سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «تۇرمۇش خاتىرەم» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

تۇرمۇش خاتىرەم

شىرئەلىجان 3 نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ چىمپىيونى بولدى

CBA كۆرۋاتقىلى ئاز كەمىدە 5 يىل بوپتۇ، بۇنداق دېسەم نۇرغۇن دوستلار CBA مۇ كۆرۈپ يۈرەمسەن، NBA پەيزى تۇرسا دېيىشى ئېنىق، ئەمما NBA دە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ توپچىلىرى يوقدە؟ نېمىسىنى كۆرىمەن؟ كىمگە مەدەت بېرىمەن؟ ھېلىمۇ ئىسىمدە، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغۇ دەيمەن، ياتاقتا زىرىكىپ ئولتۇرپ تېلىۋېزور كۆرۈپ ئولتۇرسام (1-يىللىقتا كومپىيۇتېر ئىشلەتكىلى قويمايتى) CCTV-5 تە CBA قويغىلى تۇرۇپتۇ، كۆزۈم توپچىلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسىگە چۈشۈپ قالدى، قارىسام مۇرات ئىكەن، زاپاس ئەزالار رايونىدا مەۋلانمۇ تۇراتتى. بۇ چاغدىكى ھېسسىيات ئىشقىلىپ بېلەكچىلا، ھاياجان... ئۇيغۇر توپچىلارمۇ بار ئىكەن؟ دەپ ھەيران قالدىم، شۇنىڭدىن كېيىن مەن CBA كۆرۈشكە قىزىقىپ كەتتىم، ھەتتا بىلىپ بىلمەي شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ مەستانىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم. كېيىنچە بۇ كوماندىدا شىنجاڭلىق ئاز سانلىق توپچىلارنىڭ سىماسى كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدىن، بۇلۇپمۇ ھازىر تازا داڭ چىقىرۋاتقان شىرئەلىجان ئۇندىن باشقا ماكەن(خەنچە 克兰别克马坎 دەيدىكەن) ۋە مەردانلار.

تۇلۇق ئوقۇش
تۇرمۇش خاتىرەم

پرېستان بلوگى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قۇتلايدۇ…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆز ئالدىمىزدا كەلگەن قۇتلۇق قوربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن، پرېستان بلوگى ۋە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ۋەكالەتەن بارلىق بلوگداشلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل قېرىنداشلارنىڭ خاسىيەتلىك قۇربان ھېيتىنى قۇتلۇقلايمەن، ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، كۈنلىرىڭلار شادلىق ئىچىدە ئۆتسۇن، چىھرىڭلاردىن كۈلكە، چۆنتۈكۈڭلەردىن ئاقچا، ھويلاڭلاردىن مىھمان ئۈزۈلمىسۇن، ئائىلەڭلەرگە بەرىكەت، تۇرمۇشۇڭلارغا خاتىرجەملىك كەلسۇن، ئىشقىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ خەيىرلىك ئىشلار سىلەرنىڭ شۇنداقلا مېنىڭمۇ بېشىمغا قونسۇن، ئۆيدە گۆش يىگەن ۋاقتىڭلاردا ئۇيغۇربەگدەك ياقا يۇرتتا قوي كۆرۈشكىمۇ نىسىپ بولالمىغانلارنى ئەسلەپ قۇيارسىلەر، رەھمەت…

تۇلۇق ئوقۇش
تۇرمۇش خاتىرەم

پرېستان نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يازمامنى يوللاپ يوقاپ كەتكىلى بۈگۈن دەل 1 ئاي بوپتۇ، بۇ جەريادا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، يەنى مەكتەپ ھاياتىمدىن بىردىنلا جەمىئەت ھاياتىغا قەدەم بېسىش، ئائىلىدىكى قىلسا-قىلسا تۈگىمەيدىغان ئەمما قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار ۋە خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى تىڭرىقاشلار سەۋبىدىن تورغا چىقالمىدىم، بەلكىم يۇقۇردا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى «بانا»دۇر، راست گەپنى قىلسام ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تورغا چىققۇم كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى.

تۇلۇق ئوقۇش