يۇمشاق دېتال

تۆت تىللىق ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (شەخسلەر نۇسخىسى) قولغا چۈشتى

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا «2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» تەرتىپلىك ھەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا شۇنداقلا داغدۇغا بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا خېلە كۈنلەر بولۇپ قالدى، دوستلارنىڭ ئىسىدە بارمىكىن پرېستان بلوگى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ شەرەپ بىلەن ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ھەر بىر بلوگېرغا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى رىغبەتلەندۇرۇش سۈپىتىدە ئۈزنىڭ «تۆت تىللىق ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (شەخسلەر نۇسخىسى)» تارقاتماقچى بولغان ئىدى. مانا بۈگۈن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم (ھا ھا... كۆزۈڭلار قىزاردىمۇ). مەزكۇر يازمىدا پائالىيەت توغرۇلۇق سۆزلىمەيمەن، سۆزلەيدىغىنىم مۇكاپات ئالغان ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى.

ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىگە ئادرېسىمنى دەپ بەردىم، ئۇلار ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس ئارقىلىق لۇغەتنى ئەۋەتىپتۇ، ئەتتىگەن شۇنداق شىرىن ئۇخلاۋاتسام بىرسى تېلغۇن قىلىپ نەرسەمنى ئېلىپ كېتىشىمنى ئېيتتى، چۈشتىن كېىين بېرىپ ئېلىۋالدى، ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ قېپىنىمۇ ئاچماي پاس-پۇس قىلىپ xiaomi يانغۇنىمدا رەسىمگە تارتىۋەتتىم. كۆرەمسىلەر؟

uighursoft-lughet-2008

uighursoft-lughet-2008

خۇشاللىقىمدىن قۇلاپ تىتىرەپ كېتىپ 1-پارچە رەسىمدە ئۈچۇق چىقماي قاپتۇ، ئەمما مۇھىمى 2-پارچە رەسىم، قاپنى ئېچىپ قارىسام «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» نىڭ ئىچدە 2007 نىڭ چۈشەندۈرۈش كىتابى چىقۋاتىدۇ، ئەمما نۇر تەخسىسى 2008 نىڭ ئىكەن، بەلكىم قاچىلاشتا خاتالىق سادىر قىلغان بولسا كېرەك ياكى 2007 نىڭ كىتابى 2008 گە ئىشلىشى مۇمكىن ۋە ياكى،،،لولولولو ....، مەنغۇ ئەزەلدىن چۈشەندۈرۈش كىتابىغا قاراپمۇ قويمايمەن.

لۇغەتنى تېخىچە قاچىلاپ سىناپ باقمىدىم، چۈنكى قايسى كومپىيۇتېرىمغا قاچىلاشنى بىلەلمەي قالدىم، ئۆيدە بار PC غا قاچىلاي دىسەم يېقىن كەلگۈسىدە بىر دانە خاتېرە كومپىيۇتېر ئېلىپ قالىدىغاندەك قىلىمەن. ئەگەر ئېلىپ قالسام ئۇنىڭغا قاچىلىيالمىغۇدەكمەن، ئەگەردە قارانچۇق بولغان بولسا پەيزى بولاتتىدە. چۈشەندۈرۈشىدە 2 كومپىيۇتېرغا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ دېگەندەك گەپلەرمۇ باردەك قىلىدۇ (يەنى تۆۋەندىكى رەسىم) بەلكىم مەن خاتا چۈشۈنۈپ قالغاندىمەن.

uighursoft-lughet-2008

لۇغەتنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن لۇغەتنىڭ ئىقتىدارى ۋە كۆرۈنمە يۈزى ھەققىدە توختالماقچى مەن.

ئەڭ ئاۋۋال مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇلىنى تىكلىگەن يۈكسەل بلوگىغا، ئاندىن مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتىگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. بارلىق بلوگگىر دوستلارنى داۋاملىق تۈردە ئۆز بلوگىنى مەزمۇن ۋە باشقا جەھەتتىن يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆزى ۋە بلوگىنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قىرلىق، ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشلىرىنى، شۇنداقلا كېلەر يىللىق 10 نادىر بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تىرىشىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرىدا، مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن، قوللىغان، ئارقا سەپتە بەجانىدىل خىزمەت قىلغان ھۆرمەت ساھىبلىرىغا يەنە بىر قېتىم ئېھترام بىلدۈرىمەن. جاپا چەكتىڭلار! مەزكۇر ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ يىلسېرى ئۇتۇقلۇق تەشكىللىنىشىگە تېلەكداشمەن.

ئەڭ ئاخىرىدا ماڭا مۇكاپات بەرگەن ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە، ئالىم مۇئەللىمگە رەھمەت!

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • دىلبىر | 01:51 | 2012.12.31 جاۋاب

    مۇبارەك بولسۇن! تېخىمۇ تىرىشىڭ،بولسا لۇغەتنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنمۇ يازاسىز!مەن ئالدىنىقى كۈنى ئالىم ئەھەت ئاكىمىزنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ سوراپ كەلگەن بۇ لۇغەتنى،لېكىن پۇل يوق ئالماي كەلدۇق،مائاش چىققاندا ئالامىز،ھى ھى!ئالىم ئەھەت ئاكىمىز بەكلا ئۇرۇقلاپ كەتكەندۇق قىلىدۇ،ئاللاھ تېنىگە ساقلىق ئاتا قىلسۇن!
    ئاندىن يەنە بىر سۇئال:ئۆزھال 3-ئۇسلۇبىڭىزنى قاچان تارقىتىسىز؟بەكلا تەققازا بولدۇق بۇ ئۇسلۇبقا. :o

    • پرېستان | 01:58 | 2013.01.1 جاۋاب

      رەھمەت سىزگە.
      ئۇ ئۇسلۇبنىڭ ئازراق چالسى قالغان ئىدى، يېقىندىن بۇيان سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ داۋامىغا ۋاقىت چىقماي قالدى.

  • bilikal | 12:44 | 2012.12.31 جاۋاب

    مۇبارەك بولسۇن ! :lol: كىلەر يىللى 10 نىڭ ئىچىگە كىرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن :lol: ;-) ;-) ;-) ;-) ;-)

    • پرېستان | 01:59 | 2013.01.1 جاۋاب

      رەھمەت، 10نىڭ ئىچىگە كىرسەم تېخىمۇ پەيزى بولىتى… ;-)

  • نامسىز يىگىت | 12:57 | 2012.12.31 جاۋاب

    پىرىستان بىلوگىنىىڭ ئالدىنقى20 بىلوگ تىزىملىكىگە كىرەلىگەنلىنىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن ۋەتېخىمۇ تىرىشىپ 10 نادىر بىلوگنىڭ قاتارىغا كىرەلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

    • پرېستان | 01:59 | 2013.01.1 جاۋاب

      رەھمەت، دېگىنىڭىز كەلگەي.

  • مۇئەللىم | 19:34 | 2012.12.31 جاۋاب

    مۇكاپاتلانغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە تەجرىبىلەر بىلەن بىزنى يېتەكلەپ مېڭىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . :roll:

    • پرېستان | 02:00 | 2013.01.1 جاۋاب

      رەھمەت سىزگە.

  • ئىزتىل | 22:47 | 2013.01.4 جاۋاب

    تېخىمۇ تىرىشىڭ بۇرادەر !!!!

    • پرېستان | 00:50 | 2013.01.7 جاۋاب

      رەھمەت بۇرادەر. :razz:

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif