Google ئىزدەش ماتورىنىڭ ئۇيغۇرچە بېكىتىدىكى ئىزدەش كونۇپكىسى قاتارىدا «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دېگەن يەنە بىر كونۇپكا بار، ئىشلەتكۈچىلەر «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» ئىقتىدارى ئارقىلىق Google سېستىمىسى ئۆزى خالىغان(ئىختىيارىي) چىقىرىپ بەرگەن ئىزدەش نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. يەنە كىلىپ، بۇ ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ قانۇنىيىتى يوق، ھەممىسى ئىختىيارىي، قالايمىقان، خۇددىي «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دېگەن ماقالغا ئوخشاش. WordPressدىكى بلوگىمىزغا قوشماقچى بولغان «بازار ئارلاش» ئىقتىدارى بولسا ئاشۇ كونۇپكىنى باسقاندىن كېيىن بلوگدىكى خالىغان بىر يازمىنى ئېچىپ بىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشدىن ئىبارەت.
قەدەم باسقۇچلىرى
بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇب ھۆججەتلىرى بار ئورۇنغا (يەنى ھازىرقى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ style.css ھۆججىتىنىڭ يېنىغا) يېڭىدىن بىر PHP ھۆججىتى قۇرۇڭ، ئىسمىنى random.php دەپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى random.php ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە چاپلاڭ ۋە UTF-8 ھالىتىدە ساقلاڭ.
/*
Template Name: بازار ئارلاش
*/
?>
$rand_post=get_posts('numberposts=1&orderby=rand'); foreach($rand_post as $post) : ?>
endforeach; ?>
ئۇسلۇبقا قوشۇش جەريانى:
باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ يېڭىدىن بەت قۇرىسىز، ماۋزۇسىغا «بازار ئارلاش» دەپ يازسىڭىز بولىدۇ. «بەت خاسلىقى» رايۇنىدىكى «ئۈلگە» تۈرىدىن «بازار ئارلاش» نى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇسلۇبىڭىزنىڭ تىزىملىك ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بازار ئارلاش بېتىنى باشبەتكە چىقىرىپ قويسىڭىزلا ئىش تامام.