يۇمشاق دېتال

word 2003 دە مەلۇم قۇر خەتكە پاسون بەرسەك، باشقا قۇردىكى خەتلەرنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش مەسىلىسى

يېقىندىن بۇيان word ئىشلىتىپ مۇنداق بىر مەسىلىگە يۇلۇقتۇم، مىسال ئېلىپ بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرەي. word تا يېڭى ھۆججەت قۇرغاندىن كېيىن 1-قۇرغا ماۋزۇ يازدىم، ئاستىغا بولسا مەزمۇن يازدىم. ئەلۋەتتە ماۋزۇ ئوتتۇرغا توغرىلىنىشى كېرەك. ئەمما ماۋزۇنى ئوتتۇرغا توغرىلىسام ئاستىدىكى مەزمۇنمۇ توغرىلىنىپ كەتتى. ماۋزۇنى قارا خەت قىلسام، مەزمۇنمۇ قارا خەت بولۇپ قالدى. ئىشقىلىپ قانداقلا قىلماي ئوڭشىيالمىدىم. قىززىق يېرى باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئۇرۇپ تەييار قىلىنغان word ھۆججىتىنى بولسا قانداق تەھرىرلىسەم شۇنداق ئۆزگەردى، ئاچچىقىمدا تاسلا قالدىم word نى قايتا قاچىلىغىلى. توردىن ئىزدىنىپ باقاي دەپ ئىزدىسەم بۇنىڭمۇ جاۋابى چىقىپ قالدى. ئوڭشاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

تەرتىپ بويىچە 格式 نىڭ ئىچىدىكى 样式和格式 نى باسسىڭىز ئوڭ تەرەپتە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. كۆزنەكتىن ئاستى تەرەپتىكى 显示 نىڭ ئىچىدىن 自定义 نى تاللىسىڭىز بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. ئېچىلغان كۆزنەكتىن 样式 نى باسىسىز، ئاندىن 修改 نى باسىسىز، ئېچىلغان كۆزنەكتىن 自动更新 دېگەن تۈرنىڭ يېنىدىكى تاللاشنى يوق قىلۋەتسىڭىزلا تامام.

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif