جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 2000 نەپەر رايونلۇق رەھبەر ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى پايتەخت كابۇلدا چوڭ يىغىن ئېچىپ، كەلگۈسى ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە تالىبان بىلەن يارىشىش مۇساپىسىغا ئالاقىدار ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ قېتىمقى يىغىننى ئافغانىستان پىرىزدېنتى كارزاي ئاچقان بولۇپ، تالاش-تارتىش قوزغىغان ئامېرىكا ئافغانىستان مۇناسىۋىتى يىغىننىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان. پىرىزدېنت كارزاي 15-نويابر بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستان ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمىنى قوللايدىغان بولۇپ، پەقەت ئافغانىستان دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي قانۇنىغا ھۆرمەت قىلسا، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىسى بولسىلا بولىدىكەن. كارزاي يەنە 16-نويابردىكى يىغىندا ش ئا ئە ت ئىككىنچى تۈركۈمدە ئافغانىستاننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان رايونلارنىڭ تىزىملىكىنى جاكارلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. يىغىنغا قاتناشقانلار يەنە تالىبان بىلەن يارىشىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. تالىبان بولسا ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇتلىقىنى قوللىغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر قىسىم يىغىنغا قاتناشقۇچىلار تالىباننىڭ ھۇجۇم تەھدىتىنى تاپشۇرۇۋالغان. تالىبان يەنە يىغىننىڭ ئامانلىق ساقلاش لاھىيىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان، ئەمما ئافغانىستان ۋە غەرب ئەمەلدارلىرى يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كابۇل شەھىرى يۇقىرى دەرىجىدە ھوشيار ھالەتكە كىرگەن. ئافغانىستان ئەمەلدارى تېرورچىلارنى 4 كۈنلۈك يىغىنغا كاشىلا قىلىشتا ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (نەپرەت)