يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 4 - 2011 4 ئىنكاسلىق

پېقىر ئۇزۇندىن بۇيان بىلوگ ئېچىش ئويىدا بولغان بولساممۇ ، ئۇزاق ۋاقىت قولۇم خېمىردا بولۇپ قالدى . يېقىندىن بۇيان ، قولۇم سەل بوشاپ قاپتىكەن . مەزكۇر بىلوگىنى ئېچىپ قويدۇم . بىلوگىمىز WordPress سۈپىسى ئارقىلىق قۇرۇلغان بولۇپ ، ئىقتىدارى يامان ئەمەس . ئەمدىكى گەپ ، بىلوگقا مەزمۇن يوللايدىغان ئەبلەخكە باغلىق بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ . ئىشلىرىم جايىدا بولۇپ بەرسىلا بۇ بىلوگنىمۇ ئەل قاتارى يۈرۈشتۈرۈپ كىتەرمەن دەپ ئويلايمەن . ھەر قايسى تونۇش-بىلىش ، دوست يارەنلەرنىڭ ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ بىلوگىمىزغا ھەر ۋاقت ، ھەر جايدا تارتىنماي قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمەن . بىلوگىمىزنىڭ دەرۋازىسى ھەممىڭلارغا يىلدا 366 كۈن ، 13 ئاي ، ئايدا 32 كۈن ، كۈندە 25 سائەت ھاڭغىرقاي ئوچۇق .

4 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. چQunaxun مۇنداق يازغان:

    تاققا – تۇققا ، زەنجىر ھالقا ، مۇزاتتا ئوينايمىز رەڭگارەڭ يازما .

  2. ياخشى كىشى مۇنداق يازغان:

    تاققا – تۇققا ، زەنجىر ھالقا ، مۇزاتتا ئوينايمىز رەڭگارەڭ يازما .

  3. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    بىلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !!!

  4. قاينام مۇنداق يازغان:

    جانابى بۇزرۇكۋار خان ۋالىدى مۇزات بلوگىنىڭ تەئەللۇت بولغىنىنى تەبرىكلەيمەن .