تۇرمۇش خاتىرەم

پرېستان نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يازمامنى يوللاپ يوقاپ كەتكىلى بۈگۈن دەل 1 ئاي بوپتۇ، بۇ جەريادا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، يەنى مەكتەپ ھاياتىمدىن بىردىنلا جەمىئەت ھاياتىغا قەدەم بېسىش، ئائىلىدىكى قىلسا-قىلسا تۈگىمەيدىغان ئەمما قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار ۋە خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى تىڭرىقاشلار سەۋبىدىن تورغا چىقالمىدىم، بەلكىم يۇقۇردا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى «بانا»دۇر، راست گەپنى قىلسام ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تورغا چىققۇم كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى.

تورغا چىقمىغان بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئۆزەمنى باشقىچىلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم. بىر قانچە قېتىم يېرىم كېچىگىچە مۇسابىقە كۆرگىنىمنى ھىسابقا ئالمىغاندا مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردەك كېچە-كېچىلەپ ئۇخلىماي ئۇسلۇب يازىدىغان، كارۋاتقا چىقىپ بولۇپمۇ بىر قانچە سائەت يانفۇن ئارقىلىق wordpress بىلىملىرىنى كۆردىغان، ئەتىسى خېلە ۋاقلارغىچە ئۇخلايدىغان ئىشلار يوقلا ئىدى، ئەلۋەتتە كېچىسى بالدۇر ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئەتىسى سەھەر تۇرىدىغان گەپ ئىكەن، ئەگەر سىز سەھەر تۇرسىڭىز بىر كۈننىڭ ناھايتى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەنسىز، ئىشەنمىسىىڭىز سىناپ بېقىڭ.

بۇ بىر ئاي جەريانىدا نۇرغۇن دوستلار ماڭا خەت يېزىپ ھال ئەھۋال سوراپ تۇردى، مەن ئۇلاردىن بەك خوشال، ھەمدە بىر قىسىم دوستلارنىڭ QQ دا wordpress ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خىجىل، چۈنكىن مەن بۇ بىر ئاي جەريانىدا QQ دېگەن ئوقەتنى ئېچى باقمىغان ئىدىم. بۈگۈن QQ نى ئېچىشىمغا خەت كەلگەنلىك ئۇچۇرى ساراپ توختىمىدى، ھەتتا كومپىيۇتېرىم قېتىپ قالدى(كونا كومپىيۇتېر ئەمەسمۇ، توغرا چۈشەنسەك بولىدۇ). ئوقۇپ باقمىغان ئېلخەتتىن 68 پارچە، google reader دە 700 پارچىدىن ئارتۇق ماقەلە مېنىڭ ئوقۇشۇمنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ....(ۋاي بېشىم!)

مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، ئۇنداقتا دوستلار ئاللاغا ئامانەت، كېلەر قېتىم مەن پەيدا بولغۇچە خۇديىم سىلەرنى سالامەت قىلسۇن!

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



18 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • kaliptax | 05:08 | 2012.07.1 جاۋاب

    ۋاي بىرەر دانە ئۇسلۇب تارقاتسىڭىز بۇلاتتى يەنە يۇقامسىز ، ئادەم ئزىدەش ئېلانى چىقامىساق بولمىدى

  • ئۇيغۇربەگ | 14:22 | 2012.07.1 جاۋاب

    سۈنئىي دۇنيادىن رېئال دۇنياغا قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزگە ناھايىتى خۇش بولدۇم، ھەقىقەتەن سىز يوق، بەك يالغۇزسىراپ كەتتىم، شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ ھەقىقىي بىر ئەر كىشىگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىڭىزنى ئويلاپ سىزگە ئاق يول تىلەپ، كۆڭلۈمدە سىزگە ئۇتۇقلار تىلەپ تۇردۇم. ئىككىمىزنىڭ ئاشۇ قىران چاغلىرىمىزنى ھەر زامان ئەسلەيمەن، ئىشىڭىزنىڭ پاتراق ئىزىغا چۈشۈشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

    • سەھرالىق | 14:43 | 2012.07.3 جاۋاب

      «ھەقىقىي ئەر كىشىگە؟» پرېستان تىزلا توي قىلمايدىغاندۇ؟

      • پرېستان | 17:13 | 2012.07.3

        خىزمەت تاپساق قىلامىز توينى،،،ھى ھى،،،

  • ئىزتىل | 14:59 | 2012.07.1 جاۋاب

    سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىن ئايرىلىپ جەمئىيەتتىكى مېنىڭ بىلەن بىرگە قۇرداش بولغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ، شۇنداقلا ھاياتلىق مۇساپىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆتكەللىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەلىك ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  • تورسودا | 16:49 | 2012.07.2 جاۋاب

    ئەمما لىكىن بۇ پرىستان بۇرادىرىمىز ئاجايىپ سىرلىق بالىكەن جۇما….چ چ باش سۈرىتىمۇ شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ…
    ئەمدى تەتىلمۇ بوپ قالدى ، ئارامنىمۇ بولىشىغا ئىلىۋالغانسىز، يوقاپ كەتمەڭ بۇرادەر

  • بوغلان | 17:26 | 2012.07.17 جاۋاب

    پرېستان نەگە كەتتىكىن دىسەم ئوقۇش پۈتۈپ جەمئىيەت مەكتىپىگە قەدەم قويغانتىم دەڭ، مۇبارەك بولسۇن! ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن!
    يېڭى ئۇسۇلۇبلارغا ئىشتىھا ساقلاپ تۇرغانتۇق. ئىشلىرىڭىز سەل بېسىققانداق بىزلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسسىز ;-)

  • ئۆزقان | 07:45 | 2012.08.7 جاۋاب

    پرېستان يەنە نەگە كەتكەندۇ؟!…

    • پرېستان | 16:57 | 2012.08.12 جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكم. مەن ئۆيدە، تور بولمىغاچقا تورغا چىقىشقا ئامال بولماي قالدى.

  • سەھرالىق | 04:06 | 2012.08.19 جاۋاب

    ئايەم مۇبارەك ! سەھرالىق پەتىگە كەلدى!

  • ئۇيغۇربەگ | 13:03 | 2012.08.19 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەمىنە ئۇيغۇربەگ پرېستاننىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى ئالغاچ كەلگەچ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى، پرېستان بلوگى، ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى، بلوگىمىز فىلىم قانىلى، WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى( بلوگداش ئۇيغۇر بلوگ مۇنبىرى)، سازبلوگلار جەمگاھى قاتارلىق بلوگ-بېكەتلەرنىڭ تۇغلىرىنى لەپىلدىتىپ ھېيتلىق پەتىگە كەلدىم، بلوگىڭىز كۈنسىرى روناق تاپسۇن، ئالتۇن بۇيىڭىز ئامان بولسۇن، ئىشلىرىڭىز ئالغا باسسۇن.

  • شەربەت | 13:30 | 2012.08.19 جاۋاب

    پىرىستان قېرىندىشىم ئايىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن

    • پرېستان | 16:54 | 2012.08.20 جاۋاب

      بىرگە بولسۇن قېرىندىشىم.

  • لوپنۇرى | 18:14 | 2012.08.19 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشىم! ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال-خورام ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن. كەمىنە لوپنۇرىنىڭ ئايەملىك سالىمنى قۇبۇل قىلغايسىز! لوپنۇرى بلوگىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. قالغان سالامنى تۆۋەندىكى ئايەملىك يازمىدىن كۆرگەيسىز!
    http://www.lopnuri.com/?p=2324

    • پرېستان | 16:54 | 2012.08.20 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام، بىرگە بولسۇن.

  • سەھرايىم | 05:24 | 2012.08.20 جاۋاب

    رۇزى ھىيتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، بىز تەرەپلەرگىمۇ كلىپ پەتىلىپ كىتەرسىز .

    • پرېستان | 16:53 | 2012.08.20 جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىرگە بولسۇن.

  • پەرۋاز | 10:09 | 2012.08.29 جاۋاب

    ئەسسالام، سىزنى بەك كۆرگىمىز كەلدى……………………………………

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif