ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (8)

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-14 19:28:30

«قەرز ئوغۇل بالىنىڭ قامچىسى». بۇ گەپنى نەدە ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە يوق، بەلكىم تۈركىيىدە، بەلكىم ئامېرىكىدا. ۋەتەندە قەرز ھەققىدە ئاڭلىغىنىم، « ئۇ دۇنيا ياخشىمۇ، بۇ دۇنيامۇ؟» دەپ سورالسا، «بانكىغا قەرزىڭ بولمىسا مۇشۇ دۇنيا ياخشى» دېيىلگەن بىر يۇمۇر.

    ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (8)
     
    ئاپتور: ئابدۇراھمان ئوغلى

    قايتىدىن قۇراشتۇرۇلۇش
      «قەرز ئوغۇل بالىنىڭ قامچىسى». بۇ گەپنى نەدە ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە يوق، بەلكىم تۈركىيىدە، بەلكىم ئامېرىكىدا. ۋەتەندە قەرز ھەققىدە ئاڭلىغىنىم، « ئۇ دۇنيا ياخشىمۇ، بۇ دۇنيامۇ؟» دەپ سورالسا، «بانكىغا قەرزىڭ بولمىسا مۇشۇ دۇنيا ياخشى» دېيىلگەن بىر يۇمۇر. ئەسلىدە  تەسىرىدىن ئېيتقاندا بۇ بىر يۇمۇرمۇ ئەمەس، پەقەت باشقىلارنىڭ جاراھىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ تەمرەتكىسىگە تەسەللىي تېپىش. نېمە بولسا بولسۇن، بۇنىڭدىمۇ قەرزنىڭ بىر قامچا ئىكەنلىكىدىن شىكايەت بار، چۈنكى  بۇ قامچا ئۇرىدىغان قامچا ئەمەس، ئۇرۇلىدىغان قامچا.
    بىر كۈنى بىر تۈرك دوستۇمدىن تېلېفون كەلدى:
    -سېنى ئويلىسام ھەم ساڭا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ھەم ئۆزۈمگە تەسەللىي تاپىمەن. چۈنكى خىزمىتىمنىڭ تايىنى يوق ھالەتتە بىر ئوي سېتىۋالدىم، پەۋقۇلئاددە ئىشتىن ئايرىلىپ قالسام، بانكىنىڭ پۇلىنى قانداق تۆلەرمەن دېگەن ئەندىشە بىلەن كۈنلىرىم تامامەن باشقىچە؛ بۇرۇن قورسۇقۇم كۈنىگە 6 ۋاق ئاچاتتى، ھازىر ئىشتىھالار تۇتۇق؛ ئالدىمغا تاماق قاچىسى  «تاراققىدە» قويۇلمىغىچە قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقى ئېسىمگە كەلمەيدۇ. بۇرۇن كارىۋاتتا ياتساملا ئەمەس، ماشىنامنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ يۆلەنچۈكىگە بېشىمنى تىرىسەملا خورەكنى باشلايتتىم، مانا ئەمدى كېچە-كېچىلەپ بالكوندا تاماكا چېكىپ ئولتۇرىمەن. بۇرۇن مۇھەببىتىمنىڭ «پاراققىدە» بىر كۈلكىسى 100 مېتىر نېرىدىن،  1000 ئادەمنىڭ ئارىسىدىن ئاڭلانسىمۇ يۈرىكىم «جىغغىدە» قىلاتتى؛ مانا ئەمدى، يېنىمدا بولسىمۇ، بېقىنىمنى كەلتۈرۈپ ئىككىنى چىمدىمىغىچە  يولدا بىللە كېتىۋاتقىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمەن؛ بۇرۇن ماڭا تاتلىق تۇيۇلىدىغان قېيىداشلار، مېنى مەست قىلىدىغان باتناشلار، ئەمدى پەقەت بالىلارنىڭ قورچاق فىلىمىدىكى ئىمىر-جىمىر كۆرۈنۈشلەر....
      يۇقىرىقىلار، ئەلۋەتتە تۈرك دوستۇمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەينەن نەقىلى ئەمەس، پەقەت ھېسسىيات تەرجىمىسى. ھېسسىياتنى تەرجىمە قىلالىدىم. دېمەك، ئۇنىڭ قاقشاشلىرى ماڭا ناتونۇش جەريان ئەمەس. مېنىڭچە  بۇ جەريان ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا Naturalization دېيىلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ  ئامېرىكا ۋەتەندىشىغا ئايلىنىش جەريانىنىڭ بىر پارچىسى يەنى باشلانغۇچ نۇقتىسى. ئۇيغۇنمۇ-ئۇيغۇن ئەمەسمۇ،  مەن جەريانغا قايتىدىن قۇراشتۇرۇلۇش دەپ ئات قويدۇم.
        ئىككى ئۆينى ئىجارىگە بەرگۈدەك ھالغا كەلتۈرۈش جەريانىدا ئۆي رېمونتچىلىق دېگەن بىر ئىش ۋە بىر بازار بىلەن ئانچە-مۇنچە تونۇشىۋالدىم. مۇشۇ تونۇشلۇققا تايىنىپ تۇرۇپ، ھاياتىمدا بولقا-كەكە، ئەندۈ-چوتكا دېگەن نەرسىلەرنى تۇتۇپ باقمىغان بولساممۇ «ئۆي رېمونت قىلىمەن» دەپ گېزىتلەردە ئېلان بېرىۋاتىمەن. چۈنكى ئۆيلىرىمنى  ئىجارىگە بېرىپ بولغان، ئىجارىنى تولۇق يىغىۋىلىۋاتقان بولساممۇ، بۇ ئۈچ ئۆينى بانكىغا تارتقۇزۇپ قويماي قولۇمدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئاز دېگەندە ئايدا 5-6 مىڭ دوللار كىرىم قىلىشىم كېرەك. تەلىيىمگە بۇ ساھەدە ئانچە-مۇنچە كۆزى پىشقان بىر دوستىمىز ماڭا تېخنىك ھەم  شېرىك بولۇپ يانداشتى. ئۇ ئەسلىدە ئوقۇغۇچى مەزگىللىرىدە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ داڭلىق بىر ۋالىبولچىسى. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت ئىزدەپ بېيجىڭغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم ئىزدەپ ياپونغا، ئۇنىڭ ئارقىدىن ھەقىقەت ئىزدەپ ۋاشىنگىتونغا كېلىپ قالغان. ياپونىيە ئۇنى ئانچە-مۇنچە رېمونت قىلىپ قويغان چېغى، ۋەتەندىكى ۋاقتىدا توپ ئويناپ ۋە كىتاب ئوقۇپلا ئۆتكەن بۇ دوستىمىز، ئامبۇر-كۇلۇشلارنىڭ رەزمىرلىرى، توكلۇق مىق قاققۇچلارنىڭ تۈر ۋە ناملىرىدىن خەۋەردار ئىكەن؛ شۇڭا ئىشلىرىمىز مېڭىپ قالدى. ئىش ئالغىنى بارغاندا ۋالىبولچى دوستىمىز ئۈستى-بېشى سىر ۋە يىرىك كىيىملەرنى كىيىپ بېرىپ شىركىتىمىزنىڭ تېخنىكىۋى كۈچىنى كۆرسىتىدۇ؛ مەن گالستۇك تاقاپ ۋە چاچنى ئاز-تولا مايلاپ بېرىپ  مەمۇرىي كۈچىمىزنى كۆرسىتىمەن. چۈنكى خېرىدار بىر ئاشخانىسىنى ئوڭشۇتۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 4 شىركەت ياكى ئۇستىنى تەكلىپ قىلىدۇ، شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇتۇپ چىقىشىمىز كېرەك.  دەسلەپ ئىش ئالغىلى بارغاندا كەسىپتىكى ساۋاتسىزلىقىم سەت ھالدا چانغان چاغلار بولدى. بىر كۈنى بىر خېرىدار مۇنچامنى ئوڭشىتىمەن دېدى؛ قارىسام پاك-پاكىز، ساپمۇ-ساقلا بىر مۇنچا. چاتاقنى بىلەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆزۈمنى خېرىدارنىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ يالغاندىن تاملارنى سىلاپ، تورۇستىكى چىراغلارنى ساناپ تۇرۇپ تېخنىك دوستىمىزدىن سورۇدۇم:
    -چۈشەندىڭمۇ؟ نېمە قىلماقچىدۇ بۇ ئاداش بۇ ساپمۇ-ساق مۇنچىنى؟
    -مۇنچىنىڭ يۇندا ئاقىدىغان تۆشۈكى ئېگىزىرەك تۇرىدۇ، قارىغاندا مۇنچىنىڭ يۇندىسى دەرھال ئېقىپ كەتمەي ئاۋارە قىلىۋاتقان چېغى، ئۆزىمۇ تۆۋەننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتمامدۇ.
    بىز قۇرۇلۇشچىلىقنى مۇشۇنداق باشلىدۇق. ئىشلىرىمىز ماڭدىلا ئەمەس، ئەپلەشكىلى تۇردى. ئادەم كۈچىمىزنى كۆپەيتتۇق، مەخسۇس ئىش كۆرۈشمىسىگە  بارىدىغانغا  ئىنگلىزچىسى ياخشى بىر دوستىمىزنى ھەمكارلىققا چاقىردۇق. ھەمكارلىق ھە دېگەندە تەتۈر نەتىجە بەردى. دوستىمىز بىر نەچچە قېتىم ئىش كۆرۈشمىسىگە بېرىپ  ئىش ئالالماي قايتىپ كەلدى، بىر ھەپتىچە بىكار قالدۇق. ئاخىرى سۈرۈشتە قىلىپ مەسىلىنى بايقىدۇق: دوستىمىزنىڭ ئۆزىنى ۋە شىركىتىمىزنى تونۇشتۇرىشىدا مەسىلە بار. سەمىمىيلىك بەك قىممەتلىك نەرسە، ئەمما ئورنى ۋە ۋاقتى بىلەن؛ ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ بەزىدە ئارقىغا چېكىنىشنىڭ ھەتتا بەزىدە پالاكەتچىلىكنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى، شۇڭا دوستىمىزغا ئۆگەتتۇق:
    -ئىش ئالغىلى بارغاندا دىپلوملىرىڭنى ئۇنۇت، تۈركىيەدە ماتېماتىكىدا ماگىستىرلىق ئوقۇغۇنىڭنى تىلغا ئالما؛ تېخنىكىمىزنىڭ ئەسلىدە بىر ۋالىبولچىلىقىنى پاش قىلما، سىرچىمىزنىڭ ئەسلىدە بىر ئەدەبىياتچى ئىكەنلىكىنى ھەرگىز چاندۇرۇپ قويغۇچى بولما. «ھەممىمىز ئاتا-كەسپ تامچىلاردىن» دە، «18 يېشىمىزدىن بۇيان بىز مۇشۇ ياغاچ-تاشنىڭ ئارىسىدا» دە، شۇ چاغدا ئېلانغا خەجلەۋاتقان 400-500 دوللار پۇلىمىز بىكارغا كەتمەيدۇ.
      نەسىھىتىمىز ئۈنۈم بەردى، ئىشىمىز قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. بۇ ھەم قۇرۇلۇشچىلىق بىلەن تەنھەرىكەتچىلىكنىڭ ئارىسىدا بەلگىلىك ئورتاق نۇقتىلار بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. تېخنىكىمىزنىڭ تېگى ۋالىبولچى بولغاچقا، بەزىدە كونا دېرىزىلەرنى قومۇرىدىغان چاغلاردا سايمانمۇ ئىشلەتمەستىن يۇلۇپ-يۇلۇپ تاشلىۋېتىدۇ؛  بەزىبىر ئىشىكلەرنى  دولىسى بىلەن ئىتتىرىپلا يىقىتىدۇ. بىر قېتىم بىر كونا ئۆينىڭ ئۈستىنى ئاچىدىغان چېغىمىزدا تېخنىكىمىزنىڭ لىم ۋە تۈۋرۈكلەرگە ئېسىلىپ تۇرۇپ تورۇسقا چامباش ئېتىپ، ئۆگزىنىڭ ئاز دېگەندە يېرىمىنى پۇتى بىلەن تېپىپ ئاچقىنى ئېسىمدە. تېخنىكىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى يالغۇز تەنھەرىكەتچىلىك ھەۋىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە سايمان-جابدۇقلىرىمىزنىڭ كەمچىللىكىدىن. قۇرۇلۇشچىلىقنىڭ  ئۆرۈش-يىقىتىش قىسىمدا  كۈچكە تايانغان بىلەن قۇراشتۇرۇش ۋە بېزەش قىسىمىدا ھۈنەر ۋە تېخنىكىغا تايانماي ئامال  يوق، شۇڭا تېخنىكىمىز  ئىشلەش جەريانىدا پات-پات كىتابقا قاراشقا مەجبۇر، بولۇپمۇ توك ئىشلىرىغا كەلگەندە. بىر كۈنى بىر تانزانىيىلىكنىڭ يەر ئاستى ئۆيىنى ئوڭشاۋاتىمىز، ئەسلىدە ئىككى  كۈندە تۈگىشى كېرەك بولغان توكچىلىق قىسمى  ئىككى ھەپتىگە  سوزۇلۇپ كەتتى.  ئۆي ئىگىسىنىڭ دەسلەپتە ئىچى پۇشتى بولغاي، ياساۋاتقان ئۆيىمىزنىڭ ئىچىگە پات-پات بېشىنى تىقىپ  قاراپ قوياتتى، كېيىنچە ئەندىشىگە چۈشتى بولغاي ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ «ياردەم كېرەكمۇ» دەپ سوراپمۇ قويدى، «مەن ياقەي» دەپ كېسىپلا رەت قىلدىم. تېخنىكىمىزنىڭ كىتابقا قاراپ سائەتلەپ-سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى، بۇ جەرياندا گاھ ئېڭىكىنى تۇتۇپ ئويلىنىپ، گاھ بېشىنى تاتىلاشلىرى  ئاخىرى ئۆي ئىگىسىنىڭ غەزىپىنى ئۆرلەتتى، ئۇ بىز ياساۋاتقان ئۆيگە تەرىنى بۇزۇپ كىرگىنىچە مېنى سىرتقا چاقىردى:
    -نېمە دېگەن ئاستا ئىش قىلغان ئۇستام بۇ،  ھەيدىۋېتىڭ بولدى،  مەن سىزگە بىر تانزانىيىلىك توكچىنى  تونۇشتۇرۇپ قوياي، كىتابقىمۇ قارىمايدۇ، بىر كۈندىلا تۈگىتىۋېتىدۇ....
    -نېمە دەۋاتىسىز؟!-دېدىم مەن سۆزىنى كېسىپلا،-تېخنىكىمىز ئىشنى تۈگىتەلمەيۋاتقان گەپ ئەمەس، بىز  ئىشنىڭ  باشقا جەريانلىرىنى ئۇنىڭغا ئۈلگۈرتۈپ بېرەلمەيۋاتىمىز. ئۇ بىلمەي كىتابقا قاراۋاتقان ئىش يوق، كەچتە توكچىلىق كۇرسىدا دەرس ئۆتىدىغان ئىشى بار، شۇ دەرسكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.....
    -شۇنداقمۇ؟!- ئۆي ئىگىسىنىڭ چىرايى  لەپپىدە ئېچىلدى،  «ھە توكچىنىڭ ئۇستىسىنىڭ ئۇستىسىنى ئىشلىتىۋېتىپتىمەن-دە» دېگەن خۇشاللىق ئۇنىڭ ئېغىزلىرىنى بىردىنلا قۇلاقلىرىغا يەتكۈزدى.
    تېخنىكمىزنىڭ ئىشلەۋېتىپ ئوقۇيدىغىنى يالغۇز كەسپىي-تېخنىكىۋى  كىتابلارلا ئەمەس، بەزى سايمانلارنىڭ پايدىلىنىش قوللانمىسى، مەھەللە ۋە رايونلارنىڭ Code دەپ ئاتىلىدىغان لاياقەتلىك ئۆلچەملەر ھەققىدىكى ئېلكىتابلارمۇ بار. بۇ كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە بولغاچقا ئۇنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن ياپونچە، خەنزۇچە لۇغەتلەرمۇ كېرەك. شۇڭا بىز ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغاندا چوڭراق بىر ماشىنىدا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە جابدۇق ئېلىپ ماڭساق، يەنە كىچىكرەك بىر ماشىنىدا كىتاب ئېلىپ ماڭىمىز. ئادەتتە ئۆي-رېمونت تېخنىكلىرىنىڭ  يېنىدا قولىغا سايمان ئېلىپ بېرىدىغان بىر شاگىرت ئىشچى بولىدۇ، بىزنىڭ تېخنىكىمىزنىڭ بولسا ئىككى؛ يەنە بىرسى قولىغا كىتاب ئېلىپ بېرىدۇ.
      ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەتلىك دەم ئېلىشىمىز بار، بۇ ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيمىز، بۇ چاغدا پۇتىمىزلا ئامېرىكىدا ،ئەمما روھىمىز، ئەقلىمىز، تەپەككۇرىمىز باشقا بىر قىتئەدە كېزىپ يۈرىدۇ. دەل شۇنداق كېزىشلەرنىڭ بىر مىنۇتىدا، تانزانىيىلىك يېنىمىزغا كېلىپ سورىدى:
    -بەك قىزغىن تالاش-تارتىش قىلىۋاتىسىلەر، نېمە توغرىسىدا گەپ قىلىشىۋاتقىنىڭلارنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟؟
    مەن دەرھاللا جاۋاب قايتۇردۇم:
    -ياپونىيەنىڭ يەرئاستى ئۆي چوڭقۇرلىقىغا بېكىتكەن ئۆلچىمى توغرىمۇ، ئامېرىكىنىڭمۇ دېگەننى تالىشىۋاتىمىز....
    تانزانىيىلىكنىڭ ئېغىزى يەنە بىر قېتىم قۇلىقىغا يەتتى. ئۇ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ئايالىغا  نېمىنىدۇر يەتكۈزۈشكە ئالدىرىغاندەك ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا بىزدىن ئۇزاقلاشتى . ئەسلىدە ئارىمىزدا  بولىنىۋاتقان گەپلەر مۇنداق ئىدى:
    -دىڭ شياۋپىڭنىڭ ئەڭ ئاقىلانە سۆزى جەنۇبنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە قىلغان سۆزى.
    -شۇنداق، مېڭە ئالماشتۇرۇش دېگەن بۇ گەپ داھىيانە ۋە  تارىخىي بىر چاقىرىق  ئىدى......
    -بۇ باشقىچە ئېيتقاندا «بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ مېڭىسىنىڭ قېتىقى چاتاق، ئالماشتۇرۇۋەتمىسەك ئۆلىمىز» دېگەنلا گەپ.
    -بۇ گەپنىڭ ھەقىقىتىنى ۋارىسلىرى چۈشەنمىدى ئەمەس، ئەمەل قىلغۇسى كەلمىدى....
    -جياڭ زېمىننىڭ «بىزنىڭ غەربچە دېموكراتىيىگە ئۆتۈشىمىزگە يەنە 50 يىل بار» دېگىنىمۇ يامان گەپ ئەمەس.
    - توغرا، بۇ دېگەنلىك مېڭىمىزنىڭ قېتىقىنى 50 يىلدىن كېيىن ئالماشتۇرىمىز، يەنى ھامان بىر كۈنى ئالماشتۇرىمىز دېگەن گەپ.
    -ئاغىنىلەر، ئەڭ يېقىملىق، ئەڭ توغرا گەپنى قىلغان ئادەم يەنە شۇ ماۋزېدوڭ جۇمۇ: «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز!»
       شۇ تاپ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ تانزانىيىلىكنىڭ «قارا خوتۇن،  نېمە دېگەن كەسىپچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەرنى تاللاپتىمەن-ھە» دېگەن ماختىنىشلىرىنى  تەستىقلاۋاتقان خانىم، ئەگەر ئۇيغۇرچە بىلگەن بولۇپ يۇقىرىقى دىئالوگلارنى ئاڭلىغان بولسا، چوقۇم «ھەي ئەخمەق، قايسى لاگىرىدىن تېپىپ كەلدىڭ بۇ ئادەملەرنى» دېگىنىچە يولدىشىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان بولاتتى.
       شۇنداق قىلىپ بىلەك ۋە دولىمىزنىڭ كۈچى ۋە تىلىمىزنىڭ يۇمشاقلىقىغا تايىنىپ باشلانغان بۇ ئۆي رېمونتچىلىق ئىشىمىز سىرچىلىقتىن كونا ئۆيلەرنى بۇزۇپ يېڭىلاشقىچە ئىلگىرىلىدى. بۇ پۇرسەتتە 3 ئۆيۈمنى بىر يىل تۇتۇپ تۇرالىدىم، تەلىيىمگە ئۆي باھاسى يەنە ئۆرلەپ، ھەر بىرسىگە 20-30%  باھا قېتىلدى. بۇ پايدىنىڭ ئىلھامى ھەم ئەسلى پىلانىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يەنە توت ئۆي ئالدىم. بۇ تۆت ئۆي ئەمەلىيەتتە  Multy Family House دېيىلىدىغان 4 ئائىلىلىككە خاس  كىچىك بىر بىنا. بۇ ئىلگىرىلەش نام-شەرىپىمنى ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ھالقىتىپ بەزى قوشنا جامائەتلەرگىمۇ يەتكۈزدى بولغاي، بىر كۈنى Sterling دېگەن جايدىكى بىر پاكىستانلىق ئائىلىگە تىجارەتتىن مەسلىھەت بېرىشكە تەكلىپ قىلىندىم. ئۆيگە كەلگىنىمدە ئۆيدە دوغىلاق-دوغىلاق ئىككى ئايال ۋە كۆتەكتەك-كۆتەكتەك ئىككى ئەر بار ئىدى. ئىككى دوغىلاق  ئايال داستىخان بىلەن بىلەن ئاشخانا ئارىسىدا خۇددى يۇمىلاپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئىككى ئەرنىڭ قورساقلىرى يالغۇز كۆينەك ۋە كاستوملىرىنىڭ تۈگمىلىرىنىلا ئەمەس، ئالدىلىرىدىكى تاماق ئۈستىلىنىمۇ قىستاپ قويغان ئىدى؛ ئۈستەل تېگىشلىك ئورنىدىن سۈرۈلۈپ  يەنە بىر تامغا چاپلىشايلا دەپ قالغان ئىدى. ئۈستەلنىڭ بۇ تار تەرىپىگە بايىقى ئىككى ئايالنىڭ سىغىشى مۇمكىن ئەمەس، سىغىپ قالدى دېگەن تەقدىردىمۇ چىقىدىغان چاغدا چوقۇم كىران كېرەك. بۇ رېئاللىق كۆزدە تۇتۇلغاچ بۇ تار تەرەپكە مەن باشلاندىم.
    تاماقلار تىزىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى ئايالمۇ ئۈستەلدىن ئورۇن ئېلىشقا ھازىرلاندى. ئىككىسىنىڭ ئۈستەلنىڭ ئىككى ئۇچ تەرىپىدە ئولتۇرماسلىقتىن باشقىغا چارە يوق. تۆر تەرەپكە ئاتلانغىنى مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتتى، چامىمچە ئارقامغا داجىپ تۇرۇپ بەردىم، شۇنىڭدىمۇ ئۇ ئىستاكاندىن ئىككىنى  ئۆرۈش، پۇتۇمغا بىرنى  دەسسەش ۋە ئورۇندۇقتىن بىرنى يىقىتىش بەدىلىگە  ئۆز ئورنىغا جايلاشتى. ئۈستەلدىكى مولچىلىققا قاراپ «بۇ مېنىڭ ھۆرمىتىمدىنمۇ ياكى بۇ بەدەنلەرنىڭ فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجىدىنمۇ» دەپ ئويلاپ قالدىم. مەنمۇ ئادەتتە كىچىك بىر ئادەم ئەمەس، بۇلارنىڭ  مېنىمۇ ھەيران قالدۇرغان  يوغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى  ئارقامدىكى تامغا ئېسىلغان ئىككى ئەرنىڭ  رەسىملىرى  ئايدىڭلاشتۇردى. ئەسلىدە بۇ ئىككىسى، بىرى  پاكىستان، يەنە بىرى جەنۇبى ئاسىيا بويىچە بوكسېر چىمپيونلىرى ئىكەن (ئېغىر بەدەنلىكلەر گۇرۇپپىسى بويىچە). ئىككىسى باجا ئىكەن، 5 يىلدىن بېرى ئامېرىكىدا تاكسىچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. بۇنى ئۇقۇپلا مەقسەتلىرىنى چۈشەندىم. دېمىسىمۇ ئىككى بوكسېرچىنىڭ تاكسىچىلىق قىلىشى يولۋاسنىڭ قەپەسگە سولانغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش، ئۇلار بۇ قەپەسدىن قۇتۇلماقچى ۋە قۇتۇلۇش يولىنى تىجارەتتىن كۈتكەن. تەجرىبەم بويىچە ئۆي بازىرى ئۆسۈۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلدىم ۋە بۇ بىلگەن-ھېس قىلغانلىرىمنى دەپ بەردىم.
    ئۈچ سائەتلىك سۆھبىتىمىز داۋامىدا ھىچقايسىمىز ئورنىمىزدىن قوزغالمىدۇق، بۇ سۆھبەتنىڭ قىزىپ كەتكىنىدىنلا ئەمەس، ئۈستەل ئەتراپىدىكى بەدەنلەرنىڭ ئېغىرلىقى ۋە  ئۆيدىكى قىستىلىپ جايلىشىشتىن. ئالدىمدىكى سابىق ئىككى چىمپيوننىڭ ئىسسىق ئۆيدە بويۇنلىرىدىكى گالستۇكلىرىنى چىقىرىۋەتمەي ئولتۇرۇشىنى ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغان «ئۇستا سودىگەر» لىك  نام-شەرىپىمنىڭ ھەيۋىسىدىن كۆردۈم.
       يولدا قايتىپ كېلىۋېتىپ خىيالىمغا شۇ كەلدى: ئەگەر مەن بۈگۈن مۇشۇ مېھماندارچىلىققا كېلىۋاتقان چېغىمدا يۇرتتىكى دوستلاردىن بىرەرسىدىن تېلېفون كېلىپ قالغان بولسا، ئۇلار «نەگە كېتىۋاتىسەن» دەپ سورىغان بولسا، مەن «بىر  پاكىستانلىق ئائىلىگە تىجارەتتىن مەسلىھەت بەرگىلى كېتىۋاتىمەن» دېگەن بولسام، چوقۇم قارشى تەرەپ «قايت كەينىگە، ئادەم ئەخمەق قىلما!» دېيىشى مۇقەررەر. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يېزىش ۋە ئوقۇشتىن باشقىنى قاملاشتۇرالمايدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالسام كوچىدىلا قالىدىغان، ھايات قېلىشىمنىڭ بىردىن بىر يولى كادىرلىق بولغان بىر يارىماس ئىدىم.
    (بىر ئىزاھات، چاتمىنىڭ بۇ قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان قايتا قۇراشتۇرۇلۇش قىسمىتى  ئامېرىكىغا كەلگەن ھەممە كۆچمەنلەر ئۈچۈن شەرت ئەمەس. تورداشلار بۇ نۇقتىدا چاتمىنىڭ باش قىسمىدا دېيىلگەن «ئۇچۇپ كەلگەنلەر» ئېنىقلىمىسىنى ئەستە تۇتقاي.  ئامېرىكىغا يېقىنقى مەزگىللەردە كەلگەن ۋە كېلىۋاتقانلار ئۈچۈن يول بۇ چاتمىدا بايان قىلىنىۋاتقاندىن نەچچە ھەسسە راۋان ۋە  رەسمىيەتلەر نەچچە ھەسسە قۇلاي)
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.