جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
سۇدان ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن جەنۇبىي سۇدان بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەل قىلىنماي كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قوشۇلدى.
سۇدان پىرېزېدىنتى بەشىر شۇ كۈنى پايتەخت خارتۇمدا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بارغان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇدان مەسىلىسى بويىچە ئالىي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق پىرېزېدىنتى مۇبېكى مۇنداق دېدى: كېلەر نۆۋەتلىك سۆھبەت مۇشۇ ھەپتە باشلىنىدۇ، جەنۇبىي سۇدان بۇندىن بۇرۇن سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى 22-نويابىر جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇباغا بېرىپ، جەنۇبىي سۇدان پىرېزېدىنتى كېلغا سۇدان تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يەتكۈزىدۇ.