wordpress تېخنىكىسى

wordpress پارولى توغرا تۇرۇپمۇ باشقۇرۇش بېتىگە كىرگىلى بولماسلىق

ماقالە مۇندەرىجىسى

بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا بلوگىمغا كىرىش ئۈچۈن قوللانچى نامىم ۋە پارولىمنى كىرگۈزسەم باشقۇرۇش بىتىگە ھىچ ئۆتىدىغاندەك ئەمەس، مەن تېخى تور سۈرئىتىنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، كارىمنى قىلىپ باشقا ئىش قىلىپ يۈرۈپتىمەن، بۈگۈن يەنە بىر سىناپ باقاي دەپ پارول ۋە نامنى توغرا كىرگۈزپ ENTER نى چەكسەم لاپپىدە قىلىپ يەنە شۇ قوللانچى نامى ۋە پارول كىرگۈزۈش بېتىدە تۈرىدۇ، قايتا-قايتا سىناپ باقتىم، cookie تازلاپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش، google دىن ئىزدەپ باقسام بۇنىڭمۇ ئامالى چىقىپ قالدى، دوستلارمۇ بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالسا پايدىلانسۇن دەپ يېرىم كېچىدە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

ھەل قلىش ئۇسۇلى

FTP قورالى ئارقىلىق /wp-includes/pluggable.php ھۆججەتنى ئىزدەپ تېىڭپدە كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈڭ، تەھرىرلەش قورالى ئارقىلىق تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ، مېنىڭ 3.2.7 نەشرىدىكى بلوگىمنىڭ 671-قۇرىدا ئىكەن.

setcookie($auth_cookie_name, $auth_cookie, $expire, ADMIN_COOKIE_PATH, COOKIE_DOMAIN, $secure, true);

ئەمدى سىز يۇقۇردىكى كودنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىپ بولۇپ ئەسلى ئورنىغا قويسىڭىزلا ئىش تامام.

setcookie($auth_cookie_name, $auth_cookie, $expire, SITECOOKIEPATH, COOKIE_DOMAIN, $secure, true);

ئەسكەرتىش

ئەسلى ھۆججەتنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن بىر نۇسخا زاپاسلاشنى ئۇنۇتماڭ.

مەزكۇر يازمنىڭ خەتكۈچى ، ، ، بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار



9 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • قەقنۇس | 14:05 | 2012.10.1 جاۋاب

    مەنمۇ بىر نەچچە قىتىم يولۇققان بۇ ئىشلارغا .رەھمەت ئەمدى بىلىۋالدىم .

  • مەن | 00:00 | 2012.10.9 جاۋاب

    ئەسساللاممۇ – ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ، ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلسىڭىز ، مەن بىلوگبۇستا بىر بىلوگ قۇراي دىگەنتىم بىراق مەن ، قانداق قۇرۇشنى ئۇقمايمەن ، مەن ھەم يەنە خەنزۇچىنىمۇ ئۇقمىاچقا شۇڭا مىنىڭ بىلۇگ قۇرشۇم ئەسلى مومكىن ئەمەستەك قىلىدۇ ، مەن مۇشۇ توغۇرلۇق مۇناسىۋەتلىك ئىككىتاب ھەم نۇرغۇن نەرسىلەرنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ كۈرۈپ چىقىتىم بىراق بەك تەسكەن ، پەقەتلا بولمىدى ، شۇڭا سىزنى ماڭا ياردەم قىلىپ بىلوگ بۇستا بىر بلوگ قۇرۇپ بەرسە دىگەن ئۈمۈتتىمەن ، ئەلۋەتتە بۇنۇڭغا نۇرغۇن ۋاقىت ھەم زىھىنىڭىز ئىسراپ بۇلشى تۇرغانلا گەپ ، شۇنداقتتىمۇ ياردىمىڭىزنى ئايماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ، مەن سىزگە بۇ جەھەتتە سىزگە بۇنۇڭغا قانچىلىك ئىقتىساد كىتىدۇ دىسىڭىز شۇنچىلىك ئىقتساد بىلەن تەمىنلىسەم ، ئەلۋەتتە ھەممە نەرسىنى پۇك بىلەنلا ئۆلچىگىلى بولمايدۇ ، ياردەم قىلشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ، مىنىڭ QQ نۇمرۇم 2234500170 ئىلخەت بولسا 2234500170@QQ.om ، يەنى كىيكۇرۇمنىڭ خەت ساندۇقى ئۇچۇق سىز ماڭا كىيكۇرۇمنى قۇشۇپ ياكى ئىلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . :arrow:

    • پرېستان | 17:16 | 2012.10.9 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام؛
      مەن بار جايدا blogbus ئېچىلمىغىلى خېلە زامانلار بولۇپ قالدىم، شۇ ۋەجىدىن blogbus تىن wordpress كە كۆچۈۋالغان. ئەگەر سىز wordpress تا بلوگ قۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇيغۇربەگ بلوگىدىكى (www.uyghurbeg.net) مەزمۇنلارنى كۆرۈپ مۇكەممەل بولغان بىر بلوگ قۇرۇپ چىقالايسىز، wordpress پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يېزىقتا، ھەقلىق-ھەقسىز ياردەمنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇربەگ قىلىدۇ، بوشلۇق ئېلىش-سېتىش، تور نام ئېلىش-سېتىش، بلوگ ئاسراش قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەتلىرى بار.

  • ئابلەت | 15:29 | 2012.10.12 جاۋاب

    رەھمەت ،ياردىمىڭىزدە بۇنىمۇ ھەلقىلىۋالدىم ;-)

  • باھادىر | 04:02 | 2012.11.24 جاۋاب

    مەن بۇ ئۇسۇلنى قوللانساممۇ ھەل بولمىدى، خېلى ئىزدىنىپ باقتىم، قەيەردىكى مەسلە ئىكەنلىكىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. ئېغىر كۆرمەي ماڭا ياردەم قىلىپ قاراپ باققان بولسىڭىز…www.teklimakaniy.com QQ:251078110

    • پرېستان | 12:28 | 2012.11.24 جاۋاب

      كەچتە سىزنى ئىزدەي.

  • ئاتەش | 16:41 | 2013.03.16 جاۋاب

    مەنمۇ بۇ مەسىلىگە يولۇقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن ئەمما ھەل قىلىش ئوسولىنى چۈشەنمەي قالدىم ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز بەك خوش بولغان بولاتتىم ئەپەندىم . چ چ : 493816720

    • پرېستان | 01:23 | 2013.03.17 جاۋاب

      نەرىنى چۈشەنمىگەنسىز بۇنىڭ؟

  • ئىرشاد | 12:47 | 2014.05.26 جاۋاب

    كۆپ رەھمەت ئوڭشىۋالدىم ، پايدىلىق بىلىملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي …

باھا يوللاش (قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif