ۋاشىنگتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (1)

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-02 10:43:39

بۈگۈنگە قەدەر تورلاردا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە پەخىرلىك نەتىجىلىرى ھەققىدە ئېسىل-ئېسىل ماقالىلار خېلى يېزىلدى؛ ئەمما مورىدىن ئىس چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ رېئال، بۇ ئومۇمىي ساھەدىن بىر نەرسە يېزىلمىدى؛ بولۇپمۇ


    ۋاشىنگتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر ((1

    مۇقەددىمە
     
      بۈگۈنگە قەدەر تورلاردا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە پەخىرلىك نەتىجىلىرى ھەققىدە ئېسىل-ئېسىل ماقالىلار خېلى يېزىلدى؛ ئەمما مورىدىن ئىس چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ رېئال، بۇ ئومۇمىي ساھەدىن بىر نەرسە يېزىلمىدى؛ بولۇپمۇ ئامېرىكىغا بىر تال خىشسىز كېلىپ ئۆي-ئوچاق بەرپا قىلغانلارنىڭ ئۆز قەلىمىدىن. 

        نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كېلىش جەريانىغا ئاساسەن ئىككىگە ئايرىش مۇمكىن: كۆچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇچۇپ كەلگەنلەر. كۆچۈپ كەلگەنلەر دېگىنىم : ئوقۇش، خىزمەت ياكى تۇغقان يوقلاش دېگەندەك نىسبەتەن نورمال يوللار بىلەن كېلىپ بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئىختىيارىي  تاللاشتىن كېيىن يەرلىشىپ قالغانلار. ئۇچۇپ كەلگەنلەر دېگىنىم، ھاياتنىڭ تۈرلۈك ئىسسىق-سوغۇق شاماللىرىنىڭ پۈۋلىشى بىلەن يەنى تاساددىپىي سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى ئامېرىكىدا كۆرگەنلەر. كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ھىچ بولمىدى دېگەندە كوچىدا ئېزىپ قالمىغۇدەك دەرىجىدە ئېنگىلىزچە مەلۇماتى بولىدۇ، قولىدا يېتەرلىك دەرىجىدە قانۇنىي رەسمىيەت، يانچۇقى بىرەر ئىش تېپىۋالغۇچە بەرداشلىق بەرگۈدەك دەرىجىدە توم بولىدۇ. ئەمما ئۇچۇپ كەلگەنلەر ئۇنداق ئەمەس. بۇلار  ئايرۇپىلاندىن ئىككى قولىنى بۇرنىغا تىقىپ چۈشكەندىن باشقا، بۇلارنىڭ پاسپورتىنىڭ يا بىرەر ۋارىقى يىرتىق ياكى ياماق ۋە ياكى پاسپورتىدىكى ئىسمى چاتاق (ئىسىم باشقا، ئادەم باشقا) قانۇنىي رەسمىيەتلەر پۈتكىچە باشنى نەگە تىقىش بۇ تائىپىدىكىلەر ئۈچۈن تۇنجى ئۆتكەل. ئامېرىكىدا «كۆچمەنلەر ئىشنى نۆلدىن باشلايدۇ» دېگەن گەپ بار، ئۇنداقتا ئۇچۇپ كەلگەنلەر ئىشنى نۆلنىڭ تۆۋىنىدىن باشلايدۇ. مۇئەللىپ  بۈگۈندىن باشلاپ تورداشلارغا ئەنە شۇ نۆلنىڭ تۆۋىنىدىن باشلانغان بىر ھاياتتىن ئارىيەلەر سۇنىدۇ. ئارىيەلەر چاتما ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە سۇنۇلىدۇ. 
    ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، تورداشلار چاتمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ ئارتۇقچە تەخمىنلەردە بولمىغاي. چاتمىدا مۇئەللىپنىڭ ئۆزىگە زىيىنى تەگكەن قايسى بىر شەخسلەرنى چوقۇۋېلىش ياكى نوقۇۋېلىش ۋە ياكى ئۆزىگە نېپى تەگكەن قايسى بىر زاتلارغا رەھمەت-ھەشقاللا ئېيتىۋېلىش غايىسى يوق؛ ئانا يۇرتقا بولغان ئىنتىلىش ياكى ياقا يۇرتتىن زېرىكىشلەردىن دەم ئۇرۇپ بىر مەيدان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىۋېلىش نىيىتىمۇ يوق؛ ئوخشاشلا، ئۆزى ياقتۇرمىغان-سەسكەنگەن قايسى بىر تۈزۈلمە ياكى قۇرۇلما ئۈستىدىن قاخشىۋېلىش ۋە ياكى ئۆزى سۆيگەن-سۆيۈنگەن قايسى بىر تۈزۈلمە ياكى قۇرۇلمىنى ماختاپ ئۇچۇرىۋېلىش مەقسىتى تېخىمۇ يوق. مۇئەللىپ پەقەت «نۆلنىڭ تۆۋىنىدىن باشلانغان ھايات مانا بۇ!» دېيىش ئارقىلىق تورداشلارغا بىر مەيدان كىنونىڭ پەيزىنى سۇنماقچى. قېنى مەرھەمەت، تۆۋەندىكىسى ئوننەچچە قىسىملىق بۇ كىنونىڭ مۇقەددىمىسى:

     فلورىدا شتاتىدىن چامادانلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ۋاشىنگىتونغا كەلگىنىمدە بېكەتتە كۈتۈۋالغان بىر دوستىمىز  بېشى قاتقان ھالدا  سورىدى: 
    -نەگە ئاپىرىپ قويىمەن؟
    -پالانچىنىڭ ئۆيىگە.
    - بىر كىشىلىك ئۆيدە ئۆچ كىشى تۇرىۋاتقان،  سىغامسەنكىن -تاڭ؟
    - ئۇنىڭ ئۆيىدە يەنە بىر بوش سافا (كىرىسلو) بار دەپ ئاڭلىدىم.
    - يېقىندا قوش كىشىلىك كارىۋاتتىن بىرنى قىستىغان، سافا جايىدا بولسىلا......
    ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندە يەنە مۇشۇ ۋاشىنگىتۇندا دەل مۇشۇ ئاغىنەم بىلەن ئارىمىزدا مۇنداق بىر دىئالوگ بولۇپ ئۆتتى: (سورىغۇچى ئۇ، جاۋاب بەرگۈچى مەن(
    -تېلىفۇن قىپتىكەنسەن؟
    - كەچتە ئۆيۈمدە مېھمان بار،  كېلىپ ئولتۇرۇپ كەت دېمەكچىدىم.
    -ئۆيلىرىڭنىڭ قايسىغا بارىمىز؟
    -  شېرۋۇد سىترىت (Sherwood Street) تىكىگە .
    - ئىجارىكەشلىرىڭنى نەگە ئورۇنلاشتۇردۇڭ؟
      .....................

    دېمەك، ۋاشىنگىتونغا بىر سافانى پاناھ تارتىپ كېلىپ، 5 يىلدىن كېيىن « ئۆيلىرىڭنىڭ قايسىغا» دېگۈدەك دەرىجىدە مال-مۈلۈكلۈك، «ئىجارەكەشلىرىڭ» دىيىلگۈدەك دەرىجىدە ئىش-ئوقەتلىك بولۇپ قالدىم. جەمئىي قانچە ئۆيلىگى ۋە قانچە  ئىجارىكەش ئىكەنلىكى سىر بولۇپ-تۇرغاي. چۈنكى بۇ ئاخىرقى پەللەممۇ ئەمەس؛ ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە يىقىلىش ۋە قوپۇشلار بار. چاتمىنىڭ بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىدا ئەنە شۇ  دەسلەپكى قېتىملىق دەس تۇرۇشتىن قىسسىلەر سۆزلىنىدۇ. 
     
    مەنبە: مىسرانىم تورى

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋاشىنگتون ئۇيغۇر