
بۇ توغىرلىق ئەمدى گەپنى ئۈزمىسەكمۇ بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالدى . تور بەتلەردە ئالىمجان توغىرلىق مۇنازىرىلەر قايناپ ، ئىلمى كەيپىيات بۇزۇلۇپ ، فىزىكىغا سۆگەل چىقىش ئالدىدا تۇرغاندەك قىلىدۇ . يېقىندا ئىچكىردىكى بىر ئەلپەنچى خەننىڭ ياسىغان ماتورى توغىرلىق خەۋەر تارقىلۋىدى ، نۇرغۇن تورداشلار بىزنىڭ ئالىمجان ئالىمجان ئاۋۋال ياساپ بولغان دەپ مەغرۇرلىنىشىپ كېتىشىپتۇ . تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك ئالىمجاننىڭ ماتورىنىڭ قانداق پىرىنسىپ ئاساسىدا ھەركەتلىدىغانلىقى ۋە ئىشلىتىش قىممىتى ھەققىدە ئالىمجاننىڭ ماتورى VS ئۇيغۇرنىڭ IQ سى دىگەن تېمىدا توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم . قىسقىسى ئالىمجاننىڭ بۇ ماتورىنىڭ ھاۋانى يېقىلغۇ قىلمايدىغانلىقى ، ھاۋانىڭ سىقىش كۈچىدىن پايدىلىندىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىشلىتىش قىممىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم . ئالىمجاننىڭ ئاتالمىش