
بۇ ناخشىنى داڭلىق ئۆزبىك ناخشىچىسى رەۋشەن كامىلوۋ (مۆمىنجاننىڭ مەربىيە دىگەن ناخشىسىنى ، ئۆزبىكچىگە ئۆزلەشتۈرۈپ ، نەرگىزە دەپ ئېيتقان فەررۇخ كامىلوۋنىڭ دادىسى ) ئۇرۇنلىغان بولۇپ ، ناخشىدىكى لىرىكلىق ۋە ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ھىسىيات ئادەمنى ھەقىقەتەن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ . بۇ ناخشىنى ئادەتتە ، بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن ، شۇڭا تورداشلارمۇ ئاڭلاپ باقسا دىگەن ئۈمىد بىلەن يوللىدىم ، ئاڭلاپ باقارسىلەر . ئۇرۇنلىغۇچى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە : رەۋشەن كامىلوۋ 1964 يىل 26 ئۆكتەبىردە ، تاشكەنت شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، 1971 يىلدىن 1979 يىلغىچە 39 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان . 1991 يىل ”كامالەت“ ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكىدە بىرىنچىلىككە ئىرىشكەن . 1994 يىل ”ئۇلۇغبېك“ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .