بۇيان word ئىشلىتىپ مۇنداق بىر مەسىلىگە يۇلۇقتۇم، مىسال ئېلىپ بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرەي. word تا يېڭى ھۆججەت قۇرغاندىن كېيىن 1-قۇرغا ماۋزۇ يازدىم، ئاستىغا بولسا مەزمۇن يازدىم. ئەلۋەتتە ماۋزۇ ئوتتۇرغا توغرىلىنىشى كېرەك. ئەمما ماۋزۇنى ئوتتۇرغا توغرىلىسام ئاستىدىكى مەزمۇنمۇ توغرىلىنىپ كەتتى. ماۋزۇنى قارا خەت قىلسام، مەزمۇنمۇ قارا خەت بولۇپ قالدى. ئىشقىلىپ قانداقلا قىلماي ئوڭشىيالمىدىم. قىززىق يېرى باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئۇرۇپ تەييار قىلىنغان word ھۆججىتىنى بولسا قانداق تەھرىرلىسەم شۇنداق ئۆزگەردى، ئاچچىقىمدا تاسلا قالدىم word نى قايتا قاچىلىغىلى. توردىن ئىزدىنىپ باقاي دەپ ئىزدىسەم بۇنىڭمۇ جاۋابى چىقىپ قالدى. ئوڭشاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
تۇلۇق ئوقۇش
WXRsplit يۇمشاق دېتالى بولسا مەخسۇس XML نى پارچىلاش ئىقتىدارىغا ئېگە بولۇپ، سز سىغىمى چوڭ بولغان xml ھۆججەتلىرىڭىزنى كۆڭۈلدىكىدەك پارچىلاپ بېرىدۇ؟ سىز بەلكىم wordpress نىڭ ئىمپورتلاش-ئىكىسپورتلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بلوگىڭىزنى زاپاسلاپ ماڭغان ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، پەزىدە ئىمپورتلاش جەريانىدا xml ھۆججىتى چوڭ بولۇپ كەتسە مۇۋاپىقىيەتلىك ئىمپورتلانمايدۇ، دەل شۇنداق ۋاقىتلاردا بىز WXRsplit يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق xml نى خالىغانچە پارچىلاش مەقسىتىمىزگە يېتىمىز.
تۇلۇق ئوقۇش
PDFشەكلىدىكى ھۆججەتلەر سىغىمىنىڭ كىچىكلىكى ۋە كومپيۇتېر، يانفون، مەسىلەن، iPhone، iPad قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ۋە NOKIA نىڭ Adobe Acrobat قاچىلانغان ئەقلىفونلىرىدا بىمالال كۆرۈشكە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن نۇرغۇن تورداشلارنى ئۆزىگە قىززىقتۇرۇپ كەلدى. تۆۋەندە ئۆزەم ئەڭ ئاددى دەپ قارىغان بىر قانچە خىل ئۇسۇلدا PDF شەكلىدىكى ئېلكىتاب ياساش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
تۇلۇق ئوقۇش
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا «2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» تەرتىپلىك ھەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا شۇنداقلا داغدۇغا بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا خېلە كۈنلەر بولۇپ قالدى، دوستلارنىڭ ئىسىدە بارمىكىن پرېستان بلوگى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ شەرەپ بىلەن ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ھەر بىر بلوگېرغا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى رىغبەتلەندۇرۇش سۈپىتىدە ئۈزنىڭ «تۆت تىللىق ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (شەخسلەر نۇسخىسى)» تارقاتماقچى بولغان ئىدى. مانا بۈگۈن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم (ھا ھا... كۆزۈڭلار قىزاردىمۇ). مەزكۇر يازمىدا پائالىيەت توغرۇلۇق سۆزلىمەيمەن، سۆزلەيدىغىنىم مۇكاپات ئالغان ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار