HTML ھالەتتىكى يازما يېزىش رايونىغا ئۆزىمىز بەلگىلىگەن كۇنۇپكىنى بەلگىلەپ قويساق بەزىدە بىزگە ئاز بولمىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، مەسلەن سىز كۆپ ئىشلىتىدىغان مەلۇم بىر جۈملىنى ياكى رەسىم قىستۇرۇش كودىنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا يازما يېزىش رايونىغا پەيدا قىلالايسىز. ئەگەر سىز مەن بەك ھورۇن كۇنۇپكا باسمىساممۇ يازما يېزىش رايونىدا مەلۇم بىر جۈملە خەت پەيدا بولۇپ تۇرسۇن دېسىڭىز مەن بۇندىن بۇرۇن يازغان «WordPress يازما يېزىش رايونىغا سۈكۈتتىكى خەتنى قوشۇش» دېگەن يازمامنى كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئىقتىدارنى بلوگىمدا مۇۋپپەقىيەتلىك سىناق قىلىپ بولغاندىن كېيىن دوستلارغا تەۋسىيە قىلدىم، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ.
كود تۆۋەندىكىچە:
add_action('admin_print_scripts', 'my_custom_quicktags');
function my_custom_quicktags() {
wp_enqueue_script(
'my_custom_quicktags',
get_stylesheet_directory_uri().'/js/mening_konupkam.js',
array('quicktags')
);
}
سىز يۇقۇردىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ fonction.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىدىكى < ? بەلگىسىنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ بولۇپ، تۆۋەندىكى js كودىنى بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇب ھۆججىتىدىكى js نامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزدا js نامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ بولمىسا js نامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچتىن بىرنى قۇرۇپ ئاندىن قويسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندە مەن ئۆزۈم قوشۇپ ئىشلىتىۋاتقان 2 خىل كونۇپكا كودىنى مىسال قىلىپ سۆزلەي. تۆۋەندىكى js كودى دەل سىز چۈشۈرگەن js نىڭ ئىچىدىكى كودلار، Resim نامىدىكى بولسا بىر رەسىم قوشۇش كودى، سىز رەسىم ئادرېسىنىڭ ئورنىغا باشقا خەت ئارلاشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ، مەسلەن 2- كونۇپكىدەك. قالغان ئىشلار ئۆزەڭلارنىڭ تەپەككۇرىغا قالدى.
كود تۆۋەندىكىچە:
,'Resim'
,'

,''
,''
,-1
);edButtons[edButtons.length] = new edButton('ed_xet'
,'Xet'
,'مەن بولسام كونۇپكىدىن ھاسىل بولغان خەت'
,''
);