ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

باروسسو: ئىتالىيە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا بازارغا قا

2011-يىلى11-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروسسو 22-نويابىر ئىتالىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى مونتى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئىتالىيە بازارغا قايتىش ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدىكەن، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قىسىش سىياسىتىدە قەتئىي بوشاشماستىن چىڭ تۇرۇشى كېرەك ھەمدە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. مونتى مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىتالىيە ئوتتۇرغا قويغان قىسىش ۋە ئىسلاھات پىلانىنى ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ، بۇ پىلان مالىيەنى مۇستەھكەملەش، ئېشىشنى قوزغىتىش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!