جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاندا 1-ئاينىڭ 10-كۈنى نەچچە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، پارتلاش يۈز بەرگەن كايبېر رايونىدا ئاز دېگەندە 35 ئادەم ئۆلگەن، 70 كە يېقىن ئادەم يارىدار بولغان. كايبېر رايونى ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستانغا تولۇقلىما يەتكۈزۈپ بېرىشتىكى ئاساسلىق رايون.
يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، كايبېر قەبىلىلەر رايونىنىڭ جامرۇد (Jamrud) بازىرىدىكى بىر سودا بازىرى يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، مەزكۇر ئەمەلدار ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ 35 كە يەتكەنلىكىنى، يەنە 69 ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى، 11 نەپەر يارىدارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
باشقا بىر ئەمەلدار:«دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بىر كىچىك يۈك ماشىنىسىغا ئورنىتىلغان يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان بومبا پارتلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك قىلىدۇ» دېگەن.
تالىبان ۋە ئەل قائىد تەشكىلاتى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال رايونىدا ناھايىتى جانلانغان بولۇپ، دائىم پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ.
(نەپرەت)